ساۋۇر مەڭلىك: يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمىز-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   سۈرەتلىك ھېكايە

ساۋۇر مەڭلىك: يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمىز

شيا چىڭ

[ئاخبارات ئەسلەتمىسى] ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى 9 – ئايدا لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە بارلىق كەنت ئاھالىسىگە جاۋاب خەت يېزىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ماگنىتقا ئوخشاش ئاھالىلەرنى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىنى ھەم يۇرتداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە: ‹‹يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم ھەم تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. بەش يىلنىڭ ئالدىدا داشى كەنتىگە بېرىپ يۇرتداشلار بىلەن كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇڭا كۆپچىلىكنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمەن. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپتۇ، ھەر مىللەت ئامما قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشاش يىلتىزداش، قەلبداش بولۇپ، تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىپتۇ، مەن سىلەردىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم›› دەپ يازغانىدى. باش شۇجى يەنە: ‹‹داشى كەنتىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلا بولسا، يۇرتداشلار جەزمەن خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە مۇقىم قىلىشتا ئاساسىي قاتلام مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ماگنىتقا ئوخشاش ئاھالىلەرنى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› دەپ كۆرسەتتى.

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كەنتتىكى كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىسمەن كەنت ئاھالىلىرىنى يىغىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تېلېۋىزوردىن كۆردى ھەم باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. ساۋۇر مەڭلىك باش شۇجىنىڭ 2014 – يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى يازغان جاۋاب خېتىنى قايتا بىر ئوقۇپ، كەنتتىكى كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجىنىڭ داشى كەنتىدىكىلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى.

كۆپچىلىك بىردەك باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە نۇرغۇن سەمىمىي ئۈمىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىزچىل باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.

ئىلگىرىكى نامرات ۋە قالاق داشى كەنتى بۈگۈنكى كۈندە ‹‹شىنجاڭدىكى 1 – كەنت››كە، مەملىكەت بويىچە داڭلىق ھاللىق كەنتكە، مەدەنىي كەنتكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك كەنتكە ئايلاندى.

69 ياشقا كىرگەن ساۋۇر مەڭلىك باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە غايەت زور مەدىتىدىن ھاياجانلىنىپ: ‹‹باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايمەن›› دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىل 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى داشى كەنتىدىكىلەرگە يازغان جاۋاب خېتىدە، ساۋۇر مەڭلىك بىلەن كەنت كادىرلىرىنى، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە ئۈندىگەنىدى. جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ساۋۇر مەڭلىك غەيرەتكە تولۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆزى باش بولۇپ خەنزۇ كەنت ئاھالىسى بىلەن قوشماق بولدى، كەنتتىكى 47 پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش كېلىشىمى تۈزۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەبلەغ، تېخنىكا، تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بەردى.

‹‹بىر ئائىلە بېيىسا بېيىغان بولمايمىز، كۆپچىلىك تەڭ بېيىسا ئاندىن بېيىغان بولىمىز›› مانا بۇ ئورتاق بېيىش يولىدا ماڭغان داشىلىقلارنىڭ كۆزلىگەن نىشانى. ساۋۇر مەڭلىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشنى داشىلىقلارنىڭ ئورتاق بېيىشىدىكى ‹‹مەخپىي رېتسېپ››قا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داشى كەنتىدىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئىلگىرىكى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن ھازىرقى 29 مىڭ 700 يۈەنگە يەتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆي ياكى داچىلارغا كۆچۈپ كىردى. ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، تاش يوللاردا غۇيۇلداپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى، تېلېفون، تور قاتارلىقلار ھەممە ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلدى...

‹‹باش شۇجى جاۋاب خېتىدە، ‹‹ھەر مىللەت ئامما قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشاش يىلتىزداش، قەلبداش بولۇشى كېرەك›› دېگەنىدى، بىز باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىمىز، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق ئۆتكەچكە، داشى كەنتىدە بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتمىگەن بولسا، بىز ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق›› دېدى ساۋۇر مەڭلىك چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى