تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چېن چۈەنگو بايرام مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ھال سورىدى

  ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئىناق، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى «گۇيۈەن» كوچىسى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان مەھەللە كادىرلىرىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم مەھەللىدىكى «6:30 دەرسخانىسى» غا بېرىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى.

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمى ئۆتىشىگىلا جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرىنى سەمىمىي يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بايرام مەزگىلىدە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  چاقناپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى، قىپقىزىل پانۇسلار بايرامدا ئۈرۈمچىنى يىپيېڭى قىياپەتكە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى.

  ‹‹يولداشلار جاپا چەكتىڭلار! دۆلەت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، جۇڭچيۇ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!›› چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ‹‹گۇيۇەن›› كوچىسى مەھەللىسىگە بېرىپ، بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي ئىشلەۋاتقان مەھەللە كادىرلىرىغا بەخت تىلىدى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن: ‹‹خىزمىتىڭلار جاپالىقمۇ؟ كىرىمىڭلار قانچىلىك؟ ئامما قايسى مەسىلىلەرگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؟››... دەپ تەپسىلىي سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈكى ۋە ۋاسىتىسى، مەھەللە خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم. كۆپچىلىكنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئائىلىلەرگىچە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىناسىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى ‹‹6:30 دەرسخانىسى››دا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بالىلار چاڭچىلە – ئەلنەغمە ۋە خەتتاتلىقنى ئۆگىنىۋاتقان، جىڭجۈي تىياتىرىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتىۋاتقان، ھۆسنخەتلەرنى ناھايىتى چىرايلىق يېزىۋاتقانىدى. چېن چۈەنگو بالىلارنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىكنى كىچىكىدىن باشلاپ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، بىرلىكتە ياشاپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئىلگىرىلەشكە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  خەلقئارا چوڭ بازار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇھىم ساياھەت، سودا رايونى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ سىجىل كۆپىيىپ، كۈندە 60مىڭدىن 100 مىڭغىچە كىشى بۇ يەردە ساياھەت قىلىدىغان ۋە مال سېتىۋالىدىغان بولدى. چېن چۈەنگو چوڭ بازار ئەتراپىدىكى TS227 نومۇرلۇق خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا بېرىپ، بۇ جايدىكى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ج خ خەلق ساقچىلىرى قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىگە بايراملىق بەخت تىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خەلق ساقچىلىرى ‹‹خەلقنىڭ قوغدىغۇچىلىرى››، يولداشلار بايرام مەزگىلىدە ھېرىش – چارچاشتىن قورقماي، ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي، ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ چارلاپ، تىنچلىقنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. مەن كۆپچىلىككە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئامانلىقنى ساقلاش، چارلاش، مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىخەتەر، ئىناق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدە چېن چۈەنگو سىنلىق قوماندانلىق سىستېمىسى ئارقىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم بىر قىسىم ناھىيە، شەھەر، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىشتا، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە تۇتۇپ، ياخشى ھالەت، ئېسىل ئىستىل، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭدا تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، جۇ چاڭجيې، بەي جىجيې قاتارلىقلار ھال سوراشتا بىللە بولدى ياكى ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى