تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئوبزور

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلار، تارماقلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر – شەپقىتى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، بىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئىلمىي كۆرسەتكۈچ ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. جايلار، تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر – شەپقىتى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، <<تۆت ئاڭ>>نى كۈچەيتىپ، بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا توغرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پايتەخت بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر زىچ باغلاپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرلارغا تېزدىن يەتكۈزۈشى كېرەك، بولۇپمۇ ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى بالدۇر ۋە چوڭقۇر قاتلامدىن ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى، پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىي ئىنستىتۇت) باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، تەربىيەلەش ۋە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى پىلانلىق يولغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، باش شۇجىنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي پېتى، تەكرار، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، ئۇنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، كاللىغا ئورنىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك تاراتقۇلار مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس تېما تەسىس قىلىپ، خەۋەر قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، روھىي ماھىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان، ئىزچىللاشتۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ھەممە ئائىلە بىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. تۆتىنچى، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى ئىگىلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماس ھەمتۈرتكە بولغان، بىرلىككە كەلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلار شايكىسى ۋە زوراۋان – تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماي، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى