كۇچالىق كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار: پارتىيەنىڭ نۇرى قەلبىمىزنى يورۇتتى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   سۈرەتلىك ھېكايە

كۇچالىق كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار: پارتىيەنىڭ نۇرى قەلبىمىزنى يورۇتتى

زېڭ خۇافېڭ، سەي شۇ

 [ئاخبارات ئەسلەتمىسى] باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 – يىل 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خەلق سارىيىدا ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەرنىڭ 13 مۇنەۋۋەر ۋەكىلىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يېقىندا خانئايشەم ئەنۋەر بىلەن مېھرىگۈل ئەنۋەر ئاچا – سىڭىللار ئەۋەتكەن خەت ۋە ‹‹بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن رامكىلىق كەشتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئىككىڭلار ئۇنى كەشتىلەشكە خېلى كۆپ ئەجىر قىلىپسىلەر؛ يازغان خېتىڭلاردىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرۇپتۇ، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ››. خانئايشەم ئەنۋەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹ئاچا – سىڭىل ئىككىمىز بۇ رامكىلىق كەشتىنى ئىككى ئاي سەرپ قىلىپ، بىر يىپ – بىر يىپتىن كەشتىلەپ چىقتۇق، بىز بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجىغا بولغان ئىززەت – ھۆرمىتىنى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان ئۈمىدى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىمەكچى››.

 يورۇق ھەم پاكىز سېخ، ئاپتوماتىك كەشتىلەش ماشىنىسى، خىزمەت فورمىسى كىيگەن كوپىراتىپ خادىملىرى، تەرتىپلىك ئاقما لىنىيە... 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى كۇچا ناھىيەسى ئۇزۇن بازىرىنىڭ 2 – ئۇچقارا كەنتىدە كۆلىمى تۆت مو كېلىدىغان، 200 نەچچە ئەزاسى بار ‹‹كۇچا كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

 ‹‹ئەگەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ چىقىشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى››، دېدى ‹‹كۇچا كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› نىڭ مەسئۇلى خانئايشەم ئەنۋەر. ئۇ يەنە: ‹‹ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدى ۋە كۆپ ياردەم بەردى، پارتىيەنىڭ نۇرى قەلبىمىزنى يورۇتتى››، دېدى.

 ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يوپۇقى 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، كىيىم – كېچەككە گۈل كەشتىلەش سېخى، ئاچا – سىڭىل ئىجادىيەت ئىشخانىسى، لايىھەلەش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، ئەنياڭ كەشتىسى، سۇجۇ كەشتىسى كۆرگەزمە زالى قاتارلىقلار بار، كىيىم – كېچەك، دوپپا، ياستۇق، يىپەك شارپا ۋە قول ياغلىق قاتارلىقنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، بۇ كوپىراتىپ يەنە كۇچا ناھىيەسى ‹‹خېڭياۋ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، بۇ كارخانىنىڭ ‹‹ھەمراھ زاۋۇتى›› غا ئايلاندى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىركەت تەقسىملەپ بەرگەن زاكازنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغان ھەر مىللەت ئاچا – سىڭىللارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

 خانئايشەم ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىزچىل ‹‹خېڭياۋ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، ھازىر شىركەت تەقسىملەپ بەرگەن زاكازمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىز تىجارەت دائىرىمىزنى كېڭەيتتۇق ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كەشتە تىكىش ئاساسى بار ئاچا – سىڭىللارنى شىركەتكە ھازىرقى زامان كەشتىچىلىكىنى پىششىق ئۆگىنىشكە ئەۋەتتۇق.

 مېھرىگۈل ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى خۇددى ئۆز ئۆيىمىزدەك ھېس قىلىمىز. ھەرقايسى تەرەپنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز تېز تەرەققىي قىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. بىزنىڭ كۇرۇسلۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ خاس بەلگىسىنى مەھسۇلاتلىرىمىزغا كەشتىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتقىمىز بار!

 كۇچا ناھىيەسى ‹‹خېڭياۋ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئوۋياڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئىلغار تېخنىكىلارنى ھەقسىز ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تېخىمۇ كۆپ زاكازنى تەقسىملەپ، ئۇلارنىڭ زورىيىپ، روناق تېپىشىغا ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۆزىنىڭ كۇرۇسلۇق مەھسۇلاتىنى يارىتىشىغا پائال ياردەم بېرىمىز.

 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن مەھەللىدىكى كەشتىچى ئاچا – سىڭىللارنى تەشكىللەپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىن 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا خەنزۇچە ‹‹福›› دېگەن خەتتىن 20 نەچچىنى كەشتىلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە، شۇنداقلا پائال مەبلەغ يىغىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.

 كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار يەنە ‹‹كەشتىچى ئاياللار تەشۋىقات ئەترىتى›› تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئاددىي تىللار بىلەن يېزا – كەنتلەردە تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشكە، ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ بېيىشقا دەۋەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى