ياسىن ئىبراھىم
ئادەتتە يان تېلېفون، ئىنتېرنېت تورى، ئاپتوماتىك كاسسا، پاي چېكى بازىرى، نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، تېز قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاتارلىقلار سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىدۇ، ئەگەر سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كەتسە، يۇقىرىقىلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ يول باشلاش ئارقىلىق تېجەپ قېلىنىدىغان ماشىنا ھەيدەش ۋاقتى 1 مىليارد سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىكەن. تېجەپ قېلىنىدىغان يېقىلغۇ 3 مىليارد 800 مىليون لىتىردىن ئېشىپ 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى تېجەپ قالغانغا باراۋەر بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي قىسىملارنىڭ سۈنئىي ھەمراھقا تايىنىشىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ يول باشلايدۇ ۋە نىشانلارغا توغرا زەربە بېرەلەيدۇ.
ھازىر يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىغا تايىنىشى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تاللىيالايدۇ، يەر يۈزى يول باشلاش رادىيو ئىستانسىسىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. يەر شارى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى ھاۋارايىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپلا قالماستىن، يەنە ئەتىكى ھاۋارايىنى ئالدىن مۆلچەرلىشىمىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاپەت خاراكتېرلىك قاتتىق بوران ياكى دالا يانغىنلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، بۇ ئاپەتلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قايسى جايدا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.