تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   باش خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

 يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخانغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى دائىم كۆڭلىگە پۈكۈپ، شەخسەن ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈندە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، توختىخانغا جاۋاب خەت يازغانلىقى باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئۈچۈن زور مەدەت، ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بېرىلگەن تېخىمۇ زور مەدەت ۋە تۈرتكە ھېسابلىنىدۇ. بىز جەزمەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشىمىز، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى بويىچە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. مۇھىم جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىشى، چوڭقۇر ئۆگىنىشى، جايلار ۋە تارماقلار مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئۆگىنىشى، سۆھبەت يىغىنى شەكلىدە ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىكىلەر ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىلدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئۆگىنىشكە ياخشى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ياخشى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى تاراتقۇلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس ئىستون ۋە مەخسۇس تېمىلارنى تەسىس قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ خەۋەر قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا يەنىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ياخشى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەم شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، باشتىن – ئاخىر ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىدىيەسىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈشى كېرەك. ياخشى يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى قۇربان تۇلۇمنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى توغرا ئىگىلەش، باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. باش نىشان ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى ھەقىقىي يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، يادرولۇق ۋەزىپىسى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەشۋىق – تەربىيەنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشىنى كۈچەيتىش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇرۇق – تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشىنى، ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، خەلق ئاممىسىنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش كېرەك؛ كادىرلار ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش، ئالىيجاناب بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىش، ئىشنى چاقماق تېزلىكىدە قىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئاساسىي قاتلامغا، ئالدىنقى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىغا، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىش، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ تەرەققىياتقا دائىر ئىشلارنى ياخشى قىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئەلگە پايدىلىق، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر – مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى