تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىستىل بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

 چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىستىل بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ پۇختا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىستىل بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

 چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خەلققە قولاي مۇلازىمەت مەركىزى، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، يېزا، كەنت كادىرلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى يوقلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى قۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە پۇختا تەدبىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، يېزا خىزمىتى كۈچلىرىنى تولۇقلاپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، قاتتىق ئۆلچەم، كەسكىن تەرتىپ ئالدىنقى شەرتىدە، ھەر يىلى مۇئەييەن دەرىجىدە پارتىيەگە يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانلىق، شۇنداقلا كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسى ئۇزۇنبوز كەنتىدىكى مەيدانجامە مەسچىتىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ۋە مەسچىتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. مەسچىتنىڭ ئىمامى مەتقاسىم تۆمۈر تونۇشتۇرۇپ: ھازىر مەسچىتتە توك، سۇ، يول راۋانلاشتى، رادىيو كانىيى ئورنىتىلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مەدەنىيەت ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ كىتاب ئوقۇيدۇ، بۇنىڭدىن كۆپچىلىك ئىنتايىن خۇشال بولدى، دېدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بولۇپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ دىنىي سورۇنلارنى قانۇن بويىچە قوغداپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش؛ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە چەكلەپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچىلەرگە، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

 چېن چۈەنگو قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. چېن چۈەنگو چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، سۈرەت، بۇيۇملارنى بىرمۇبىر كۆردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئېغىزدىن – ئېغىزغا تارقىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتىكى قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىزلىرىغا يۈكسەك باھا بەردى. قۇربان تاغىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياخشى قېزىپ چىقىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

 خوتەن شەھىرى گۈلباغ كوچىسى شىزى مەھەللىسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇدىن ئىبارەت ئۈچ مىللەت ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان. چېن چۈەنگو بۇ يەرگە كېلىپ، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت قانات يايدۇرۇلدى ھەم ئايلىق، پەسىللىك باھالاش، يىللىق تەقدىرلەش ئارقىلىق ئۈلگە تىكلىنىپ، توغرا ئىستىل ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ، تېخىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان بولدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

 ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ھەر مىللەت ئاھالىسى مەھەللىدىكى پائالىيەت مەركىزىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، بالىلارمۇ خۇشال ھالدا ئويناۋاتقانىدى. كۆپچىلىك شۇجى چېن چۈەنگونى كۆرۈپ، چۆرىدەپ كېلىشتى ھەم چېن چۈەنگو بىلەن قىزغىن سالاملاشتى، چېن چۈەنگو كۆيۈمچانلىق بىلەن ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە بالىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى سورىدى. چېن چۈەنگو مەترېھىمخان قۇرباننىڭ بىر خەنزۇ قىزنى بېقىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ تەرىپلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ، ھېچكىم بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باشتىن – ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان تومۇر دەپ بىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ھۆرمەت قىلىشى، يول قويۇشى، بەھرىلىنىشى، ئۆگىنىشى، ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ھەيۋەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

 شىنجاڭ ‹‹جىڭخې›› توقۇمىچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئىسسىقلىق ساقلاش چېدىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، خېلى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە ۋە كۆپ تۈرلۈك پاتېنتقا ئىگە، ھازىر يەرلىكتىكى 700 دىن كۆپرەك كىشى بۇ شىركەتكە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. چېن چۈەنگو ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا بېرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مەھسۇلاتنىڭ تۈرى، سېتىلىشى، كارخانىنىڭ ئۈنۈمى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنى بارغانسېرى قۇدرەت تېپىشقا، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، كەسىپنى تىرەك قىلىپ، كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋى كەسىپلەرنى پائال بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسپى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 14 – شىسىنىڭ قۇرۇمقاش شەھىرىگە كېلىپ، بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا ئالاھىدە رول ئوينىدى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىڭتۈەن خىزمىتىگە ئاۋۋالقىدەكلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش ئارقىلىق بىڭتۈەننى چېگرانى ئەمىن تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشتىكى چوڭ پېچقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈنۈملۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، ھەممىدىن ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ تونۇپ، ئىشنى بالدۇر، كىچىكىدىن، تېز ۋە ياخشى تۇتۇپ، بىرىكمە كۈچنى ياخشى ئىشلىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ساقلاش؛ تەرەققىياتنى باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ قاراپ، ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ ھەرىكەت پىروگراممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ››. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پۇختا ئاساسىنى تۇرغۇزۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا مەسئۇلىيەت ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى بولۇپ، جايلار، تارماقلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، راست گەپ قىلىپ، غەيرەتكە كېلىپ چارە تېپىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئاز گەپ قىلىپ، كۆپ ئىشلەپ، ئېغىزدىن چىققان ھامان بېجىرىپ، قىلغان ئىكەن ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ۋە ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مىخ روھى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى