يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرايلى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باھار كېلىشى بىلەن تەرەققىيات كۆزلەندى، ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ، يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ۋە بۇنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى، تەرەققىيات ئىدىيەسى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسى ئومۇمىيەتنى، ئاساسنى، كەلگۈسىنى كۆزلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇردۇر. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. بىز چوقۇم ئىدىيەۋى تونۇشىمىزنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، ھەرقايسى ساھەلىرىدە، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى، ئۇنى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىغا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. كۆلەم – سۈرئەتلىك يىرىك ئاشۇرۇشتىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، تەپەككۇر ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى، سىياسەت، تەدبىرلىرىمىزنى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشقا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، سۈرئەت بىلەن سۈپەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سۈرئەتنىڭ ئاستىلاپ كېتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، تەرەققىيات سۈرئىتىنى تەڭشىگەندە ئىشنى بوشاتماسلىق، مىقدارنى ئاشۇرغاندا سۈپەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ‹‹سۈپەت دەۋرى››گە ھەقىقىي يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە قويغان ئېنىق تەلىپى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بەش چوڭ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلارنى نىشانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› جېڭىنى باشلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا دائىر بىر قاتار تەدبىرلەر يېڭى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى كۈندىن – كۈنگە چىڭىتتى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ گۈللەنسە ئىقتىساد گۈللىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلىرى بار، بىز 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ‹‹تۇتقا››نى، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئالاقىچىلىك قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھالقىلىق، تۈرتكىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ‹‹مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۈلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىكتۇر. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، تەرەققىياتتا يۇقىرى پەللىنى ئىگىلىيەلەيمىز، كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى، ئۈستۈنلۈكنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تونۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەمەلىي، ھەرىكەتتە تېخىمۇ ئاڭلىق، خىزمەتتە تېخىمۇ ياراملىق بولۇپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ماھىر بولۇپ، زېھنىمىزنى كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى