تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   باش سۈرەت

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى يۈزتۇرا كېڭەشكەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قىسمەن ۋەكىللەرنى زىيارەت

ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، لى چۈنشيا، شى شىن

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. سەككىز ۋەكىل ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى.

مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش. ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى باش شۇجىغا ھاياجان ئىلكىدە سۆزلەپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى، ئارىلاپ ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋەكىللەر قايسى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى؟ قانداق تەكلىپلەرنى بەردى؟ مۇخبىرلىرىمىز قىسمەن ۋەكىللەرنى زىيارەت قىلدى.

‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى››

‹‹توختىخان ئانا، مەن سىزنىڭ سالىمىڭىزنى يەتكۈزدۈم، باش شۇجىمۇ سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىگە سالام ئېيتتى!››. يىغىن مەيدانىدىن چىققان مەمەترېھىم مەمتىمىن قۇربان تاغىنىڭ 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان قىزى توختىخان ئانىغا تېلېفون بەردى، توختىخان ئانىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا توختىخان ئانىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يۇرتداشلارغا بەخت تىلىگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. شۇ كۈندىكى قاراپ چىقىش جەريانىدا، خوتەندىن كەلگەن مەمەترېھىم مەمتىمىن توختىخان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىغا بولغان تەشەككۈرىنى ئېلىپ كەلدى، ‹‹توختىخان ئانا كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، چوقۇم ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغانلىقىنى سىزگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى››، دېدى ئۇ.

مەمەترېھىم مەمتىمىن ئەسلەپ: باش شۇجى توختىخان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ماۋ جۇشىنىڭ قۇربان تاغىنى سەمىمىي قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىكى چوڭ سۈرىتى ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىنى كۆرۈپ: ‹‹كىچىك ۋاقتىمدا قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلايتتىم، دەل مۇشۇ سۈرەتنى كۆرگەن››، دېگەنىدى. باش شۇجى ماڭا بۇ ئۈلگىلىك ئائىلىگە سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، دېدى.

باش شۇجى بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلاشقانلىقىنى ئەسلىگەن مەمەترېھىم مەمتىمىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى يەنە مەندىن يۇرتداشلارنىڭ قانچىلىك يېرى بار، نېمە تېرىيدۇ، كىرىمى قانداقراق، دەپ تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، يەنە مەندىن ئالايىتەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە مېنىڭ ۋە يۇرتداشلارنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان – بولمىغانلىقىمىزنى ئالاھىدە سورىدى، بىزنىڭ پائالىيەتنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنى تاپىلىدى. مەن پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، دېدىم، باش شۇجىنىڭ ماڭا ‹‹ياخشى››، دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. مېنىڭچە بۇ باش شۇجىنىڭ بىزنى قەلبىڭلار پارتىيەگە تەلپۈنىدىكەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەنسىلەر، دەپ ماختىغىنى.

باش شۇجى شۇنچە مۇلايىم ۋە يېقىملىق، خۇددى تۇغقىنىمىزدەك

‹‹قەدىرلىك باش شۇجى ياخشىمۇسىز... مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن سىزگە دوپپا تەقدىم قىلىمەن...›› باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەردە رەيھانگۈل ئىمىر مەردانىلىك بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شۇنچە مۇلايىم ۋە يېقىملىق، خۇددى تۇغقىنىمىزدەك، مەن سەمىمىيلىك بىلەن تۇغقىنىمغا ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتتىم. رەيھانگۈل ئىمىر ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانغا پۇلى بولمىغانلىقتىن، جېجياڭدىكى سىشى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەنلىكى، كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى، ئاندىن يەنە مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ، مۇئاۋىن بازار باشلىقى بولغىچە بولغان كەچۈرمىشىنى باش شۇجىغا سۆزلەپ بەردى.

‹‹باش شۇجى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، مەندىن قەيەردە ئىشلىگەنلىكىمنى سورىدى، يەنە مېنى داۋاملىق تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈردى››، دېدى رەيھانگۈل ئىمىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ.

ماھىنۇر نىياز ئەسلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مېنى تونۇيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە ماڭا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكىنى، يىل بويى ئاساسىي قاتلامدا يۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ مۇرەككەپ ئاياللار كېسەللىرىنى داۋالايدىغان دوختۇر ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمغا بولغان ئەڭ يۇقىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولدى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دەل ئۆزىنىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ‹‹باش شۇجى چىقىشقاق ئىكەن، ئۇنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەكلا كۆرۈپ، ھېچقانداق ياتسىرىمىدىم، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئىللىق بىر كۈن بولدى››. رۇس مىللىتىدىن بولغان لىنا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئۇ سۆزلەۋېتىپ ھاياجانلانغىنىدىن كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى ئاقتى.

‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت››

‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت››. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن تۇرسۇن: باش شۇجىنىڭ مۇقىملىق ھەققىدە قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپ، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، دېدى.

تاجىك ۋەكىل نابۇرەشاھ غوجاخۇنمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ‹‹ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئۆتىدۇ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلاندى، تېخىمۇ قاينام – تاشقىنلىققا تولدى››.

‹‹باش شۇجى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غېمىنى يېدى››

‹‹باش شۇجى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غېمىنى يەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەن بۇنىڭدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە <يېرىم دۇنيا>لىق رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن››، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن كەلگەن خاسىيەت ئېلى.

‹‹باش شۇجى بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، شەرەپ ھېس قىلدىم، بولۇپمۇ ئۇ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بېرىپ، سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا مېنىڭ پىكىر بايان قىلغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە بەزى ئىشلارنى قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن››، دېدى ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام.

‹‹دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز››

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، ئۇ سۆزىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئەڭ ياخشى ھۆرمەت سۆزى ئارقىلىق باش شۇجىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

‹‹جۈمە تاھىر داموللام زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. ئۇنىڭ خوتۇنى مېنىڭ پۇرسەت بولسا باش شۇجى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ باش شۇجىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى››، دېدى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا جۈمە تاھىر داموللام ئائىلىسىدىكىلەرگە سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى.

‹‹بىز چوقۇم مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاكتىپ رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشىمىز››، دېدى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ.

‹‹باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز››

‹‹باش شۇجى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىزچىل ئەستىن چىقارمىدى، باش شۇجى سورىغان سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى، 1 –، 2 –، 3 – كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا بولدى››، دېدى شى جيەنيۇڭ ئەسلەپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭدىن نەشپۈتلۈك كۆلىمى، سورتى، ماركىسى، بازاردىكى سېتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم ئىلگىرى كورلىدىكى نەشپۈتزارلىققا بېرىپ تەكشۈرگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىدى.

‹‹مەن باش شۇجىغا كورلا نەشپۈتى چەت ئەللەرگە سېتىلدى دېدىم، باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ سۆزۈمنى مۇئەييەنلەشتۈردى››، دېدى شى جيەنيۇڭ.

‹‹باش شۇجى ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، ئاساس سېلىش خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، ئۇ سۆزىدە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە رولىنى مەخسۇس مۇئەييەنلەشتۈردى. مەن باش شۇجىغا يېقىندىلا <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىمنى، كەنتتىكى 133 نامرات نوپۇسنىڭ بۇلتۇر پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى دوكلات قىلدىم››، دېدى گۈلنۇر مەمەت.

‹‹شىنجاڭنىڭ تاغ، دەريالىرىنى، ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۈيى سۈپسۈزۈك شىنجاڭنى ياخشى قوغداش كېرەك››.

‹‹بىز جەزمەن ئاساسىي قاتلامنى ئەڭ گۈزەل سەھنە دەپ بىلىپ، گۈزەل ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئاممىغا ھەدىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ئاممىغا يەتكۈزىمىز››.

‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى تارىسىنى چىڭىتتى، باش شۇجىنى بىزنىڭ بۇ بىر يىلدىكى ئىستىلنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئىپادىمىزنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

باغدانگۈل زات، دىلنار ئابدۇللا، سۇلتان جايناق... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش شۇجى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشكەن ئۈچ سائەت ۋاقىتنى ئەسلەپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى، ‹‹بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىز تىرىشىپ ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، كېلەر يىلى باش شۇجىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرىمىز››، دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى