تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   قىزغىن مۇزاكىرە

ئەڭ ياخشى ئامال يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش

 ۋەكىل ياڭ چىن

(سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى يىشىن مېۋە–چىۋە مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى)

 باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈز تۇرا ئولتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ۋە ھاياجانلاندىم. باش شۇجى يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، ھەممىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بۇنىڭدىن تولىمۇ سەمىمىيلىك ھېس قىلدۇق. باش شۇجى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، مەن بىرەر مەزمۇننىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئەستايىدىل خاتىرىلىۋالدىم.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ‹‹خاسلىققا ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى، بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋىلىرى سۈپەتلىك، داڭلىق بولسىمۇ، بىراق داڭلىق، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئاز. مەنمۇ مېۋە – چىۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىمنى دەسلەپتە ناھايىتى تەستە تەرەققىي قىلدۇرغان، نەشپۈت سودىسىدا شەندۇڭدىن، چىلان سودىسىدا خېنەندىن، شوخلا سودىسىدا ئىچكى موڭغۇلدىن ئاشالمايمىز. كوپىراتىپنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا نەزەر سالسام، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تايىنىپ، مېۋىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ، مېۋىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى چىقىش قىلىپ، ئىستېمال بازارلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا ئەڭ ئېھتىياجلىق رايونلارغا سېتىش ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يىشىننىڭ ھازىرقى كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى ياراتتۇق.

 شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن، ئاۋۋال باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوپىراتىپتىكى ھەر بىر ئەزاغا، كەنتتىكى ھەر بىر دېھقانغا يەتكۈزىمەن. باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاشۇرما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، كۆپچىلىكنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە يېتەكلەپ، كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى تولۇق ئۇزارتىپ، تەننەرخنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ھوسۇلىنى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامىنى تېخىمۇ چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات داۋامىدا ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمەن.

 (ياۋ تۇڭ رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى