ئەلگە ياققان خىزمەت ئەترىتى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئەلگە ياققان خىزمەت ئەترىتى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئادالەت ئابدۇۋەلى، نۇرىمانگۈل ئوسمان

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرىنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

بۇ نازارەتنىڭ ئالاقاغا بازىرىدا تۇرۇشلۇق 16 خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھەممە كەنتتە ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى قۇرۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى. چوققا بوستان كەنتىدىكى ھەسەنجان تۇرسۇن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە مەھەللىسىدە ئاشخانا ئاچتى. ئۇ ھازىر كۈندە 100 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدىغان بولدى.

ئالاقاغا بازىرىنىڭ ئىنچىكە ئېرىق كەنتىدە يەسلى يوق ئىدى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار يەسلىدە ئوقۇش ئۈچۈن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چوققا بوستان كەنتىگە باراتتى، بولۇپمۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلىدە، بالىسىنى ئاپىرىپ- ئەكىلىش دېھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالغانىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، 200 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ توپلاپ، بۇ كەنتتە يېڭىدىن 400 نەچچە كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە يەسلى قۇرۇپ بەردى، ھازىر يەسلىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى، بۇ يىل 9- ئايدا ئوقۇش باشلىنىشى بىلەنلا، بۇ كەنىتتىكى بالىلار مەھەللىسىدە يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولدى.

بۇ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «بىر ئائىلىدە بىر ھۈنەرۋەن بولۇش» نامراتلارنى يۆلەش تەپەككۇرى بويىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كىرگۈزۈش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بەردى. بۇلتۇر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەسپىي ماھارەت بويىچە 4800 كىشىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ 10 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئالاقاغا بازىرىنىڭ چاڭگا كەنتىدە 8.6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆستەڭ بار ئىدى، ئۆستەك ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، تۆۋەن ئېقىندىكى 4000 مو يەرنى سۇغىرىش قىيىن بولۇپ، بۇ ئىش دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەنىدى. بۇ نازارەتنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بىلەن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەر تۈزلەش، يول، تاش ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى تۈرىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، قۇرۇلۇشلار پۈتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

چاڭگا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇڭ چۈنلېي مۇنداق دېدى: بۇ ئۆستەڭگە 4 مىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىنغان، بۇ ئۆستەڭ پۈتكەندىن كېيىن، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، دېھقانلارنىڭ چىقىمىنىمۇ ئازايتقىلى بولىدۇ. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ نازارەتنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ھەر يىلى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىغا «قەلب كۆۋرۈكى» سېلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئامما بىلەن ھەقىقىي ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

بۇ نازارەتنىڭ ئالاقاغا بازىرى قىتات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۇڭ ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نەزەرىيە جەھەتتىكى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قاپتىكەنمەن، بۇ قېتىم نەزەرىيەۋى بىلىمىمنى ئەمەلىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، باش نىشانغا بولغان تونۇشۇم يەنىمۇ ئۆستى. بىز ھەر كۈنى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئامما بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىمىز، بەزىدە بىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ مۇرەككەپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، مەسىلە ھەل قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن ئۇسۇللارنى ئۆگىنىۋالدۇق. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بولغان تونۇشىمىز ۋە چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، كەنتكە كەلگەندىن كېيىن ئەمەلىي خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى ھەم ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشەندىم، بۇنىڭ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمگە بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى