تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   ئوبزور

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توختىخان قۇربانغا يازغان جاۋاب خېتىدىكى ‹‹سىلەرنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش، يۇرتداشلار بىلەن بىللە، ... ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېگەن سەمىمىي ھاۋالىسى باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدى، شۇنداقلا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىدىن كۈتكەن گۈزەل ئۈمىدى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن 50 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ ‹‹ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان››لىقى توغرىسىدىكى ھېكايە چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى سۆيۈدىغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا دائىر ئېسىل ھېكايە بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلدى. 50 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى؛ ئاق خالاتلىق پەرىشتە ۋۇ دېڭيۈن ئۆز تېنىدىن تېرىسىنى كېسىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاغرىقلىرىغا كۆچۈردى؛ ئۇيغۇر موماي ھەنىپە ئالىمئاخۇن ھەر مىللەتتىن بولغان ئون نەچچە يېتىم بالىنى ئۆز بالىلىرىدەك كۆرۈپ بېقىپ قاتارغا قوشتى؛ ‹‹ئاددىي ساخاۋەتچى›› ئالىم خالىق كاۋاپ سېتىپ تاپقان پۇلىنى يۈزدىن ئارتۇق نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى... مانا مۇشۇنداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى بىر قاتار ھېكايىلەر ھەر مىللەت خەلقىنىڭ‹‹ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش››ىدىن ئىبارەت ھەقىقىي ھېسسىياتقا سىڭىپ كەتتى.

شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر پائال قانات يايدۇرغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى قەتئىي تەۋرەنمەي سەپەرۋەر قىلىندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى شىنجاڭ زېمىنىدا ياڭرىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات، ئالغا بېسىشنىڭ ئۇل تېشى. يەنە شۇ يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ئۇزاق مەزگىلدىن ئېيتقاندا يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. بۇ ئاددىي ۋە ئوبرازلىق ئوخشىتىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. 2015 -يىلى چاغاندىن ئىلگىرى ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 13 مۇنەۋۋەر ۋەكىلنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى، كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشقا، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە قاراپ باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىشكە، سىردىشىشقا، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بىرلىكتە قوغداشقا رىغبەتلەندۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئىجادىيلىققا باي يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلىرى يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى، ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر ئىدىيە، تونۇش ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. بىز زور كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە تەرەققىي قىلدۇردۇق؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە تەرەققىي قىلدۇردۇق. نۆۋەتتە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى شىنجاڭ زېمىنىدا داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش جەريانىدا داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ زور كۈچى مۇجەسسەملىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز كامىل. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر ھاياتلىق جان تومۇرى››نى سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى قىلىپ، ئۇنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئىناق ئۆتۈپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئەمدىكى گەپ ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ‹‹ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش›› باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسى. مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈلۈك تېما، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى.

ھەر مىللەت قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ، چوڭقۇر رىشتە باغلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بۇ ئانار دەرىخىنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ يېتىشتۈرسەكلا، ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىپ، شىنجاڭ زېمىنىنى ئەڭ گۈزەل زېمىن قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى