پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدۇرايلى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   باش سۈرەت

پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدۇرايلى

13-ئۆكتەبىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى ئىككى قېتىم رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى ۋە  قۇربان تۇلۇم تاغىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 13-ئۆكتەبىر چۈشتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى ئىككى قېتىم رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلىدى.

بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇنقى قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھېكايىسى ھەممەيلەنگە تونۇش؛ 50 يىلدىن بۇيان، قۇربان تاغىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باشتىن-ئاخىرى پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا تۆھپە قوشۇپ كەلدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قۇربان تاغىنىڭ 87 ياشقا كىرگەن چوڭ قىزى توختىخان قۇرباننىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قۇربان تاغىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇڭدىشىپ، قۇربان تاغىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتى، ئىتتىپاقلىق مۇھەببىتى توغرىسىدا پاراڭلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى