تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   قىزغىن مۇزاكىرە

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ ۋە ئەقىل–پاراسىتىمىزنى بېغىشلايمىز

 ئەزا نيۇ رۇجى

(جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)

 مەن 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا – قايتا ئۆگىنىپ، تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتە تەسىراتقا ئىگە بولدۇم:

 بىرىنچى، باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كونىلاردا: چۈشىنىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئىشنى شۇنچە پۇختا قىلغىلى بولىدۇ، ئىشنى پۇختا قىلغانسېرى تونۇش شۇنچە ئايدىڭلىشىدۇ، دېگەن گەپ بار. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى،شۇنداقلا ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپرەك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزسەكلا، ھەقىقىي نەتىجە يارىتالايمىز.

 ئىككىنچى، مۇقىملىقنى قوغداشتا كەلگۈسىنى پىلانلاش، ئاساسنى پۇختىلاش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش جەريانىدا باشتىن – ئاخىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ئومۇمنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى توملايدىغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ئوبراز قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قىلماي، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

 ئۈچىنچى، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكنى چىقىش قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى قىلىش كېرەك. بۇ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلى ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ دەل شاھماتنىڭ ‹‹كۆزى››، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ شاھماتنى ياخشى ئوينىغاندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت چوڭ شاھمات مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىقالايمىز.

 تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە چوڭ جەھەتنى نەزەردە تۇتۇپ، كىچىك ئىشتىن باشلاپ، ھەممە جەھەتتىن كۈچەپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، ئاتا – ئانا، جەمئىيەت ئەزالىرى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

 ئىرادە مۇستەھكەم بولمىسا، ئەقىل-پاراسەتتە كامالەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. بىز ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ ۋە ئەقىل – پاراسىتىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

(يۈەن لېي رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى