تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرايلى

   چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 13- ئۆكتەبىر قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قۇربان تاغىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى. (مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 13- ئۆكتەبىر چۈشتە ئۈرۈمچىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغان قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلىدى.

50 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان قۇربان تۇلۇمنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ ئۇرۇق- ئەۋلادلىرى باشتىن- ئاخىر پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا ھەسسە قوشۇپ كەلدى. يېقىندا، چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى، 87 ياشلىق توختىخان قۇرباننىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىدا ئۆتكە چۈشكەن تاشنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسىنى ھەقسىز قىلدۇرۇپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە سۆزلەشمەكچى بولدى.

− ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ − كۆرۈشكەندە چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى.

توختىخان بايرامدىكىدەك رەتلىك كىيىنگەن، خاسلىققا ئىگە كۆڭلىكى تولىمۇ ياراشقان بولۇپ، ياغلىقىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇۋالغان خوتەن تەلپىكى خۇددى گۈلدەك ياراشقانىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا چېن چۈەنگوغا سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكى، دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە بەك ياخشى قارىغانلىقىنى ئېيتتى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى، قۇربان تۇلۇمنى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئالىي ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بارغانلىقىنىڭ تىللاردا داستان بولۇۋاتقىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، قەد كۆتۈرۈپ ئازادلىققا ئېرىشكەن قۇربان تۇلۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چەكسىز قەدىرلىدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش داۋامىدا، ئۇ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مېھرىنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولدى. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بەردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگومۇ بولمايدۇ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەتلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىشى كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش ئۇلۇغ ۋەتەننى مەڭگۈ قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. دۆلەت ياخشىلانسا، مىللەت ياخشىلىنىدۇ، ۋەتەن گۈللىنىپ قۇدرەت تاپسا، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر شەخس تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىززەت- ئابرۇيى بىلەن ياشايدۇ. بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى چىن دىلىمىزدىن قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەڭگۈ قوغدىشىمىز كېرەك. ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر بىر مىللەت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى بولۇپ، ئۆز ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بىز قېرىنداشلاردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ئىناق قېرىنداشلاردەك بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت، ياخشى سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز، ئەقىل- پاراسىتىمىزگە تايىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، كۈنىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ بوۋاينىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى تەۋەررۈك قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى ساقلاپ، جەمئىيەت ۋە خەلققە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

چېن چۈەنگو شۇجى توختىخان بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى جاپالىق تۇرمۇشىنى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بەختلىك كۈنلىرىنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتكەندە، توختىغان كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇ: كومپارتىيە بولمىغان بولسا بىزنىڭ يېڭى تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى، بىز ئائىلە بويىچە كومپارتىيەگە سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، دېدى. قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرە قىزى، ئىلگىرى «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن رۇقىيە مەتسەيدى: بىز بوۋىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمىز، دېدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، توختىخان چېن چۈەنگوغا ئۇيغۇر دوپپىسى سوۋغا قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

قۇربان تۇلۇمنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گۇەن يەنمى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ ئەيگو، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى، خوتەن ۋىلايىتى، كېرىيە ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار يوقلاشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى