تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئوبزور

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بالدۇر باھار تۈسى ئالدى

ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ

3 – ئايدا بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى سۈزۈكلىشىپ، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىنى ئىللىق كەيپىيات قاپلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىمۇ ئىللىق باھار شامىلىدا كۆكىرىشكە باشلىغانىدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

سەمىمىي غەمخورلۇق مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرىكى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا بالدۇرلا كەلدى. ئۇلارنىڭ چېھرىدىن بەخت كۈلكىسى، چەكسىز خۇشاللىق ۋە ھاياجان تۇيغۇسى بالقىپ تۇرغان بولۇپ، تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى.

چىرايىدىن خۇش تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان باش شۇجى شى جىنپىڭ سائەت 9دا شىنجاڭ زالىغا كىرگەندە زالدا بىردىنلا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. بۇ ئالقىش ساداسى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ باش شۇجىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى چەكسىز سۆيىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

‹‹قەدىرلىك باش شۇجى، ياخشىمۇسىز. مەن قەشقەردىن كەلگەن رەيھانگۈل ئىمىر بولىمەن. مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن سىزگە دوپپا كىيگۈزۈپ، ئەڭ ئالىي ھۆرمىتىمىز ۋە ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈرىمەن...››. مىللىيچە كىيىنگەن ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر بىلەن مەمەترېھىم مەمتىمىن ئالدىغا چىقىپ، باش شۇجىغا بادام دوپپا ئۇزاتقاندا باش شۇجى ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ سالاملىشىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ھەر بىر ۋەكىلنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى سورىدى. خۇشاللىق ھەم ھاياجانغا تولغان كەيپىيات سورۇندىكى ھەر بىر كىشىگە تەسىر قىلدى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى باشتىن – ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر، قاراماي، شىخەنزە، ئوتۇنكوزا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئارىلاپ چىققانلىقىنى كۆپچىلىك ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، كۆپ قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى؛ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىسى ۋە قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2014 – يىلى 4 – ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ 2014 – يىلى 5 – ئايدا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. شىنجاڭدىكى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنى مەملىكەت بويىچە يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى سەمىمىي يوقلاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە قارالمىلارغا قاراپ چىقىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

  چىن يۈرەكتىن چىققان سەمىمىي سۆزلەر كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، چوڭقۇر مۇھەببەت تىيانشانغا ئۈمىد بېغىشلىدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، شى جيەنيۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، مەمەترېھىم مەمتىمىن، فۇ چۈنلى، رەيھانگۈل ئىمىر قاتارلىق سەككىز يولداش ئۈچ سائەت داۋاملاشقان مۇزاكىرىدە پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ تەسىراتى، ئۆزگىرىشلەر، ئەمەلىي ئەھۋاللار توغرىسىدا بەھۇزۇر پىكىر بايان قىلىپ تەكلىپ بەردى. سورۇننىڭ كەيپىياتى قىزغىن ھەم ئازادە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. ئۇ ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ سوئال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن موڭغۇل ۋەكىل شى جيەنيۇڭ كورلا نەشپۈتىنى تۈۋرۈك تۈر قىلىپ، باغۋەنچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. باش شۇجى سۆز قىستۇرۇپ، كورلىدىكى نەشپۈتلۈك كۆلىمى، سورتى، ماركىسى، بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە ئىگىلىدى ھەم ئىلگىرى كورلىدىكى نەشپۈتلۈك باغنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. كورلا نەشپۈتىنىڭ چەت ئەللەرگە سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالىي قائىدە – يوسۇنى بويىچە سالام بەرگەندىن كېيىن: مەن ئەڭ پۇراقلىق گۈلدەك گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى باش شۇجىغا يەتكۈزىمەن، دېدى.

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى شىنجاڭدا ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئامما ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايون ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش ۋە ئۆي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ خوتۇنى ماڭا باش شۇجى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالسام، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ باش شۇجىغا بولغان رەھمىتىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئالاھىدە ھاۋالە قىلغانىدى. باش شۇجى شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە دائىم ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ ھەم بەك ئىللىقلىق ھېس قىلىپتۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ئۇلارغا سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ! دېدى.

خوتەندىن كەلگەن ۋەكىل مەمەترېھىم مەمتىمىن پىكىر بايان قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانچىلىك يېرى بارلىقىنى، يەرگە ئاشلىق تېرىيدىغانلىقى ياكى مېۋىلىك كۆچەت تىككەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار – يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولغانلىقىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: بۇ خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دېدى. مەمەترېھىم مەمتىمىن: پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى! دېدى. باش شۇجىمۇ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: ياخشى! دېدى.

‹‹قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تىلىكىنى باش شۇجىغا يەتكۈزۈشۈمنى قايتا – قايتا تاپىلىدى››. بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان ئائىلىسىدىكىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، توختىخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، يۇرتداشلارغا بەخت تىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دىن بۇرۇن، 90 ياشلىق توختىخان موما مەمەترېھىم مەمتىمىنگە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رەسىمىنى باش شۇجىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى مەخسۇس تاپىلىدى. مەمەترېھىم مەمتىمىن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىپ رەسىمنى ئېلىپ باش شۇجىنىڭ يېنىغا باردى. باش شۇجى رەسىمگە سىنچىلاپ قاراپ، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىر – بىرلەپ سورىدى.

‹‹بۇ ئائىلىدىكىلەر ھازىرمۇ شۇ جايدا تۇرۇۋاتامدۇ؟››

‹‹ھەممىسى دېگۈدەك بار، بۇ توختىخان موما، يېنىدىكىسى سىزگە خەت يازغان رۇقىيەم››.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەمەترېھىم مەمتىمىنگە قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ چوڭ قىزى توختىخان ئائىلىسىگە سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى.

مەمەترېھىم مەمتىمىن ھاياجانلانغان ھالدا: تولىمۇ تەسىرلەندىم! 1958 – يىلى قۇربان تۇلۇم بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن، بۈگۈن مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ، بىز پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى جەزمەن ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايمىز، جەزمەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىمىز، دېۋىدى، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

شىبە مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل فۇ چۈنلى سۆز قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆيۈنگەن ھالدا شىبە مىللىتىنىڭ نوپۇسى ۋە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى سورىدى.

‹‹يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باش شۇجىغا يۈزتۇرا دوكلات قىلىشىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم››. باش شۇجىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن رەيھانگۈل ئىمىر سەل جىددىيلەشتى. ‹‹سىز ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ قايسى شەھىرىدە ئىشلىگەن؟ ئالىي مەكتەپنى قەيەردە ئوقۇغان؟›› باش شۇجىنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى ۋە خۇشخۇي قاراشلىرىدىن رەيھانگۈل ئىمىر تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلىپ، خاتىرجەملىككە چۆمدى.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي – تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىن ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ‹‹مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بولغىما چىقىرىدىغان›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بەزى تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ئۇيۇشۇش، ئورتاق ئىلگىرىلەش تارىخى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇل تاش، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ، ساقچى بىلەن خەلقنىڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئىستىھكام بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق – ئالاقە پائالىيىتىنى ئىزچىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. شۇڭا تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى پائال، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىمىز››. چېن چۈەنگونىڭ قەتئىي سۆزلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

جەم بولۇش پەيتلىرى تولىمۇ قىسقا، ئايرىلىش تولىمۇ تېز بولدى. قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندا، ۋەكىللەرنىڭ ئايرىلغۇسى كەلمەي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھۆرمەتلەيدىغان باش شۇجىنى ئورۇۋېلىپ، قىزغىن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدىكى خەلقنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى