توختىخان قۇربان بىر ئائىلە كىشىلىرى شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا، بارچە دىللار تولدى ئىللىق باھارغا   ›   سۈرەتلىك ھېكايە

توختىخان قۇربان بىر ئائىلە كىشىلىرى شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى

مۇخبىرىمىز چېن چېن

[ئاخبارات ئەسلەتمىسى] 2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇربان تولۇم تاغىنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، توختىخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم يۇرتداشلارغا بەخت تىلىدى ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەۋرىڭىز رۇقىيەم يازغان خەتنى كۆرۈپ، 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغان بولسىڭىزمۇ ناھايىتى ساغلام تۇرغانلىقىڭىزنى، جەمەتىڭلەردىكى يۈز نەچچە كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدىم. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەر ۋە يۇرتداشلار ئارىسىدا ياخشى ئۈلگە تىكلىدىڭىز. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىمىزغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدە قۇربان تۇلۇمنىڭ 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغان چوڭ قىزى توختىخان قۇربان بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتۈم. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن كەچ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر›› پىروگراممىسىنى كۆردۈم، باش شۇجى مېنىڭ ھاۋالە قىلغان تىلەكلىرىمنى ئاڭلاپتۇ، مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم، بۇ كۆرۈنۈش ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا. مەن باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، بىز جەزمەن دادىمىزنىڭ روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچىمىز!.

توختىخان ئانىنىڭ يەتتە پەرزەنتىدىن ئىككىسى كادىر، بەشى دېھقان، تۆتەيلەن كومپارتىيە ئەزاسى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن خۇشال – خۇرام، كۈنلىرى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتىدۇ.

توختىخاننىڭ چوڭ ئوغلى مەتتۇرسۇن ئەيسا كەنتتىكى تۆمۈرچى. ئۇ مۇنداق دېدى: بوۋامنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. مەن تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىمنى ياخشى قىلىپ، كەنتتىكىلەر ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن، بۇمۇ بوۋامنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىق.

ئىمىنجان ئەيسا توختىخاننىڭ كەنجى ئوغلى، كېرىيە ناھىيەسى لەنگەر يېزىسىدا بىرلىك سەپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىمىنجان مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكتىن غەم يېمەيمىز، تۇرمۇشىمىز بالدەك ئۆتۈۋاتىدۇ. مەن بىرلىك سەپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مېنىڭ تۇغقانلارنى يىغىپ تەسىراتلىرىمىزنى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، باش شۇجىنىڭ ھاۋالىسىنى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەر بىر يېزا – بازارغا يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچساق، دېگەن ئويۇم بار.

2012 – يىلى قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى جەمەتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسىدىكى تۇنجى ئاز سانلىق مىللەت ئايال ئەسكىرى بولۇپ قالدى. ئىلگىرى خەنزۇچىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان، كەسىپنى پىششىق بىلمەيدىغان رۇقىيەم كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى بىلەن، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئاۋىياماتكىدىكى پىشقان ئالاقىچى ئەسكەر بولدى. ھازىر ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، تەشۋىقات كادىرى بولدى. رۇقىيەم مۇنداق دېدى: ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ناھىيەدە ‹‹قۇربان تۇلۇم روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش›› باش تېما قىلىنغان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، مەنمۇ لېكسىيە سۆزلىگۈچى بولدۇم. بوۋامنىڭ روھى ئىلگىرىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى