تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش

«ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز»

 − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى ۋەكىل، ئەزالار ۋە كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

 كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى. مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىناق ئىتتىپاق، گۈللەنگەن باي، مەدەنىي تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

 مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە ئېچىلدۇرىمىز

 شىنجاڭدىكى 90 ياشلىق توختىخان قۇربان 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە تېلېۋىزوردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، يېقىندا باش شۇجى ئۇنىڭغا يازغان جاۋاب خەتنى يەنە بىر قېتىم قولىغا ئېلىپ، تەپسىلىي قاراپ چىقتى.

 − مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن، − دېدى توختىخان موماي. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئۇنىڭ دادىسى قۇربان تۇلۇم قەد كۆتۈرۈپ، ئازادلىق بولغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان»، كېيىن رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئۇنى ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغان.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى ھەم 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى.

 شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ ئېغىر نېفىت تەرەققىيات شىركىتى گېئولوگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، ۋەكىل خالىدە ئابدۇقادىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش توغرىسىدا كۆڭلىگە نۇرغۇن گەپلەرنى پۈككەنىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، مەن ئىككى خەنزۇ دوست بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇم، ئادەتتە تۇغقانلاردەك بېرىش كېلىش قىلىمىز، ھېيت بايراملاردا ئۆزئارا پەتىلىشىپ تۇرىمىز، بىز باش شۇجى ئېيتقاندەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز.

 چۆچەك شەھەرلىك 2-يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ۋەكىل لى نا مۇنداق دېدى: باش شۇجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك، دېدى. مېنىڭچە، بۇ ماڭا بېرىلگەن مۇھىم تاپشۇرۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش دېمەكتۇر. كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق، ئەتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش، تېزھەم ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىن ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

 شىنجاڭ دارۋازلىقىنىڭ 6-ئەۋلاد ۋارىسى، ۋەكىل ئادىل ھوشۇر يىغىن مەيدانىدىن چۈشۈپ ياتاققا بارغۇچە، باش شۇجىنىڭ سۆزى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىنچلىق، خاتىرجەملىك − شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بەختى. بىز تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم ۋەزىيەت ۋە مۇقىم مۇھىتنى قەدىرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

 يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۈيى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

 خالىدە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇۋاتقان قاراماي تىپىك بايلىق تىپىدىكى شەھەر بولۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىش تەرەققىيات بېسىمىغا دۇچ كەلدى، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ماڭا چوڭقۇر ئىلھام بولدى، پەقەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، باشتىن ئاخىر تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلىسەكلا، تىپنى ئۆزگەرتىش تەرەققىيات يولىمىز بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

 ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسىدىكى تور دۇكىنىنىڭ خوجايىنى گۈھەرنىسا روزى بىردەم كۇنۇپكىنى بېسىپ خەت يازسا، بىردەم ئىسكىلاتقا بېرىپ ماللىرىنى رەتلەپ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: توردىن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ياڭاقچىلىق −− ئاقسۇنىڭ ئالاھىدە كەسپى، تەپەككۇرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى زورايتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن باش شۇجىغا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى فاتىمە ماخمۇتنىڭ يۇرتى − تارباغاتاي ۋىلايىتى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىنى كۆردى. ئوتلاقلىرى چېكىنىپ، تۇپرىقى قۇملىشىپ كەتكەن قۇلىستاي يايلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن نامايان قىلدى.

 فاتىمە ماخمۇت مۇنداق دېدى: باش شۇجى تىرىشىپ ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۈيى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك دەپ، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭىمىز.

 ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك

 تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى قارىيانتاق كەنتىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلى بالىلارنىڭ خۇشال خۇرام كۈلكە ئاۋازى بىلەن تولغان بولۇپ، كەنتتىكى ئەڭ ئاۋات جايغا ئايلانغانىدى. ئابابەكرى ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، ئۇ ئوقۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئوغلىنى يەسلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەسلىنىڭ ئەسلىھەلىرى شەھەردىكى يەسلىلەر بىلەن ئوخشاش، ياتاق، تاماق ھەقسىز، بۇ بىزنىڭ تۇرمۇش يۈكىمىزنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى غەم ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەكىل سارقىت ئاقان مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ خىزمەت بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، دائىملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پائال شارائىت ھازىرلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

 ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى تەسىرلەندىم. رەيھانگۈل ئىمىر ئىلگىرى جېجياڭدا ئالتە يىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازىرىغا قايتىپ، مۇئاۋىن بازار باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى. ئۇ ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئالاھىدە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشلەمچىلىك قىلىش، سودا قىلىشقا يېتەكلىگەچكە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 10-مارت تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى