‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمى زور شەرەپ قۇچتى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمى زور شەرەپ قۇچتى

 مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باھالاشقا يوللىغان، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمى يېقىندا 14 – نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇش››قا تاللانغان ئەسەرلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى ھەم 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنىگىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالتۇن خوراز بەيخۇا›› كىنو فېستىۋالىدا قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمىدە ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرۇۋاتقان ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، ئايگۈل ئىسىملىك بىر قىزچاقنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان. فىلىمدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە يېڭى يۈكسىلىشلەر بولۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق تەسۋىرلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنغان.

 تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئابدۇغوپۇر ئابلىز مۇنداق دېدى: بىز ‹‹تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى›› فىلىمىنىڭ ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇش›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى 700 دىن كۆپرەك كىنو فىلىم ئىشلىنىدۇ، ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇش›› مۇكاپاتى ئىككى يىلدا بىر باھالىنىدۇ، بۇ فىلىمنىڭ 1400دىن كۆپرەك فىلىم ئىچىدىن تاللانغان 67 فىلىم قاتارىغا كىرەلىگەنلىكى ناھايىتى كاتتا شەرەپ. بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر كىنو فىلىملەرنى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا تېخىمۇ تونۇتىمىز.

 ئاكتىيور مېھرىگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: مەن بۇ فىلىمدە ئايگۈلنىڭ مومىسىنىڭ رولىنى ئالدىم، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 26 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالتۇن خوراز بەيخۇا›› كىنو فېستىۋالىغا كىنودىكى نەۋرەم ئايگۈل بىلەن قاتناشتۇق. بۇ فىلىمنى تاماشىبىنلار كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ كۆردى، تاماشىبىنلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىغا مەپتۇن بولۇپلا قالماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ناھايىتى ئىناق ئۆتۈۋاتقان بەختىيار تۇرمۇشىنى، ئەسەبىي ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىسىنى كۆردى، باھالىغۇچىلارمۇ فىلىمگە يۇقىرى باھا بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى