تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەختىيار خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (3)

  لى چۈنشيا

 مول ھوسۇللۇق ئالتۇن كۈزدە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى تۆگىچى كەنتىدىكى شېرىپ راخمان بەختىيار تۇرمۇشىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ‹‹ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش›› ئۆيىگە كۆچۈپ كىردۇق، سۇ، توك، يوللار راۋانلاشتى، بالىلىرىمىز ھەقسىز ئوقۇيدىغان بولدى، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرالايدىغان بولدۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.

 خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئالدى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ياراتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، ئىناق، بەختىيار يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

 توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق ئاتا قىلدى

 ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىدىكى تۇنىساخان مامۇت 10–ئاينىڭ 6–كۈنى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش توغرىسىدا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: يېشىم چوڭىيىپ قالدى، پۇت – قوللىرىمدا ماغدۇر يوق، دوختۇرلار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيۈمگە كېلىپ، سالامەتلىكىمنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن بەك ياخشى.

 ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2016–يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈتىلىدىغان بولدى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشكە جەمئىي 1 مىليارد 499 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 17 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

  بۇ يىل 2–نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشنىڭ سېلىنمىسى داۋاملىق كۆپەيتىلىپ، 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىش مۆلچەرلەندى. 9–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 15 مىليون 503 مىڭ كىشى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %83.03كە يەتتى.

 ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش شىنجاڭ تارىخىدىكى مىسلىسىز ياخشى سىياسەت، بۇ سىياسەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭدا خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇنداق ئىجادىي تەدبىرلەر ناھايىتى كۆپ.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش، ئەمىن تاپقۇزۇش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

 بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى يېزا – كەنتلەردە يېڭىدىن سېلىنغان ۋە كېڭەيتىپ سېلىنغان سۈپەتلىك، مۇھىتى ياخشى، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق 4408 يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى تولۇق ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، يېزىلاردىكى يەسلى يېشىدىكى 1 مىليون 176 مىڭ 200 بالىنىڭ يەسلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ‹‹قۇرۇشقا تېگىشلىك يەسلىلەرنى تولۇق قۇرۇش››، ‹‹يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىك بالىلارنى تولۇق يەسلىگە كىرگۈزۈش›› نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى دىلشات قېدىرخان مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مائارىپتا بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۈمىدى ئەتراپلىق، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتا.

 ئاپتونوم رايونىمىز 2016 – يىلى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويدى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىدا شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئاھالە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شىنجاڭ نوپۇسىدا بولمىغان ئاھالە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن خىزمەتچىلەر كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزۈلدى؛ شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتۇرۇلدى. بۇ ئىككى سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، بۇ سۇغۇرتىلار ھەقسىز، شەخسلەر ھەق تۆلىمەيدۇ، سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

 خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى بىر – بىرلەپ يولغا قويۇلدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى. زور سېلىنمىلار 23 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ‹‹ھەقىقىي بەخت›› تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

 خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ھەر بىر كىشىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى

 ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، بىرمۇ كىشى سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئەڭ تۈپ، ئەڭ تەخىرسىز خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئىللىقلىقىدىن ھەر بىر كىشىنى بەھرىلەندۈردى.

 شىنجاڭ ‹‹شۆفېڭ›› پەن – تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇرېھىم مەتكېرىم 10– ئاينىڭ 5 –كۈنى مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدىن ئۈچەيلەن مۇشۇ يەردە ئىشلەيمىز، ئايلىق كىرىمىمىز 6000 – 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

  شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ ‹‹كۆزى››، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 4 – ئايدا قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلاپ، ئۈچ يىلدا 100مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. 8–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 38 مىڭ 163 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئىگەرچى كەنتىدىن كەلگەن ئابدۇرېھىم مەتكېرىم شۇلارنىڭ بىرى. ئابدۇرېھىم مەتكېرىمنىڭ ئائىلىسىدە ئالتە جان بار، ئىلگىرى بەش مو يەرگىلا تايانغاچقا، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. ھازىر، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچەيلەن كارخانىدا ئىشلەيدۇ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشتى، ئۇ بۇ ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، جان – دىل بىلەن ئىشلىدى.

 بىر جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ‹‹تۆۋەن چەك›› ئۆلچىمىدىن ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىيىم – كېچەك، تاماق، تۇرالغۇ، قاتناش، ئامانلىق، غەم – قايغۇ مەسىلىلىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنلارغا ‹‹بىرمۇ بىر›› ياردەم قىلىنىپ، ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ئاز بولغاندا بىرەيلەننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

 ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ <ئۈچ بىر تۈركۈم> ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› ئېغىر كېسەل، سوزۇلما كېسەل، خەۋپلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نامرات ئاھالىلەرنى مەنپەئەتلەندۈردى، ئۇلار تۈركۈم بويىچە داۋالىنىپ، تولۇق داۋالىنىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

 نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيە، شەھەرلەردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ‹‹يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى›› يولغا قويۇلۇپ، يىراق، چەت رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن چىقمايلا ئىسسىق تاماق يېيەلەيدىغان بولدى، بۇ پىلان 1 مىليوندىن كۆپ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.

 ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپتا دەل جايىدا ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 608 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تۈرگە ئايرىپ، ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قېلىشىغا يول قويمىدى.

 ئاپتونوم رايونىمىز 380 مىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئوبيېكتى، چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى نوپۇسى ۋە بىرىنچى سەپتىكى نامرات چېگرا ئاھالىسىنى يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى بايقۇرۇت كەنتىدىكى ئۆمۈرئەلى ئامات مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر بىر ئايدا 2000 يۈەن تولۇقلىما پۇلى ئالىمەن، ھۆكۈمەت ئائىلىمىزدىكى ئۈچەيلەننى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى››. ئۇنىڭ چېگرا قوغداۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولدى، بۇ بىر قانچە يىلدا، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ تولۇقلىمىسى ئەسلىدىكى 200 نەچچە يۈەندىن 800 يۈەنگە ئۆرلىدى، ھازىر 2000 يۈەنگە يەتتى، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى.

 ئىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، ‹‹كەمتۈكلۈك›› تولۇقلىنىپ، ‹‹تۆۋەن چەك›› ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

 ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان يېڭى تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلىشىلدى

 خەلق تۇرمۇشىدا ئاخىرقى نۇقتا يوق، پەقەت يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان يېڭى تەقەززاسىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىلەندۈردى.

 بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى دېھقان ليۇ پەنيۈن بورتالا شەھىرى گۈلىمتۇ كوچا باشقارمىسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى مەركىزىدە يېتىپ داۋالاندى، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا جەمئىي 1268 يۈەن كەتتى، دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ 1043 يۈەننى ئاتچوت قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېنىدىن 200 نەچچە يۈەنلا تۆلىدى. ليۇ پەنيۈن مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا تاللايدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى ئورگانلىرى كۆپەيدى ھەم قولايلاشتى.

 بۇلتۇر 6 – ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورناتتى. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە بىرلەشتۈرۈش تاماملاندى، باشقا توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىلەن شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەڭ يولغا قويۇلىدىغان ئۆتكۈنچى باسقۇچقا كىردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى داۋالاش – تۇغۇت سۇغۇرتا باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى خې لياڭ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش شەھەر بىلەن يېزىنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىيدىغان توساقنى بۇزۇپ تاشلىدى، ‹‹ئوخشاش كېسەلنىڭ تەمىناتى ئوخشىمايدىغان›› ئەھۋال تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلدى.

 تۈزۈم قورشاۋى بۇزۇپ تاشلىنىپ، باراۋەرلىك، ئادىللىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ئىسلاھاتىدا ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ تەكىتلەندى.

 يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، تېخىمۇ ئادىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئورنىتىشتا مۇھىم قەدەم تاشلاندى.

 بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار زور نەتىجىلەر كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى:

 ─ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليون 849 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن جەمئىي 10 مىليون 950 مىڭ(قېتىم)ى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %85تىن يۇقىرى بولدى. پۇقرالارنىڭ ‹‹تاماق قاچىسى›› بارغانسېرى مۇقىم بولدى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ‹‹كىشىلىك ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىش›› پۇرسىتى بارغانسېرى كۆپەيدى.

  مائارىپ تېخىمۇ ئادىللاشتى. 2012 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مائارىپقا سېلىنغان سېلىنما جەمئىي 287 مىليارد 50 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا 828 مەكتەپ، 596 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى كۆپىيىپ، شىنجاڭچە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندى.

  كاپالەتلەندۈرۈش سۈپىتى كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىق، تۇغۇتتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 25 مىليون 536 مىڭ 700(قېتىم)غا يەتتى. 2017 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلاردا ئۇدا 13 – قېتىم، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىككىنچى قېتىم كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشىدى، تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 3544 يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 300 مىڭ كىشى مەنپەئەتلەندى.

  داۋالىنىش تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكى تولۇق ھەقسىز تەكشۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)، يېزا – بازار(كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)تىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك شەكىلدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش››ى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى ئۆستى، يېنىك كېسەللەر يېزىدىن، ئېغىر كېسەللەر ناھىيەدىن، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس، خەۋپلىك كېسەللەر شىنجاڭدىن چىقماسلىق تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، جەمئىي 116 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 1 مىليون 500 مىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلۈپ، 6 مىليونغا يېقىن دېھقان – چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى؛ 929 مىڭ 700 يۈرۈش كەپە ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، 2 مىليون 300 مىڭ كەپىلىك مەھەللە ئاھالىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ‹‹كەپە ئۆيدىن بىناغا كۆچۈش›› ئارزۇسىغا يەتتى.

 خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا مۇناسىۋەتلىك، ئەلرايى خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ، خەلقنىڭ كۈچى بەخت يارىتىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىنى نامايان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى پۇختا قەدەملىرىنى خاتىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 23 مىليوندىن كۆپرەك ئاممىنىڭ تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل بولغان بەخت سەھىپىسىنى پۈتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى