تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   قىزغىن مۇزاكىرە

مەن دېھقان قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن باش شۇجىغا رەھمەت ئېيتىمەن

ۋەكىل رىزۋانگۈل جامال

 (تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى ئۆسۈملۈك ئاسراش پونكىتىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى)

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ خىزمىتىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى كەڭ دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى. مەن دېھقان قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن باش شۇجىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

باش شۇجى قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ زورايتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ئاقسۇ ئالمىسى ۋە كورلا نەشپۈتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى كۆڭۈل بۆلۈپ سۈرۈشتۈردى. بۇ باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. باغۋەنچىلىك شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ‹‹1 – كەسىپ سەۋىيەسى›› نۇقتىسىدا تۇرۇپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەن باش شۇجىغا شۇنى دوكلات قىلماقچىمەنكى، تۇرپان شەھىرىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زامانىۋى ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ‹‹ئېسىل نۇسخا›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۈجۈپىلەپ ئاغدۇرۇش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش، تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش، تۈجۈپىلەپ سېتىش›› تەلىپى بويىچە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈردى. ھازىر، سەرخىل قوغۇنلۇق كۆلىمى 54 مىڭ موغا، پارنىكتا تېرىش نىسبىتى %98كە يەتتى؛ ئۈزۈم قاتارلىق ئالاھىدە باغۋەنچىلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئۈزۈم، ئۈجمە، ئۆرۈك يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يېڭى بازىلارنىڭ كۆلىمى 27 مىڭ موغا يەتتى. بىز يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى كېڭەيتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ‹‹ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى›› قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا كۆپلىگەن كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇردۇق، دېھقانلار ئالاقە تورى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتالايدىغان بولدى.

يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرىمىز دېھقانچىلىق – ئورمانچىلىقتا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە كەلتۈرىدىغان خەۋپىنى قەتئىي چەكلەپ، پۇقرالارنىڭ ھوسۇل ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت يۆنىلىشىمنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. زامانىۋى ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچ››قا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، تېخنىكا خادىملىرىمىز خىزمەت ئورنىدا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇپ، پەن – تېخنىكا جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. باش شۇجى ئىلھام بەرگەچكە، مەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدۇم!

(لى ياڭ رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى