تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور مەدەت   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولايلى

 گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

 ‹‹بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىدەك يۇرتداشلار بىلەن بىللە، داۋاملىق پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدە قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا قىلغان بۇ سەمىمىي ھاۋالىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ خىل روھقا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

 يېرىم ئەسىردىن بۇيان قۇربان تۇلۇم بوۋاينىڭ ‹‹ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان››لىقى توغرىسىدىكى ھېكايە تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنگە قەدەر، قۇربان تۇلۇم بىلەن رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھەيكىلى خوتەن شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. بۇ ھەم بىر دەۋرنىڭ كارتىنىسى، شۇنداقلا قۇربان تۇلۇمدەك مۇنەۋۋەر ۋەكىللەرنى ئاساس قىلغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى تونۇشى ۋە قىزغىن سۆيۈشىنىڭ كۈچلۈك گۇۋاھچىسى.

 شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-، 60-يىللىرىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ياش ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشىنى ياڭرىتىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن تىيانشان ئېتىكىگە كېلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياشلىق باھارىنى شىنجاڭغا بېغىشلىغانىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىقى شىنجاڭغا مۇجەسسەملەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ‹‹تۇغقان تۇغقانغا ياردەم بېرىش››تەك قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى خالىس ياردىمىنى ئايىماي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى ئېچىشتىن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەش، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئەقلىي ئىقتىدار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن قوللاشقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش جەريانىدا چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتقانلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ خالىس ياردىمى ۋە قوللىشى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، دېسەك ھەرگىزمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ.

 ‹‹ئائىلىمىز بىر، دۆلىتىمىز بۈيۈك جۇڭگو››، ‹‹سىز ۋە مەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، شۇڭا مېھرىمىز شۇنداق چوڭقۇر››. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ئىزچىل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچەيدى. شىنجاڭدىكى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، بىر-بىرىگە ياردەم بەردى. ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئاكتىپ ئىئانە قىلىش بىلەن بىللە، نۇرغۇن نان يېقىپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يەتكۈزۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى؛ كاۋاپچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ‹‹پۇقرا قەھرىمان›› ئالىم خالىق سەككىز يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە قىلىپ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرىدىكى 200 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى؛ ‹‹شىنجاڭلىق تۆت ياخشى يىگىت›› خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوشەن ناھىيەسىدىكى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىدا يارىدارلارنى قۇتقۇزدى، ساقچى چاقىرىشىپ بەردى ھەم قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كەلگەندىن كېيىن ئۈن – تىنسىز كېتىپ قالدى؛ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدە، كۇچا ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئاچا – سىڭىللار باش شۇجىغا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز›› دېگەن رامكىلىق كەشتىنى تەقدىم قىلدى. قۇربان تۇلۇم تاغا ياشىغان دەۋردىن ھازىرغىچە بولغان نەچچە ئون يىلدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇجەسسەملىگەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى تونۇش ۋە قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ جۇلالاندى.

قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى. يېڭى تارىخىي دەۋردە، بىز قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىدىن ئۆگىنىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك، ھەر مىللەت ئامما جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بىرلىكتە شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ھېسسىيات ئاساسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىشى؛ شەخسنىڭ ئارزۇسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىدا ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلماقتا، ئىپتىخارلانماقتا. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچى بار. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى