تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   ئوبزور

پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا مۇھىم جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقى باش شۇجىنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپلا قالماي، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى.

پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتى دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇردۇر. «قۇربان تۇلۇمنىڭ ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان»لىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. بۇ، ئېكسپلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان دېھقاننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئازادلىققا چىقىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگودا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى چەكسىز شادلىققا چۆمگەن ھېسسىياتىنى، قۇربان تۇلۇم ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ يېڭى جۇڭگوغا، قەدىرلىك داھىيسىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا دادىل قەدەم تاشلىدى.

پارتىيەنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئۈزۈلمەس ئېقىندۇر. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تارىختىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاپ كەلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن نۇرغۇن قان- تەر ئاققۇزدى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېنىق بېكىتتى. بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن رامكىلىق بېغىشلىمىنى يېزىپ بەردى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى مۇجەسسەملەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل غەمخورلۇقى ۋە مەدەت بېرىشى، مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشى بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

چىن ھېسسىيات بولىدىكەن چىن مۇھەببەت بولىدۇ، مېھىر- شەپقەت بولىدىكەن، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش بولىدۇ. پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ئاللىبۇرۇن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل مەيدانغا كەلدى. لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ئاممىنى يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بىرمۇ ئىھاتە ئورمان، بىرمۇ سالا ئېتىز يوق، تەبىئىي ئاپەت ئۈزۈلمەيدىغان نامرات كەنتنى سوتسىيالىستىك يېڭى كەنتلەرنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. مارالبېشى ناھىيەسى چوڭقۇرچاق يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت ھاشىم يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئائىلىسىدىكى بەش كىشىدىن ئايرىلىپ قالدى، لېكىن ئۇ غايەت زور ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، يۇرتداشلىرىنى باشلاپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇرت- ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا ئاتلىنىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ «تۈۋرۈكى»، «تايانچى»غا ئايلاندى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى. يېڭى ئۇزۇن سەپەردە، بىز جەزمەن قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭ گەرچە پايتەخت بېيجىڭدىن خېلى يىراقتا بولسىمۇ، ھەر مىللەت كادىر-ئامما چىن قەلبىمىزدىن باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چەمبەرچاس باغلىنىشىمىز، زىچ ئويۇشۇشىمىز؛ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىمىز؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ھەر مىللەت خەلق ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.

پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسى ۋە ھەرىكىتى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ شەرەپ قۇچقان ئەمەس. ۋەتەننىڭ گۆھەر زېمىنى بولغان شىنجاڭ ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى»بولۇشتەك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ئورنىدا تۇرغان ئەمەس. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ھەر مىللەت خەلق ئېجىل- ئىناق ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىناق تەرەققىي قىلىش، يۇرت- ماكاننى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسى، شۇنىڭدەك پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى.

بىز جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان چىن مۇھەببىتىمىز ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىناق-ئىتتىپاق، باي-باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى