تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا توختالدى

 مۇقىملىقنى تەكىتلەش، تەرەققىياتنى سۆزلەش، خەلق تۇرمۇشىنى كېڭىشىش، ئىتتىپاقلىقنى بايان قىلىش... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا مەدەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مېھىر – شەپقىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز.

 تاپشۇرۇقنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

 قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار (چياۋمىنلار) ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شيەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردى. ۋۇ شيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى جەزمەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

 شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى دىلمۇرات غوپۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانغا يېتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە كۈچلۈك تۇتقا. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاممىغا بەخت يارىتىشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا گوۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئەتىگەندىلا، كەنت ئاھالىسى ئابدۇنىياز قۇربان ئاكىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئابدۇنىياز ئاكا زەن سېلىپ ئاڭلىغاچ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئارقا – ئارقىدىن ‹‹ياخشى›› دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شىنجاڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى، بىز ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت! كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپ، پادا بېقىپ تىرىكچىلىك قىلاتتىم، ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرمۇ كەلدى، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن بىزگە قوي ئېلىپ بەردى، قوينى ياخشى بورداپ، تۇرمۇشىمىزنى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلايمىز!

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى تاشبۇلاق تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق بېيۋەن كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى پەرھات رىشات مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

 باي ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسى توپۇلۇق كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى توختى روزى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بېيجىڭدىن شۇنچىلىك يىراقتا بولساقمۇ، بىراق باش شۇجى بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇق. مەن پەرزەنتلىرىمگە تىرىشىپ ئىشلەپ ۋە ئوقۇپ، يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.

 بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى پەرھات ئەركىن مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي ئەمەل قىلىپ، دادىل بولۇپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ چېچىلاڭغۇ، سەمىمىيەتسىز ئىستىلىنى قەتئىي تۈزىتىمەن.

 پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك

 شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو تەيشەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى يىغىنچاق ۋە مەزمۇنلۇق بولۇپ، سالمىقى ناھايىتى زور. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى دانا تەدبىرلەر بار بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى ئىلمىي نەزەرىيەۋى يېتەكچى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز پۇرسەتنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت بالىلىرىنى ئوقۇيالايدىغان، ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېنىك سانائەت كوللېكتىپ ئىگىلىك كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لىن شياۋجۇڭ مۇنداق دېدى: بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 بورتالا شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: مەن ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش›› ھەققىدە ھەر ۋاقىت تەربىيە بېرىپ، ھەر بىر بالىغا كىچىكىدىن تارتىپ، ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى›› دېگەن چوڭقۇر مەزمۇننى ھەقىقىي چۈشەندۈرىمەن.

 مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: تېلېۋىزوردىن باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن زور ئىلھام ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، يەڭنى تۈرۈپ، غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

 (مۇخبىرلىرىمىز لى لىن، فەن خۇڭيى، جاۋ شىيا، چاۋ جىن، دۇڭ شاۋخۇا، ياڭ شۇخەن، خې جىن، لى خەنجى، گاۋۋا، ۋاڭ دۇڭ، ليۇ يى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈەنيۈەن قاتارلىقلار يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى