تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك

   چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ ھال سورىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى ج خ نۆۋەتچىلىك نۇقتىلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ، مۇقىملىق ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى ج خ نۆۋەتچىلىك نۇقتىلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە بېرىپ، مۇقىملىق ساقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى پېڭ جيارۈي ھال سوراشتا بىللە بولدى.

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەم ئەڭ كۆپ توپلىشىدىغان، كېلىپ – كېتىدىغان تۆۋەن قوۋۇق سودا چەمبىرىكىدىكى شىنخۇا شىمالىي يولىغا جايلاشقان 11 – ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا كۆۋرۈك 3 – كوچىسىدىكى شىنخۇا 4 – نومۇرلۇق بىنا، ‹‹مۇۋەپپەقىيەت›› سودا مەيدانى قاتارلىق جايلاردىكى ج خ نۆۋەتچىلىك نۇقتىلىرىغا بېرىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ساقچى كۈچى سەپلەش، قولاي مۇلازىمەت قىلىش، مەلۇمات قوبۇل قىلىش ۋە مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.

چېن چۈەنگو ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، نۆۋەتچىلىك قىلىش، تەييارلىق قىلىش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۈرلۈك مۇقىملىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ھەر تەرەپ كۈچلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ــ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، شۇڭا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ كادىر - ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى يەنىمۇ قەتئىي ئېتىقاد، يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، يەنىمۇ جۇشقۇن روھ بىلەن مۇقىملىق ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. غايە ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە، قانۇنغا سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى داۋاملىق ياڭرىتىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇقىملىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىقتىدار ۋە ساپانى ئۆستۈرۈپ، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي مەشىقنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، سىياسىي جەھەتتە، كەسىپ جەھەتتە، مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ئىنتىزام جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئاممىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىۋى قاراشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى مەڭگۈلۈك قىممەت ئىنتىلىشى قىلىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى خىزمەتكە باھا بېرىدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاممىغا ياخشى ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇقەددەس ۋەزىپە ۋە بۇرچ، دەپ بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى قاتلاممۇ قاتلام تەقسىملەپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپ ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى