تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   قىزغىن مۇزاكىرە

تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاكتىپلاردىن بولىمىز

ئەزا جيا ديەنزېڭ

(‹‹3–سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭ خەلقىگە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك زىيالىيلارنى ئاساس قىلغان، سىياسىي ئىتتىپاقداش ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە. بۇنىڭدىن كېيىن مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزا يولداشلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ تەلىپى بويىچە، زىيالىيلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان ،تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل – چارە كۆرسىتىمەن.

 شىنجاڭ ھازىر ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان ئاڭلىق نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئىستېداتى، بىلىمىنى دۆلەت ۋە خەلققە تەقدىم قىلىپ، بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

 يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچىنى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتلىك چەكلىمىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور خىرىسلارنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز بىلىم توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيمىز.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە بىر مەقسەتتە، نىشان جەھەتتە بىر يۆنىلىشتە، ھەرىكەت جەھەتتە بىردەك بولۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمىز.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيالىيلارغا بولغان سەمىمىي تەلىمى، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدى قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ، بىزگە زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، ئېتىقادىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى ۋە زىيالىيلار دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاكتىپلاردىن بولۇپ، بىلىم ۋە مەلۇماتى ئارقىلىق باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىنى ۋە كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

( يۈەن لېي رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى