تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   باش سۈرەت

چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن لى پېڭشىن كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ، باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى

13-يانۋار، توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر ھاياجان ئىلكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇماقتا. 

جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى لى پېڭشىن 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىگە بېرىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ توختىخان قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

توختىخان قۇربان ھەممىگە تونۇشلۇق قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى، ئۇ بۇ يىل 88 ياشقا كىردى. بۇ موماينىڭ تەلىپى بويىچە نەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ھەم ھازىرقى خوتەننىڭ، ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يازدى ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە يۇرتداشلاردىن ھال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

لى پېڭشىن 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى توختىخان موماينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. توختىخان موماينىڭ نەۋرىسى رۇقىيەم جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈنلۈك ئوقۇدى، نەق مەيداندىكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر ۋە يۇرتداشلار خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، ئۇزاققىچە قىزغىن چاۋاك چالدى.

توختىخان موماي تەسىرلىنىپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى، ئۇ جاۋاب خەتنى تۇتقىنىچە مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ئائىلىمىزدىكىلەرنى ۋە ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت! باش شۇجىغا رەھمەت! بىز جەزمەن دادام قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ئۈلگىلىرىدىن بولىمىز.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىمىز، شىنجاڭ گەرچە بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەك بولۇشىنى، بىر تۇتاش بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىمىز.

لى پېڭشىن جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا، شۇجى چېن چۈەنگوغا ۋاكالىتەن توختىخان موماينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى ھەم ئۇلارغا ھال سوراش بۇيۇمى بەردى. لى پېڭشىن قايتىش ئالدىدا توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەندىكى چوڭ سۈرىتى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى توختىخان موماينىڭ 100 ئادەمدىن ئاشىدىغان چوڭ ئائىلىسىنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ كەلگەن ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ چەكسىز خۇشال قىلدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ جاۋاب خەت يازغانلىقى توغرىسىدىكى زور خۇشاللىقنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك ئالىيجاناب روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مەقسەتتە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى