تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ليۇ جىخۇەي: شىنجاڭغا ئۈچ قېتىم نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەنلىكىمدىن ئۆكۈنمەيمەن

ئالتۇن كۈز مول ھوسۇل ئالىدىغان ھەم ئالدىراش پەسىل. مەكتەپتە ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جىخۇەي بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ليۇ جىخۇەي مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغاندىن باشقا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇ: مەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كادىرنىڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر كىشى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن، دېدى.


  بۇ يىل 2- ئايدا قومۇل شەھىرىگە 9- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار كەلدى، بۇ تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار ئىچىدە تونۇشلۇق بىر سىيما بار بولۇپ، دەل خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى مائارىپ تېخنىكا مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالىي ئىنژېنېر ليۇ جىخۇەي ئىدى. ئۇ ئۇدا ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كېلىپ، قومۇلدا ئۈن- تىنسىز يەتتە يىلغا يېقىن تۆھپە قوشقان؛ 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا «مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سايلانغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر. ئۇ ساپ قەلبى بىلەن قومۇلنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ھەقىقىي مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى شەرھلىدى.

    قابىلىيەتسىزلەردىن بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ

  ليۇ جىخۇەي 2010- يىلى 12- ئايدا 7- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن قومۇلغا كەلگەندە، قومۇلنىڭ كەسپىي مائارىپ زور تەرەققىياتىغا، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش مەزگىلىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەنىدى. ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە دەبدەبىلىك چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ، لېكىن قابىلىيەتسىزلەردىن بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  ليۇ جىخۇەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇلۇشى، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى، خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشتى.

  ليۇ جىخۇەي قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ قۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا «رەقەملەشكەن مەكتەپ ئالاھىدە تۈرى» قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. ئىنستىتۇتتا كەسپىي قۇرۇلۇش خادىملىرى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ لايىھە تۈزۈش ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا قاتناشتى. ئۇ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تەخمىنەن 500 مىڭ خەتلىك 12 پارچە لايىھە، 12 پارچە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى، شۇنداقلا يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. ھازىر ئىقتىدارى سەرخىل، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، مەملىكەت بويىچە ئوخشاش تۈردىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئىلغار ئورۇندا تۇرىدىغان رەقەملەشكەن مەكتەپ قۇرۇلدى.

    كەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قالدۇرۇش

  قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئەسلىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بولۇپ، 2014- يىلى ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. ليۇ جىخۇەي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئۆگىتىش نەتىجىسىدە ئىنستىتۇت ئۇچۇر تورى مەركىزىدىكى تۆت تېخنىكنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى تېز ئۆستى. ئۇ يەنە ئىنستىتۇتتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن بارلىق كادىرلاردىن دەرس بېرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئۆز تېخنىكىسى، ئىدىيەسىنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ 3- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن توققۇز ئوقۇتقۇچى بىلەن ئون كەسپىي ئوقۇتۇش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، مەكتەپ ئۈچۈن كەتمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە تېخنىكا قوشۇنىنى قالدۇردى.

  ليۇ جىخۇەي: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار خېنەن بىلەن قومۇلنىڭ كۆۋرۈكى ۋە رىشتىسىگە ئايلىنىشى كېرەك، دېدى ھەم شۇ بويىچە ئىش كۆردى. ئۇ ئۆزىنى ئەۋەتكەن ئورۇن، يەنى خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق كەسىپلەر ئوقۇش تارىخىغا ئىگە 23 ئوقۇتقۇچى، قۇرۇلۇش ماگىستىردىن 15 نى ھەقسىز تەربىيەلەپ بەردى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئون كومپيۇتېر، ئىنستىتۇت ۋە قومۇل شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىگە ئىككى يۈرۈش پىرويېكتور ھەدىيە قىلدى، بۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى تەسىس قىلدى ھەم 2015- يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى؛ دوكتور، پىروفېسسورلارنى قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا كېلىپ، تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، مەخسۇس تېمىلىق تور پونكىتى قۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. خېنەندىكى قېرىنداش مەكتەپلەرنىڭ ھەر بىر قېتىملىق قىزغىن، خالىس ياردىمىگە ليۇ جىخۇەينىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە تۆلىگەن بەدىلى مۇجەسسەملەنگەن.

    تۇنجى ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتى قۇرۇش

  قومۇلنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلما تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا، شۇنداقلا كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ليۇ جىخۇەينىڭ تىرىشىشى بىلەن، خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتى 2014- يىلى رەسمىي قۇرۇلدى. تەتقىقات يۇرتى قومۇل سانائەت رايونىنىڭ شىمالىدىكى گۈللەنمە كەسىپلەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ 41 مىليون يۈەنلىك مەبلىغىگە ئېرىشكەن، ھازىر بۇ تۈردە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى.

  ئىنستىتۇت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋجىڭ مۇنداق دېدى: ليۇ مۇدىر مەكتەپنى ئائىلىسى دەپ بىلىپ، دائىم ئىسمېنا قوشۇپ، كەچ سائەت 12 دىن ئاشقىچە ئىشلەيدۇ. ھەپتە ئاخىرلىرىدىمۇ دەم ئالمايدۇ. ليۇ مۇدىر قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندا، بەزى چاغلاردا مەكتەپنىڭ ئاپتوموبىلى يېتىشمەي قالىدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇ ئۆزى تاكسى توسۇپ بارىدۇ.

    ئۈچ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قەلبىدىكى قىيالماسلىق بىلەن چېتىشلىق

  ليۇ جىخۇەي قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ گۇۋاھچىسى ھەم قۇرغۇچىسى. ئۇ ئۈچ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا، قومۇلنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىدى.

  ليۇ جىخۇەي نېمە ئۈچۈن شىنجاڭغا ئۈچ قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كېلىدۇ؟

  ليۇ جىخۇەي ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈچ قېتىم كەلگەنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قومۇلدا مەن ۋاز كېچەلمەيدىغان ئىشلار بار، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشىنى بىر كۈندە تاماملىغىلى بولمايدۇ، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا 2014- يىلى 6- ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىلغان بولسىمۇ، بىراق رەقەملەشكەن مەكتەپ ئالاھىدە تۈرى تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنېرگىيە كەسپى تەتقىقات يۇرتىمۇ قۇرۇلۇۋاتىدۇ... بۇ خۇددى بالا باققانغا ئوخشايدۇ، بالامنىڭ قاناتلىرى تېخى تولۇق يېتىلمەي تۇرۇپ، كېتىشكە قانداقمۇ كۆزۈم قىيسۇن؟

  ليۇ جىخۇەي مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەربىيەلىگەن «بالىسى»نى دەپ ئاتا- ئانىسى، بالا- چاقىلىرى ئالدىدا قاتتىق ئۇيۇلدى، ئانىسى كېسەل بولۇپ، ئورنىدا يېتىپ قېلىپ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمىدى، دادىسىنىڭ ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولۇپ قالسىمۇ، يەنە ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولدى، قېيىنئانىسى، قېيىنئاتىسىنىڭ سالامەتلىكىمۇ دېگەندەك ياخشى بولمىغاچقا، خوتۇنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەندىن تارتىپ تاكى بۇ يىلغىچە يەتتە يىل بولدى، ليۇ جىخۇەيگە نىسبەتەن قومۇلنىڭ بارلىقى تونۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ قومۇلنى ئۆزىنىڭ 2- يۇرتى دەپ بىلدى. ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: يىل بويى ئاتا- ئانام ۋە ئائىلەمدىكىلەردىن ئايرىلىپ، پات- پات يۇرتنى سېغىنىش ئازابىنى تارتقان بولساممۇ، بىراق ئىنستىتۇتنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرى، كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرگەن چېغىمدا، تۆلىگەن بەدىلىمنى ھەقلىق، دەپ قارىدىم. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان چېغىمدا قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرسلۇق مەكتەپلەر قاتارىغا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەتجان ياسىن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى