شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   باش خەۋەر

شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى

 شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، توختىخان قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا يۇرتداشلارغا بەخت تىلىدى ھەم ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: نەۋرىڭىز رۇقىيەمنىڭ سالام خېتىنى كۆرۈپ، 90 ياشقا يېقىنلاپ قالسىڭىزمۇ سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، جەمەتىڭلاردىكى يۈز نەچچە كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدىم. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەر ۋە يۇرتداشلار ئارىسىدا ياخشى ئۈلگە تىكلىدىڭىز. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا، شىنجاڭنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم ئۆزىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ‹‹ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش››نى ئويلىغان، كېيىن رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئۇنى ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغان. كىشىلەر ئۇنى سەمىمىي ھالدا ‹‹قۇربان تاغا›› دەپ ئاتاشقان. توختىخان قۇربان قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى شى جىنپىڭغا سالام خەت يېزىپ، توختىغان قۇربانغا ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى، يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

توختىخان:

ياخشىمۇ سىز! نەۋرىڭىز رۇقىيەمنىڭ خېتىنى كۆرۈپ، 90 ياشقا يېقىنلاپ قالسىڭىزمۇ سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، جەمەتىڭلاردىكى يۈز نەچچە كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدىم. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەر ۋە يۇرتداشلار ئارىسىدا ياخشى ئۈلگە تىكلىدىڭىز. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېنىڭىز ساغلام، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، ئائىلىڭىز بەختلىك بولغاي، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ۋە يۇرتداشلارغا مەندىن سالام ئېيتقايسىز!

شى جىنپىڭ          

2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى