تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئوبزور

ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي ئاداققىچە قوغدايلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

 يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى قايتا تەكىتلىدى.

 شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ئالاھىدە، شۇڭا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق مۇشۇنداق رايون ئەھۋالى ئالاھىدە بولغان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، شىنجاڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ۋەزىيەتكە تەڭ دۇچ كەلگەن بولۇپ، ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ۋەزىپە يەنىلا ناھايىتى جاپالىق ۋە ئېغىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك. مۇقىملىق بولغاندىلا دۈشمەنلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلغىلى بولىدۇ؛ مۇقىملىق بولغاندىلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە خەلقنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدىغىلى بولىدۇ؛ مۇقىملىق بولغاندىلا شىنجاڭنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي ئاداققىچە قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ،ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

 ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي ئاداققىچە قوغداشتا ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىگە قويۇپ تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكىدە ئاساسلىقى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانداق قىلغانلىقىغا، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ساقلىغان – ساقلىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىشىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يۈزلىنىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەيلى قايسى رايون، قايسى تارماق بولسۇن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي ۋەزىپە ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە دەپ بىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ‹‹مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يوچۇق، قارىغۇ رايون، كونترولسىز نۇقتا بولماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي ئاداققىچە قوغداشتا مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى نۇرغۇن جەھەتتىن سۆزلىگىلى بولىدۇ، لېكىن ئاچقۇچ يەنىلا ھەرىكەتكە كېلىش – كېلەلمەسلىكتە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش – كەلتۈرەلمەسلىكتە. ھازىر، تۈزۈم، مېخانىزم ۋە ئۇسۇل – چارىلەر بېكىتىلىپ بولدى، ئاچقۇچ يەنىلا خىزمەت ئىستىلى ۋە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ بېكىتكەن مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ ھەر بىر تۈردىكى خىزمىتىنى، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىسىنى تۇتىدىغان، باشقۇرىدىغان، مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئاخىرىغىچە تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش تورىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۈنۈمىنى كۆرمىگىچە بولدى قىلماسلىق كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ھەربىي، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېز ھەم ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي ئاداققىچە قوغداشتا ھەر مىللەت خەلقىگە تولۇق تايىنىش كېرەك. خەلق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئەزەلدىن پارتىيەمىزنىڭ غالىب ئەڭگۈشتەرى بولۇپ كەلگەن. خەلق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ سۇبيېكتى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى، دۈشمەن كۈچلەر قانچە چوڭقۇر يوشۇرۇنسىمۇ خەلقنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامما تەمىنلىگەن ۋە پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۇۋىنى چۇۋۇپ تاشلاش، شايكىنى بىتچىت قىلىشتا ئۇدا غەلىبە قىلغان، خەلقنىڭ قوراللىق كۈچلەرگە ھەمكارلىشىپ زوراۋانلارنى ئورتاق بويسۇندۇرغان ۋە تۇتقانلىقىدەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز پەقەت ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، بىر مەقسەت ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق ئۇرۇشنى ياخشى قىلساقلا جەزمەن تەڭداشسىز، غالىب ئورۇنغا ئۆتەلەيمىز.

 مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىمۇ يوقىتىپ قويىمىز؛ جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغاندىلا پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدۇ ۋە شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغانلا بولساق، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى