قۇربان تۇلۇم بوۋىنىڭ ئەۋلادى ئېلېكتىروۋزغا ئولتۇردى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   سۈرەت

قۇربان تۇلۇم بوۋىنىڭ ئەۋلادى ئېلېكتىروۋزغا ئولتۇردى

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇم بوۋىنىڭ ئېشەككە مېنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى مەملىكەت دائىرىسىدە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. 16 – نويابىر، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى كۈنىدە، قۇربان تۇلۇم بوۋىنىڭ نەۋرىسى ـــ كېرىيە ناھىيەسى قۇربان تۇلۇم مۇزېيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ياسىن مەمتىمىن ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا بارىدىغان ئېلېكتىروۋوزغا چىقتى.

ـ ‹‹ئىلگىرى بوۋام ئېشەككە مېنىپ بېيجىڭغا بارغان ئىكەن، ئەمدىلىكتە مەن ئېلېكتىروۋوزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىۋاتىمەن، شىنجاڭ قاتنىشىدا ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك چوڭ بولدى››. ئېلېكتىروۋوزنىڭ مېڭىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ياسىن مەمتىمىن ماۋجۇشى بىلەن قۇربان بوۋىنىڭ بىرلىكتە چۈشكەن سۈرىتىنى قۇچاقلىغىنىچە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياسىن مەمتىمىن: كېيىنچە شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ بېيجىڭغىچە بولغان بۆلىكى ئېچىۋېتىلگەندە، مەن يەنە بوۋامنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ بېيجىڭغا بارىمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى