تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   سۈرەتلىك ھېكايە

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى جەزمەن ياخشى ئىشلەيمەن»

ليۇ چۈنياڭ، گۇڭ شىجيې

 «مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى»، بىڭتۈەننىڭ خىزمەتچىسى يۇ لياڭيىڭ بېيجىڭغا بېرىپ «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئارال شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 19 - مارت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى جەزمەن ياخشى، پۇختا ئىشلەپ، بىڭتۈەن روھىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرىمەن، دېدى.

 « ھېرىپ - چارچاپ ھالىمدىن كەتسەممۇ ئەرزىيدۇ»

 بىڭتۈەن 1 - شىسى ئارال شەھىرى 13 - تۈەن 11 - ليەنىنىڭ ئىشچىسى يۇ لياڭيىڭ بىلەن گۇما ناھىيەسى موكويلا يېزىسى دالىغ كەنتىدىكى دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساقنىڭ بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئىش - پائالىيەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغاندىن كېيىن، يۇ لياڭيىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى»، «بىڭتۈەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. بۇلتۇر 30 - سېنتەبىر يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەمەتتۇرۇپ مۇساق يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى سۈپىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

 «بىڭتۈەن ئىشچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق كۆپ شەرەپكە نائىل بولۇشۇم، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىڭتۈەننى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىڭتۈەننى تونۇغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، مەن بۇ شەرەپلەرنى قەدىرلەپ، بىڭتۈەن روھىنى تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن»، دېدى يۇ لياڭيىڭ.

 يېرىم يىلدىن بۇيان يۇ لياڭيىڭ «قار لەيلىسى» نامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئىش - پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ يەنە تەكلىپ بىلەن جايلارغا بېرىپ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار، دېھقانلار، چارۋىچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، بىڭتۈەندە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى، بىر قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى، بىڭتۈەن 1 - شىسى ئارال شەھىرى ئورگىنى، ھەر قايسى تۈەن، مەيدانلاردا 50قېتىمدىن كۆپرەك سەييارە لېكسىيە سۆزلىدى، خوتەندىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەر ۋە ئاقسۇ شەھىرىدە سەييارە لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ دائىم بىر كۈندە ئاپتوموبىل بىلەن 300 - 400كىلومېتىر يول يۈرۈپ تۈەن، يېزا - بازارلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، گېلى ئاغرىپ كېتەتتى. «بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان، بىڭتۈەن روھىنى تارقىتىدىغان ياخشى پۇرسەت، ھېرىپ - چارچاپ ھالىمدىن كەتسەممۇ ئەرزىيدۇ»، دېدى يۇ لياڭيىڭ 20 - مارت كورلا شەھىرى خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپ.

 «يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەن روھىنى نامايان قىلدى»

 بىڭتۈەن 1 - شىسى ئارال شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار زۇ يۆبىن مۇنداق دېدى: يۇ لياڭيىڭنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەن روھىنى، 359 - لۈي روھىنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىڭتۈەن ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچقا سادىق بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب خىسلىتى مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن بولۇپ، بۇ نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، 1 - شى ئارال شەھىرىنىڭ بۇ روھىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، ئۈلگىلىك فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.

 بىڭتۈەن 1 - شىسى ئارال شەھىرى يۇ لياڭيىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىشلەشتىكى ياخشى ئۇسۇلى، تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ كېڭەيتتى ھەمدە قاراتمىلىق ھالدا يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ۋە ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، مىللەتلەر ئورتاق قۇرىدىغان، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما راۋاجلىنىدىغان قويۇق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى.

 بۇلتۇر قىشتىن بۇ يىل ئەتىيازغىچە بىڭتۈەن 1 - شىسى 13 - تۈەنى گۇما ناھىيەسى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، 13 - تۈەن يىلدا گۇما ناھىيەسىنى كېۋەز تېرىش، باغ - ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە ياردەم قىلدى. گۇما ناھىيەسى پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا 13 - تۈەنگە ئەمگەكچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چۆرىدەپ، يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەدەنىيەت بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ھازىر يۇ لياڭيىڭ مەمەتتۇرۇپ مۇساقنىڭ 21 ياشلىق چوڭ ئوغلى ياسىن مەمەتتۇرۇپنى يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا زامانىۋى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 11 - ليەن گۇما ناھىيەسى موكويلا يېزىسى دالىغ كەنتىدىن سەككىز كىشىگە تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ بازارغا كىرىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

 1 - شىنىڭ شىجاڭى، ئارال شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىنمىن مۇنداق دېدى: بىز شى بويىچە تۈەن يېزىلارنى، ليەن كەنتلەرنى، شەخسىيلەر ئائىلىنى يېتەكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ھۆرمەت قىلىشى، كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز.

 «كۆپچىلىككە ياخشى باشلامچى بولىمەن»

 «بىزنىڭ بىڭتۈەن ھازىر تىپ ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپلا قالماي، تىپ ئۆزگەرتىش مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىككە ياخشى باشلامچى بولىمەن»، دېدى يۇ لياڭيىڭ.

 بۇ يىل ئەتىيازدا يۇ لياڭيىڭ ئىشچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، يەنە 40 مو يەرگە نەشپۈت، 40مو يەرگە ئالما كۆچىتى تىكتى ھەمدە «يۇ لياڭيىڭ»نى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھەدىيە قىلدى. ھازىر 20دىن كۆپرەك ئىشچى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، چىلاننى بىر تۇتاش تىكىش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش، داڭلىق ماركا يارىتىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

 «مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، قىزىل ساياھەت بازىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. جەنۇبىي شىنجاڭ راۋاجلانسا، بىزنىڭ كەلگۈسىمىزمۇ ياخشى بولىدۇ، ئۆزۈمگە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىم كامىل»، دېدى يۇ لياڭيىڭ تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

 «يۇ لياڭيىڭ بىڭتۈەن يېڭى دەۋر ئىشچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش - پائالىيەتلىرى 359 - لۈي روھىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، بىڭتۈەن روھىنى كېڭەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەنگە بەرگەن باھاسىنى دەلىللىدى، بىز 359 - لۈي روھىنى يەنىمۇ قېزىپ، كېڭەيتىپ، يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز» دېدى بىڭتۈەن 1 - شىسىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شيې يۆخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى