ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش

ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

لى چۈنشيا، ياۋ تۇڭ، شى شىن، لى ياڭ، يۈەن لېي

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دەيمىك دىۋانا (سولدىن 1 - كىشى) سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

 «باش شۇجىنىڭ سۆزى قەلبلەرنى ئىللىتتى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى».

 «باش شۇجىنىڭ سۆزى چىن، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئېيتىلغان، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، باش شۇجىنىڭ قەلبىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈكۈلگەن».

 «باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزگە مەدەت بولدى، خىزمەت قىزغىنلىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى».

 ............

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى، ئۇلارغا چوڭقۇر ئىلھام بولدى، ۋەكىللەر، ئەزالار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يۈكسەك جەڭگىۋارلىق، ئەمەلىي ئىشلەش روھى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.

 باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا رىشتى باغلانغان

 «باش شۇجى شىنجاڭغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەھمىيەت بېرىدۇ». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ نېفىتلىكى ئېغىر ماي ئېچىش شىركىتى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى خالىدە ئابدۇقادىر قاراپ چىقىش يىغىنىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ باش شۇجى بىلەن بىللە قاراپ چىقىشقا قاتناشقان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ۋەكىللەر سۆز قىلغاندا، باش شۇجى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ تۇردى.

 شۇ كۈنىدىكى سۆھبەت جەريانىدا ۋەكىللەر: «باش شۇجى شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ پىششىق بىلىدىكەن» دېگەن ئورتاق تەسىراتقا كەلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى «مىڭدې» يولى تارماق بانكىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى مۇختەبەر سادىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ماقال- تەمسىلىنى تىلغا ئالدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. بۇ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئالاھىدە مېھىر- شەپقىتىنى نامايان قىلدى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خې خۇيشىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى سۆزىدە ئاقسۇ ئالمىسى بىلەن كورلا نەشپۈتىنى تىلغا ئالدى، ئىلگىرى كورلىغا بېرىپ نەشپۈتزارلىقنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئەھۋالنى ئەسلەپ ئۆتتى. باش شۇجىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىپ، مۇقىملىقنى، ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلىشى، ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىغا، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ھەم سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىق، ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىق، بۇ باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

 3- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىنى كۆرسىتىشىگە يەنە ئون نەچچە مىنۇت بار ئىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى بۇھەجەر ئابلانىڭ ياتىقى ئادەملەرگە لىق تولدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىدىن گو لىنا، ھەلىمە، فاتىمە ماخمۇت، دېمىك دىۋانا، ئابلىمىت ئەخمەتتوختى، بەكرى مامۇت كەينى- كەينىدىن بۇ ياتاققا كېلىپ، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى بىللە كۆردى. بۇھەجەر ئابلا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىز چۈشتىن بۇرۇنلا خەۋەردىن باش شۇجىنىڭ بۈگۈن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقىنى بىلگەنىدۇق. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى بىللە كۆرۈشكە بالدۇرلا دېيىشىپ قويغانىدۇق.

 باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى كىشىگە زور ئىلھام بېرىدۇ

 قاراپ چىقىش جەريانىدا، باش شۇجى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى سۆزىدە مۇقامنى، پىرىنسىپنى، يۆنىلىشنى بېكىتىپ، بىزگە يول كۆرسىتىپ بەردى»، شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە. جەمئىيەت مۇقىم بولسىلا، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، پۇقرالار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدۇ؛ پۇقرالار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇقىملىقنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ، ئىككىسى بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ ھەم بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 − خەلق تۇرمۇشىدا ئەلنى مايىل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش كېرەك. باش شۇجى خەلق تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، «خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ياخشىلاپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى. باش شۇجىنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭلۈم ئارام تاپتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ، − دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس «يىشىن» مېۋىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ چىن.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى ئالاقە بۆلۈمى ئىككى تەرەپ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەلىمە خەۋەردىن باش شۇجىنىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، باشتىن- ئاخىر كۈلۈمسىرەپ، ھەر بىر ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ھەلىمە مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە رىغبىتى بىزگە زور مەدەت بولدى، بىز باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمىز، چوقۇم يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز، سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

 «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: باش شۇجى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، يەنە مېنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلىق رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت ئەخمەتتوختى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ، باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن چىن قەلبىمىزدىن پەخىرلەندۇق ۋە ئىپتىخارلاندۇق ھەم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزنى ھېس قىلدۇق. جەمئىيەت مۇقىم بولغاندىلا، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش داۋامىدا ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

 سەمىمىي تاپشۇرۇق، ئېغىر مەسئۇلىيەت، شەرەپلىك بۇرچ. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارغا زور ئىلھام بولدى، كۆپچىلىكنىڭ نىشانى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى.

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، پىچان ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەكرى مامۇت مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەلىمىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى باشلامچى بولىمەن، كۆۋرۈكلۈك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا تۈرتكە بولىمەن».

 − باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوقۇم كەم- كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاچا- سىڭىللارنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا «يېرىم دۇنيا» لىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز، − دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خاسىيەت ئەلى.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاقچىكە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يۇرتداشلارغا چوقۇم تېز يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر سىياسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمەن».

 − باش شۇجىنىڭ تەلىمى بىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ تىرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ھەر مىللەت بالىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ئىشىنىمىز، − دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۆچەك شەھەرلىك 2- يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لىنا.

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر شى جيەنيۇڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى يۇرتداشلارغا چوقۇم يەتكۈزۈپ، ئۇنى گۈزەل بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى