تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   خەۋەر

تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا يازغان جاۋاب خېتى يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى كۈچلۈك ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

 بۇرچنى ئادا قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى يۆجىڭ ئۆستەڭبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، كەنتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇربان تۇلۇم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۆگىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئانار دەرىخىنىڭ تېخىمۇ تاتلىق مېۋە بېرىشىگە كۈچەيمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 2 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى لى ۋېيخۇڭ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچ قوشىمەن.

چۆچەك شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىر تۇرسۇن جۇمابېك مۇنداق دېدى: بىز پېشقەدەم كادىرلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمنى قۇربان تۇلۇمدەك پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

باھارگۈل نىغمەت جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جىمىسار بازىرى مەنچىڭ يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلەردە باشلامچى بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوست بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولىمەن.

 پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش

خوتەن ۋىلايىتىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى تامباغ كەنتىدىكى غۇجامنىياز مەتروزى مۇنداق دېدى: مەن قۇربان تۇلۇمنى ئۈلگە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولۇپ، باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بىلەن كۈرەش قىلىمەن.

جەنۇبىي شىنجاڭدا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇۋاتقان، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كادىرى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقىي ياخشىلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى، يۇرتنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى!

تولى ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى فۇشىڭ يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چىن خەيشيا مۇنداق دېدى: قۇربان تۇلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكى نەچچە ئەۋلاد كىشى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، پارتىيەگە بولغان بۇ خىل كۈچلۈك ھېسسىيات كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. بىز پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئىبارەت بۇ روھنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىز كېرەك.

 بۇ غەمخورلۇقنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرايلى

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى يىدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە قۇربان تۇلۇمنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈلگىسى بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى كەسپىي ساپا ۋە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئوبرازىنى ياخشى تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمىز.

جىمىسار ناھىيەسى لاۋتەي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ماۋ رۈي مۇنداق دېدى: مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى خىزمىتىمدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ مۇقىم، ئىناق، باياشات شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا يېتەكلەيمەن.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاراقاش ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خاۋ مۇنداق دېدى: قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدا خىزمەت قىلىدىغان ئېلېكتىر خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بىز نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ توك ئىشلىتىش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ياسىن ناسىر مۇنداق دېدى: قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىناق – ئىتتىپاق، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرىمىز.

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تۇردى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەل باغلىدۇق.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى خانقىز ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى