تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھىر–مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىدۇ، دوستلار ئارىلاشقانسېرى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتايلى

 چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىدە قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇرباننى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھىر–مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىدۇ، دوستلار ئارىلاشقانسېرى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇرباننى يوقلىدى.

 ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 87 ياشلىق توختىخان قۇربان شۇجى چېن چۈەنگونىڭ ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىنىگە بىر ئاي بولمايلا، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى ئاياغلىشىپلا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىككى قېتىم قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇرباننى يوقلىدى.

 توختىخان قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەتىگەندىلا چىرايلىق كىيىنىپ، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ چېن چۈەنگونى ساقلىدى. چېن چۈەنگو ياخشىمۇ سىلەر! دېگىنىچە قەدىمىنى تېز ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. توختىخاننىڭ 11 ياشلىق ئەۋرىسى رەيھانگۈل چېن چۈەنگوغا سالام بېرىپ: چېن بوۋا ياخشىمۇ سىز! ئۆيىمىزگە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز، دېدى راۋان خەنزۇ تىلىدا. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنى مېھرىبانلىق بىلەن باغرىغا باستى.

 تۇغقانلار دىدارلىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدى، توختىخان چېن چۈەنگونىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە ھويلىغا باشلاپ كىردى. ھويلىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن قۇربان تۇلۇمنىڭ كۆرۈشكەن چاغدىكى چوڭ بىر پارچە سۈرىتى چاپلانغانىدى. چېن چۈەنگو مۇشۇ يەردە ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىشنى ئېيتتى. ئۇ: ھېلىلا قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلدىم، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ئىش – ئىزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، بۇ شانلىق ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى.

 مېھمانخانا ئۆيدىكى سۇپا ئۈستىگە قويۇلغان ئۈستەلگە ساڭزا ۋە يەل – يېمىشلەر تىزىلغان، چاينىڭ خۇش پۇراق ھىدى ئۆينى بىر ئالغانىدى. چېن چۈەنگو بىر ئائىلە تۆت ئەۋلاد كىشىلىرى بىلەن باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، سەمىمىي، قىزغىن مۇڭداشتى. چېن چۈەنگو توختىخاننىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەپ كەلگەنىدى، ئۇ توختىغاندىن: ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى. توختىخان تەسىرلىنىپ: سالامەتلىكىم ئەسلىگە كېلىپ بولدى، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، سىزدەك چوڭ باشلىقنى مەندەك بىر يېزىلىق موماي بىلەن تۇغقان بولىدۇ، دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، تۈنۈگۈن مېنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىمدىن ئۇخلىيالمىدىم، دېدى. چېن چۈەنگو كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: سىلەردەك شەرەپلىك ئائىلە كىشىلىرى بىلەن تۇغقان بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم، قۇربان تاغىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە بىرلىكتە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جارى قىلدۇرايلى، دېدى.

 چېن چۈەنگو رەيھانگۈلدىن مۇلايىملىق بىلەن: مومىڭىزنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ مېھمان بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ دەپ سورىدى، رەيھانگۈل: بىلىمەن، تېلېۋىزوردىنمۇ كۆردۈم، مومام قايتىپ كېلىپ بىزگە سۆزلەپ بەردى، دېدى. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنى ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىپ: تەتىلدە ئۆيىمىزگە بېرىپ ئويناپ كېلىڭ، بولامدۇ؟ دېدى. رەيھانگۈل: ماقۇل، چوقۇم بارىمەن، دېدى. چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنى ياخشى ئوقۇپ، تىرىشىپ ياراملىق ئادەم بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى، چېن چۈەنگو رەيھانگۈلنىڭ بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇشقا ئىنتايىن ئامراقلىقىنى ئاڭلاپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بالىلار چۆچىكى كىتابلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 چېن چۈەنگو رەيھانگۈلدىن: خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز، بىزگە تەرجىمان بولۇپ بېرەمسىز؟ دەپ سورىدى، رەيھانگۈل تارتىنىپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى، توختىخان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، رەيھانگۈل خېلىلا قاملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ بەردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال – خۇرام مۇڭداشتى، توختىخان ھاياجان يېشىنى سۈرتكەچ چېن چۈەنگونى پات – پات كېلىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. چېن چۈەنگو: چوقۇم كېلىپ تۇرىمەن، سىلەرمۇ ماڭا تېلېفون قىلىڭلار، ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۇرۇڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھىر – مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىدۇ، دېدى.

 بىردەمدىلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى. توختىخان چېن چۈەنگونى تاماققا تەكلىپ قىلىپ: ئۆتكەن قېتىم مېنى ئۈرۈمچىدە مېھمان قىلغىنىڭىزنى ئۆمۈربويى ئۇنتۇيالمايمەن، بۈگۈن سىزمۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تامىقىنى تېتىپ بېقىڭ، دېدى. مەززىلىك لەڭمەن، پولۇ، گۆش قاتارلىق تاماقلار ئۈستەلگە تىزىلدى، چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى. توختىخان قاچىسىدىكى قورۇمىنى پات – پات چېن چۈەنگونىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويۇپ، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا مىننەتدارلىقىنى ۋە ھاياجىنىنى ئىپادىلىدى، چېن چۈەنگو تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يېدى.

 تاماقتىن كېيىن چېن چۈەنگو مائاشىغا سېتىۋالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراش پۇلىنى توختىخاننىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، توختىخانغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدى، سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. توختىخان ئالدىنقى كۈنى ئالايىتەن بازارغا بېرىپ سېتىۋالغان دوپپىنى چېن چۈەنگوغا كىيگۈزۈپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى.

 خوشلىشىدىغان چاغدا رەيھانگۈل چېن چۈەنگوغا: چېن بوۋا، سىزنى قۇچاقلاپ قوياي، دېدى، چېن چۈەنگو: ماقۇل، مەنمۇ نەۋرەمنى يەنە بىر قېتىم باغرىمغا بېسىۋالاي، دېدى، بوۋىسى بىلەن نەۋرىسى مەڭزىنى – مەڭزىگە ياقتى، شۇنىڭ بىلەن چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رىشتى مەھكەم باغلاندى.

 توختىخان ئائىلىسىدىكىلەر چېن چۈەنگونى ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، كۆزى قىيمىغان ھالدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى، يەنە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى