تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش

چەكسىز غەمخورلۇق قەلبلەرنى ئىللىتتى، سەمىمىي ئۈمىد جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى

− شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى بەس-بەستە كۆردى

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى

كۇچا ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېۋىزوردىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرمەكتە.(يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)

 شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7دە، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدى، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئۈمىدىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 نازارەت، ئىدارە، ئورگانلار:

 مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارە، ئورگانلار كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈشكە تەشكىللىگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، بەس-بەستە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىي خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىدىكى بارلىق ئورگان كادىرلىرى چۈشتىن بۇرۇن شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى قىسقا خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن بالدۇرلا بىر يەرگە جەم بولۇپ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئاڭلىغاندا، كۆپچىلىك بەس-بەستە قەلەم-دەپتىرىنى چىقىرىپ ئۇنى خاتىرىلىۋالدى ھەم ئۆز خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن زور كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى 120 نەچچە كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كوللېكتىپ كۆردى. ئېكراندا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىۋاتقان كۆرۈنۈش چىققاندا، كۆپچىلىك دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ، باش شۇجى ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاۋ جيې: «باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن كاتتا ئىش» دېدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى يىغىن خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ يۇڭيەن: «بىز باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقىنى ھەرىكلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز، تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارىتىمىز ۋە تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىمىز بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز» دېدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىن زالىغا جەم بولدى. «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»دە باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر كۆرسىتىلگەندە، يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق ئىدارىسى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. ئىدارە ئورگان پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى فېڭ: باش شۇجىنىڭ سۆزىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىيات، قويۇق دوستلۇق ۋە سەمىمىي ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماي، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز، دېدى.

 ئاساسىي قاتلامدىكى جايلار:

 بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭىمىزنى تۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەيمىز

 تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى جاي-جايلاردا ھەر مىللەت كادىر، ئامما «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى بەس-بەستە كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئۇ شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، كۆپچىلىككە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

 تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان-چارۋىچى بولۇپ 40 نەچچە مىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك يىغىن زالى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق مەيدان ۋە سورۇنلاردا «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆردى. ناھىيەلىك مەركىزىي «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جۇ يەنجې: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز بۇنىڭدىن بەك ئىلھاملاندۇق. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان غايىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز» دېدى.

 شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ئورگان كادىرلىرىنى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈشكە تەشكىللىدى، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى مەدەنىيەت مەيدانىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا كۆرسىتىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ كۆرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. دېھقانچىلىق مەيدانى ئورگىنى ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ چېڭشۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلىيالايدۇ!».

 شىخو شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار ۋە ئامما شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلات بېرىش زالىغا يىغىلىپ، «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆردى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

 قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى سۆگەتباغ مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ كادىرى جيامۇ سۇرۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇ بىزنىڭ غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، بىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى». مەھەللە خىزمەتچىسى جاڭ جىنليەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىشەنچىمىز ئاشتى، شىنجاڭدا ياشىغان ئىكەنمىز، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئىناق، باي، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».

 ئۈرۈمچى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىنى، سۆزنى چەت-ياقا جايلاردىكى پونكىتلارغىمۇ يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى:

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزىمىز

 «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى يۇرتداشلار بىلەن بىللە «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرۈپ، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئالاقاغا بازىرى قىتات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى يۇرتداشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كەنت پائالىيەت مەركىزىدە «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن نىياز مۇنداق دېدى: ھازىر ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ياشلار ئىشلەپ پۇل تاپالايدىغان، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى! خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۇڭ ۋېنخۇي مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ھەر مىللەت ئاممىغا قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەشكىللەيمىز.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دوستلۇق يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى «يۇڭمۇ» مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە بېرىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنت (مەھەللە)دە تۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزىمىز.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سايباغ رايونى شىمالىي دوستلۇق تارماق رايونى «شىجيايۈەنزى» ئاھالە كومىتېتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئاھالە كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ-ئىتتىپاقلىقى ۋە بەختىنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

 «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى كۆرگەندىن كېيىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بەيساق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى سۇيۈندىك ئىسرائىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى. بىز جەزمەن باش نىشاننى چۆرىدەپ، كۈچنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش-تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتى، يۇقىرىقى قاقۇللا كەنتىدىكى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكىلەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋە ياش پارتىيە ئەزالىرىنى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»نى بىللە كۆرۈشكە تەشكىللىدى. تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتىدىكى پېشقەدەم كادىر مەمەتتۇرسۇن تۇتۇق مۇنداق دېدى: كەنتتە ھەر يىلى زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، يوللار ياسالدى، تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق، كۆپچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن پارنىكتا كۆكتات تېرىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز!

 (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، چېن چياڭۋېي، ۋاڭ يۇڭفېي، يۆ يەنيۈن، لى لىن، ۋاڭ يايۈن، دۇڭ شاۋخۇا، لۇ فېڭباۋ، لى شىڭ، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جۇ جيې، فۇ چاۋ، جاڭ خېپىڭ، تۇڭ گا، زۇ جېن، لى جىنياڭ، سۇڭ چياڭ، ۋېي ۋېي، شياۋ يالى، يىن جىفېڭ، كۇڭ چىڭشەن، چېن بىن، شۆ فېي، شۈ شۇاڭفېڭ، جاڭ تاۋ، باۋ شىچياڭ، ۋاڭ شىنشۈەن، ما يۈنخەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى