يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9–قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

(2016–يىل 10–ئاينىڭ 29–كۈنى)

 چېن چۈەنگو

 يولداشلار:

 ھازىر مەن ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن.

 بۇ قۇرۇلتاي ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ھەر مىللەت خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش.

 بىرىنچى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، يېڭى تارىخىي پەللىگە قەدەم قويدۇق

 ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىگەن، جاسارەت بىلەن شەرەپ قۇچقان بەش يىل، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز پۇختا قەدەم تاشلىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغ سەپىرىدە داغدام ئىلگىرىلىگەن بەش يىل بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –،4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

 ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەپ، مەركەزلىك تۈزەش ۋە زوراۋانلىق – تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مۇھىم، نازۇك مەزگىللەردە جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىغا، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

 ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. ئۇنىۋېرسال كۈچىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2010 – يىلىدىكى 543 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن 2015 – يىلىدىكى 932 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 50 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن 133 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 3 تىرىليون 959 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ 11 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكىسىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، نېفىتتىن باشقا كۆلەملىك سانائەتنىڭ نىسبىتى %39.5تىن %64.9كە، 3 – كەسىپنىڭ نىسبىتى %32.5تىن %44.7 كە يەتتى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش باشلىدۇق ياكى قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق.

 خەلق تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشلىدۇق. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2010 – يىلىدىكى 4993يۈەندىن 2015 – يىلىدىكى 9425 يۈەنگە، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 14 مىڭ 480 يۈەندىن 26 مىڭ 275 يۈەنگە يەتتى. بەش يىلدا شەھەر، بازارلاردا يېڭىدىن 2مىليون 440 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، نامراتلاردىن 1 مىليون 730 مىڭنى ئازايتتۇق، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، 3 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان – چارۋىچىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. شەھەر، يېزىلاردا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورناتتۇق. مېيىپلەر ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئوقۇغۇچىلارغا يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە 5 مىليون ئادەم(قېتىم) ماددىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىرئوبلاستتا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

 مىللەتلەر – دىنلار ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ۋە ‹‹بەشنى تونۇش›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقىنى كۈنسايىن ئاشۇردۇق.

 ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونغا ئايرىش پىلانىنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، 12 مىليون 740 مىڭ مو يەردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدۇق، ئورماننىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %4.7 كە يەتكۈزدۇق. 150 مىليون مو ئوتلاقتا يايلىتىشنى توختاتتۇق، ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان كۆلەمنى 540 مىليون موغا يەتكۈزدۇق، دەريا، كۆل سۈيى سۈپىتىنىڭ ئەلالىق نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق. تەڭرىتاغنى دۇنياۋى تەبىئىي مىراس تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۇنياۋى تەبىئىي مىراس بولماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بەردۇق.

 دېموكراتىيە – قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق.

 مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق. مەدەنىيەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردۇق، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى – تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.

 بىڭتۈەن خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. بىڭتۈەننىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %16.1 ئاشۇردۇق، شەھەر، بازار ۋە ليەن – دۈيلەردىكى دائىملىق نوپۇسنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.8 ۋە %14.4 ئاشۇرۇپ، بەش يىلدا بىر قاتلىدۇق. بىڭتۈەننىڭ خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردۇق.

 پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسى، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىشتەك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى قۇرۇلۇشى، كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قىلچە يۈز – خاتىرە قىلماي، جازالاپ، پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

 ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى، دانا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سەمىمىي كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسمى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوللىغانلىقى، قاتناشقانلىقى، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان يولداشلار، دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن !

 بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىچكى جايلار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشنى خىزمەت ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش شەرت. سىياسىي يۆنىلىشتە، ئومۇملۇقنى كۆزلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلاش، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇش كېرەك. بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، نىشاننى كۆزلەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، نەزەردە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئەلرايىنى مايىل قىلىش، قورغاننى مۇستەھكەملەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرمىللەت ئاممىسىغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، يېقىندىن تايىنىپ، ھەرمىللەت ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئادىل يۈرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ماھىر بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا ئەمەل قىلىشى، قانۇننى تەتبىقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزەپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، مەنبەدىن تۈزەپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە تۇتۇش قىلىپ، ھەم نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەم ئۇلنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ خىزمەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئېھتىياتچانلىق بىلەن سالماق ئىلگىرىلەش، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ، كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەممىدە يىراقنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ھازىرقى ئىشلاردىن كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

 بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئاسانغا توختىمىدى، تەجرىبىلىرىمىز تولىمۇ قىممەتلىك. بىز چوقۇم بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەسسىلەپ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

 ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

 شىنجاڭ خىزمىتىدە تارىخىي يېڭى پەللىگە قەدەم قويدۇق. كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ.

 بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، بىز يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىمىز. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ئىجابىي، ياخشى، خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولدى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق – تېررورلۇق قۇترىغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن مەزگىل، قول سېلىپ تۈزەش تەخىرسىز بولغان مەزگىلدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› ھالىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولىدۇ، بەزىدە، ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىمىز ئىنتايىن مۈشكۈل. يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ خوت يۆتكەش مەزگىلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەخىرسىز مەزگىلى، ئالدىنقى قوزغىتىش سىياسىتىنىڭ ھەزىم قىلىش مەزگىلىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قازىنىش، ئىقتىسادنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ۋەزىپىمىز ئىنتايىن مۈشكۈل.

 بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، بىز تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئېرىشىمىز. بىرىنچى، تارىخىي پۇرسەت. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا بېقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشىمىزنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسىگە ئىگە قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە رىشتە باغلاپ، ئالايىتەن شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇھىم يوليورۇق بەردى، 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە، ئابىدە ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. ئىككىنچى، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كەڭ ماكانغا ئىگە قىلدى. ئۈچىنچى، سىياسەت پۇرسىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 4 – ، 5 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى مەخسۇس ئېچىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئاپتونوم رايونىمىزنى قوللاش سالمىقىنى ھەر تەرەپتىن ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. تۆتىنچى، ئىسلاھات پۇرسىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ تەمىنلىگۈچى تەرەپ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىقتىسادنى داۋاملىق سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى. بەشىنچى، تەرەققىيات پۇرسىتى. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، تاغ – دەريالىرى ھەيۋەتلىك، مەدەنىيىتى پارلاق، ئۆرپ – ئادەتلەر ئاددىي – ساددا بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەرمىللەت ئاممىسى پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدۇ، ئۇلار تولىمۇ سۆيۈملۈك، يېقىملىق، قەدىرلىك، ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك، قىزغىنلىقى يۇقىرى، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.

 شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش.

 بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك، يەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتنى مۇشۇ باش نىشانغا بويسۇندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش، پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ‹‹بىر جان تومۇر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر نىيەتتە بولۇشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ‹‹ئىككى مۇھىم نۇقتا››نى ئىگىلەش كېرەك، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇقىملىقنى تۇتىدىغان، بىر بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتىدىغان ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسى قۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ‹‹بىر مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىر قولدا زوراۋان – تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى، يەنە بىر قولدا ئەلرايىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىشنى تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ‹‹تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش›› كېرەك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ئاھالىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ‹‹بىر ياخشى ۋەزىيەت››نى يارىتىش كېرەك، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ياخشى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى يارىتىش كېرەك.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى ئاساسلىق كۈرەش نىشانىمىز:

 ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ئىناق، مۇقىم قىلىش. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى سىجىل مۇقىم قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش.

 ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش. ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا – يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7 ئۆپچۆرىسىدە، ئادەتتىكى جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.5 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش.

نامرات ئاھالىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش. ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا، نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىنى ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قازىنىش.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى داۋاملىق ياخشىلاش. غەربىي رايون يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، ئېنېرگىيەنى، سۇنى تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش كۆزلىمە نىشانىغا ئومۇميۈزلۈك يېتىپ، بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك، ئاسمىنى كۆپكۆك، زېمىنى باغۇ – بوستانلىق بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكىدە ئەڭ مۇھىمى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانداق قىلغانلىققا، تىنچ – ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ساقلىغان – ساقلىمىغانلىققا قاراش كېرەك. بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، دائىم سەگەك تۇرۇپ، بالدۇر، كىچىكىدە، تېز، ياخشى تۇتۇپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك.

1.قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. تىنچ – تەرتىپلىك، ئاۋات – ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بولۇشى ئەلنىڭ ئارزۇسى، ئاۋامنىڭ تىلىكى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي، كەسكىن، قاتتىق زەربە بەرگەنلىك ھەر مىللەت خەلقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغانلىق ۋە چەكسىز سۆيگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، قاتتىق زەربە بېرىش – تۈزەش ئارقىلىق بېسىم قىلىش، چۆچۈتۈش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى زوراۋان – تېررورچىلار، قانۇنسىز تەشكىلات ۋە جىنايەت شايكىلىرىغا زەربە بېرىشتە، بارلىرىنى قېزىش، مىقدارىنى ئازايتىش، تۇپرىقىنى يوقىتىش تەلىپى بويىچە، كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دەل جايىدا، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

2.‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تىرەك ئاساسىي قاتلامدا، ئەڭ گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ئەمەلىيەت ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى. گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئورۇنلار تىرەك بولۇش، بىرىنچى قول رەھبەر ئومۇمىي مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كادىرلاردىن ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كەنت (ئەترەت) ۋە ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ، ئامما بىلەن يېمەك – ئىچمەكتە، يېتىپ قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش، ئىدىيەۋى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

3. مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەسچىتنى ئىجتىمائىي تەشكىلات، دىن خىزمىتىنى مۇھىم ئاممىۋى خىزمەت دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەسچىتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مەسچىتكە دائىر تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

4.شەھەر، بازارلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسلىق مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ ھەم ھەر مىللەت ئاممىسىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ھەم شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش مۇداپىئە تورىنى پۇختىلاپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

5.نۇقتىلىق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق ئورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر، نۇقتىلىق ئامىللاردا تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يوچۇق، باشقۇرۇشسىز رايون، بوشلۇق قالدۇرماسلىق كېرەك.

6. چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش – كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، ماددىي كۈچ ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلق، قوراللىق ساقچى قىسىم بىلەن خەلق، بىڭتۈەن بىلەن خەلق ۋە چېگرا ئاھالىسى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇپ، چېگرا پورتلىرىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ۋە جابدۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا باشقۇرۇش – كونترول قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئەسى پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

7.ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقە تورى شىنجاڭغا چېتىشلىق جامائەت پىكرى كۈرىشىدىكى مۇھىم بازا، شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم جەڭ مەيدانى، ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئالاقە تورىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، توردىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئالاقە تورى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، سادىق – ئىشەنچلىك، ئىنكاسى تېز، ئۈنۈملۈك ئەسقاتىدىغان قۇدرەتلىك تور قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

8.پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. زىددىيەت – ماجىرالارنى تەكشۈرۈش، مۇرەسسە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك؛ كۆچمە ئاھالىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

9.تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابىنى دەرىجىمۇدەرىجە قۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان، بىردەك ماسلىشىدىغان، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، بىر تۇتاش ھەرىكەتكە كېلىدىغان، تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان، ئىخچام قوماندانلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھۆددە ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلكە – جۈن دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نى، ۋىلايەت دەرىجىلىك رەھبەرلەر ناھىيە (شەھەر، رايون)نى، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر يېزا – بازارنى، يېزا دەرىجىلىك رەھبەرلەر كەنتنى ھۆددە ئېلىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، ھۆددە ئالغان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چوڭ – چوڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرما، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، مۇھىم سىياسەتلەرنى تەڭشەش قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، مۇمكىنلىكى، بىخەتەرلىكىنى باھالاپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنى ئەمەلىي جەڭنى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەن ھامان، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كۈچى ئەڭ تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىش، ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان، ئۆز جايىنىڭ ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان جايلار، ئورۇنلار، شەخسلەرنى تەقدىرلەش – مۇكاپاتلاش ۋە ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورتاق مەسئۇل بولۇش، بىر ئورۇندا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق جەھەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەسىلە كۆرۈلگەنلىرىدە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات بىر – بىرىگە ماسلىشىدۇ ۋە بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، تەرەققىيات مۇقىملىقنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بىز مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورماللىقىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، شۇ جايدىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

1.ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى كۈچەپ ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش، باغۋەنچىلىكنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، ئورگانىك مەھسۇلات دېگەن داڭقىنى چىقىرىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى تېز زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلققە ئۈنۈملۈك نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تېز ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر – خىمىيە سانائىتى، نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك، ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىقى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مىللىي تېبابەت – دورىگەرلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، ئېنېرگىيە تېجەش – مۇھىت ئاسراش كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ جۇغلىنىپ تەرەققىي قىلىشى، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. 3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنى تىرىشىپ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ سودا ئەشيا ئوبوروتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەسى، ئىچكى قۇرۇقلۇق پورتى ۋە پورت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – يېزا – بازار تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا سودىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سۇبيېكتلىرىنى كۆپەيتىپ، كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە بازىرى بەرپا قىلىش كېرەك؛ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ‹‹ئالاقە تورى+›› ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

2.ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، تەمىنلىگۈچى تەرەپ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، ساقلانمىنى، پىشاڭنى تۈگىتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مەركەز بېكىتكەن تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق، دۆلەت مۈلكى دۆلەت كارخانىسى، ئېنېرگىيە – بايلىق، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمىسى، باھا مېخانىزمى، مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق تۈرىدىكى مەركەز كارخانىلىرى شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى دادىل تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي ئېغىشماي كېڭەيتىش كېرەك، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاتلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىن ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئەركىن سودا باغچە رايونى قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈكبېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن ئىقتىساد – تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

3.ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي ئۆتىڭى، ئوتتۇرا ئۆتىڭى، جەنۇبىي ئۆتىڭىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتەڭ قۇرۇلۇشى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ – شىمالىي شىنجاڭ چوڭ ئۆتىڭى قۇرۇلۇشىنى، تۆمۈريول، ھاۋا يولى، تاشيولدىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى سۇچىلىق كاپالەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشكە دائىر بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشلارنى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق چوڭ – ئوتتۇرا تىپتىكى تاغلىق رايون تىزگىنلىمە قۇرۇلۇشىنى تېز پۈتتۈرۈپ، يەكەن دەرياسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ مەنبەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك، نۇقتىلىق گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىش››قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا تېزدىن تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئىشلىتىش ئىقتىدارى، سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇش،ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

4.بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاش ۋە قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بايلىق ئېچىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مۇھىم كەسىپلەر، مۇھىم تۈرلەرنى ئىلمىي جايلاشتۇرۇپ، بايلىق باشقۇرۇشنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە كۈچەيتىپ، تەرتىپسىز ئېچىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بايلىقنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئېچىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بايلىق ئېچىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، بايلىق ئېچىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز يەرلىك كارخانىلىرىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بايلىقنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە پىششىقلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بايلىق ئېچىشتىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. يەر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەر قوغداش تۈزۈمى ۋە يەردىن تېجەپ پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

5.يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم مۇھىم پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى پائال ئۈستىمىزگە ئېلىپ ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم تەكشۈرۈش مەركىزى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان پەن – تېخنىكا باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپ بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

6.شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇشنى پائال، سالماق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يىرىك پىلاننى يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر، بازار ماكان ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، شەھەر، بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىنىڭ مۇۋاپىق توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر، بازارلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئازادىلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەر توپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر چەمبىرىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر، چېگرا پورت شەھەرلىرى ۋە ئۆزگىچە كىچىك شەھەر، بازارلارنى يېتىلدۈرۈپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، قاتلىمى تەرتىپلىك، ئىقتىدارى بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر، بازارلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان شەھەر، بازار ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچىنى زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك، ناھىيەلەرنىڭ يېزا قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، بازارلارنىڭ جامائەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە يەتكۈزۈپ، تىرىشىپ ئىناق، مۇقىم، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

بەشىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا. ئەلنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپمىسا، جەمئىيەت مۇقىم بولمايدۇ. شۇڭا بىز ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھال – ئەھۋالىنى باشتىن – ئاخىر قەلبىمىزگە چوڭقۇر پۈكۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، خەلق تۇرمۇشىغا ئالدىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

1.ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كۆپ يول ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كېرەك.ئىشقا ئورۇنلاشۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى. شۇڭا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپ يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ ئىچكى جايلارغا، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە تىرىشىپ شەھەر، بازارلاردا 2 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 13 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەكىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردىكى ئائىلىسىدىن بىرەيلەنمۇ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىش كېرەك.

2. مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، دەرسلىك تۈزۈش – بېسىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك. يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ قوش تىل مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بولۇپمۇ يەسلى قوش تىل مائارىپىنى ياخشى تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى، دەرسلىك، سورۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوش تىل مائارىپىغا ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇشىغا باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كەسپىي مائارىپنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ سانىنى، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى كۆپەيتىپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ھەر بىر ياشنى بىرەر تېخنىكىغا، جېنىنى باقىدىغان بىرەر ماھارەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ ئالىي مائارىپنى نۇقىتلىق كۈچەيتىپ، مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

3. داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز تەكشۈرۈش كېرەك. داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا – بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە) دەرىجىلىك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – بازار دوختۇرخانىسى ۋە كەنت شىپاخانىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ‹‹ئۆمەك شەكلى››دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك دوختۇرخانىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېنىك كېسەللەر يېزىدىن چىقماسلىق، ئېغىر كېسەللەر ناھىيەدىن چىقماسلىق، مۇرەككەپ، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر ئاپتونوم رايوندىن چىقماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

4.ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمسىىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا تۈرلۈك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى تىرىشىپ %95تىن ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ‹‹بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان›› ياشانغانلاردىن ئۆزى خالايدىغانلىرىنى مەركەزلىك بېقىش، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىكى تورىنى پۇختىلاش كېرەك. مېيىپلەر ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاياللار – بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

5.نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ‹‹ئالتە تۈجۈپىلىك››، ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت يار – يۆلەك بولۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق قوللاش، ئامما قاتنىشىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا نامراتلارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون بويىچە نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ نامرات ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.

6.ئەمىن تاپقۇزۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاشقا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى غەملەپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە تىرىشىپ 1 مىليون 412 مىڭ 800 ئائىلىلىك دېھقان، چارۋىچىنىڭ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېزىدىكى ئاممىنى تىرىشىپ بىخەتەر، قولاي ئۆيدە ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ شەھەر، بازارلاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەردىكى كەپە ئۆي رايونى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شەھەر، بازارلاردا 992 مىڭ 200 يۈرۈش ھەرخىل كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيەلىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى تىرىشىپ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش كېرەك.

7.ئىللىقلىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، پوچتا، رادىيو – تېلېۋىزىيە، كىنو، قىرائەتخانىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ يېزا تاشيولى مۇساپىسىنى 130 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرۇپ، ئىشتاتلىق كەنتلەردە ئاسفالت (سېمونت) يول، كەڭ بەلباغلىق تور بولۇش نىسبىتىنى %98 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، توك يوق رايونلاردىكى ئاھالىنىڭ توك مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش كېرەك.

8. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ،چېگرانى مۇقىم قىلىش، مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چېگرا رايونلارغا قارىتىلغان تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىم ۋە مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، چېگرا ئاھالىسى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش كەچۈرۈشى، چېگرانى خاتىرجەم قوغدىشى – مۇستەھكەملىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

9.بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى، كۆزىتىش – سىگنال بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش – پاناھلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنى تىرىشىپ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش – ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئالتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئىچىدە كەلگۈسىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى›› دەپ كۆرسەتتى. بىز مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

1. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ خەنزۇچىلىققا ۋە تار مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر بابباراۋەر بولۇش، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇش ۋە باراۋەر مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

2.ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى دادىل يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە پىشقان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا تولۇق ئىشىنىپ، ئۇلارنى يۈرەكلىك ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك، كادىر ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

3. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، سۇپا ھازىرلاش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگىلىك رول ئوينىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسىنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە، يېزا – كەنت، گازارما، تۈەن – مەيدان، ليەن – دۈي، دىنىي سورۇنغا يۈزلەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

4.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ئورۇنلارنى بەرپا قىلىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى باھالاپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشۇشتەك ياخشى يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

5.مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى قوشماقلىشىپ، تۇغقان بولۇپ، پات – پات كۆرۈشۈپ، دائىم يىغىلىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، كۆيۈنۈپ، ياردەم بېرىپ، كۆپ قاتلام، كۆپ خىل شەكىلدە ئالاقىلىشىپ، باردى – كەلدى قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا يول قويۇشى، ئۆزئارا ياقتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك. مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتى بار مىللىي – خەنزۇ مەكتەپ، يەسلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، مىللىي – خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ ئوقۇش، ئارىلىشىپ يېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ياشايدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان قىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

6.مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللىي كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىككە قەستەن قۇتراتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلوسى سادىر قىلغان جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

يەتتىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

‹‹شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆپىنچىسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا، دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك››. شىنجاڭدا دىن مەسىلىسى ئۇزاق مۇددەتلىككە، مۇرەككەپلىككە، ئاممىۋىلىققا، مىللىيلىققا، خەلقئارالىققا ئىگە بولۇپ، تۈپ ئاساسقا، كەلگۈسىگە، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

1.پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

2.دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىنىي تەشكىلاتلار، دىنىي سورۇنلار، دىنىي زاتلار ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن – بەلگىلىمىلەر بويىچە قوغداش، ئاممىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنى تولۇق چۈشىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، دىنىي پائالىيەت بىلەن مىللىي ئۆرپ – ئادەتنىڭ، دىنغا نورمال ئېتىقاد قىلىش بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ چەك – چېگراسىنى توغرا ئايرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ دىنىي بىلىملەرنى توغرا ئىگىلىشىدىكى قانۇنلۇق يوللارنى سالماقلىق بىلەن كېڭەيتىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى توسۇش كېرەك.

3.ئىناق مەسچىت بەرپا قىلىش ۋە ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى باھالاش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي سورۇن››، ‹‹بەشتە ياخشى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، مەسچىت ۋە دىنىي زاتلارنى ئىناق مەسچىت بەرپا قىلىش، ئىلغار – نەمۇنىچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر )، ناھىيە (شەھەر، رايون) لەردە ۋاقتىدا ئىناق مەسچىت ۋە ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى باھالاپ، تەقدىرلەپ، مەسچىت ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش، قانۇن، قائىدىگە رىئايە قىلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

4. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ، قوغداپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى قوغداش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، ئوبيېكت دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان قوغداش، كۆيۈنۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى ۋە ئىسلام دىنى مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى مول، پەزىلەتتە ئامما ئېتىراپ قىلغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينايدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. دىنىي زاتلارنى ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەز ئېيتىش، تەپسىر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن يول قويغان، دىنىي ئەقىدىگە ئۇيغۇن، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ماس دىنىي ئىدىيەلەرنى قېزىپ چىقىپ، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىشقا دائىر دىنىي ئەقىدىلەرنى شەرھلەپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشقا يېتەكلەش كېرەك.

5.مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈچەيتىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى تۇغقاندەك كۆرۈپ، دوست دەپ بىلىپ، سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى، رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، قىرائەتخانا، سىياسەت، قانۇن – نىزامنى مەسچىتكە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. مەسچىتتىكى دىنىي خادىملارغا كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەسچىتلەردىكى نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

6. قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش كېرەك. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىك››نى قەتئىي تۈزەپ، يوشۇرۇن ۋەز ئېيتىش، دىن ئۆگىنىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇمى، قانۇنسىز دىنىي تور تەشۋىقاتىنى قەتئىي تۈزەپ، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان، دىن تونىغا ئورۇنۇۋالغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلغان، بۆلگۈنچىلىك، سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەتچىلەرگە، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

سەككىزىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك

‹‹ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ئىنتىلىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك››. شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇنى قىلچە بوشاشتۇرۇشقا، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىز ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

1.سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئاڭلىق سۆيۈشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەكتەپ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، مېڭىگە كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. ئاممىۋى ئىدىيەۋى تەربىيەنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئاممىغا داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى ۋە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

2.ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەننى گۈللەندۈرۈش كېرەك، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا دائىر مۇھىم نەزەرىيە، ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئىدىيەۋى – نەزەرىيەۋى مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سالمىقى بار، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى نەزەرىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئەسەبىي ئىدىيە سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك، بايراق روشەن ھالدا ‹‹پانتۈركىزم››، ‹‹پانئىسلامىزم››نى تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنى مەجبۇرلاش، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل مەقسىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مالىمانچىلىق بالايىئاپەت، مۇقىملىق بەخت – سائادەت دېگەن چوڭقۇر قائىدىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسىنى ھەقىقىي بەرپا قىلىش كېرەك، رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، تور بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساداسى، ئوبرازىنى 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا نامايان قىلىش كېرەك.

3. ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، تاراتقۇنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىش، مۇقىم بولۇش، غەيرەتكە كېلىشتە، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەشۋىقات – خەۋەر قىلىشنىڭ يېقىشچانلىقى، جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر تارقىتىشتىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش كېرەك. شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، ‹‹كىرگۈزۈش››، ‹‹چىقىرىش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاشقى تەشۋىقات پىروگراممىلىرىنى چەت ئەلدە قوبۇل قىلىش ۋە ‹‹يەرلىكلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا جامائەت پىكرى سۆز ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ئوبيېكتىپ، چىن، ئىتتىپاق، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى دۇنياغا تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

4.جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – يېزىلارنى قاپلىغان زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى يېزىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ‹‹ئۈچ ساراي›› قۇرۇلۇشى ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى، كەنت (مەھەللە) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى تەنتەربىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسى، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

5.ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سىستېمىسىنى يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ‹‹مەدەنىيەت +›› ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئامىلى ۋە يارقىن نۇقتىلىرىنى قېزىپ، مەدەنىيەت كەسپى بىلەن ساياھەت، تەنتەربىيە، پەن – تېخنىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت كەسپىي گۇرۇھلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

6.سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ‹‹ئىككى ئۈچۈن›› يۆنىلىشى ۋە ‹‹ئېچىلىش، سايراش›› فاڭجېنىدا، خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ئىجادىيىتىگە يار – يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىممەت قارىشى جەھەتتە زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسى يورۇتۇپ بېرىلگەن، مەزمۇن جەھەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە جانلىق، تەسىرلىك بولغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە مىللىيچە – خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلىرى قۇرۇلۇشى››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى يېتەرلىك مەنىۋى ئوزۇققا ۋە مول مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

توققۇزىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

‹‹خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇش شەرت››. شۇڭا، بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر ئىدىيەدە، يۆنىلىشتە، ھەرىكەتتە بىردەك بولغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

1.قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قايسى مىللەت بولۇشىدىن، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر قانۇنغا قەتئىي رىئايە قىلىش، ھەر قانداق تەلەپ ۋە ئارزۇنى قانۇنلۇق يول بىلەن ئىپادىلەش، ھەل قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جەزمەن جازالاش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىغا قانۇن يۈرگۈزۈشكە دائىر ھەر بىر دېلو ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا نېمىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن، نېمىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، قايسى ئىشنى قىلسا بولىدىغانلىقى، قايسى ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ ياخشىلىققا ئىنتىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مىللەت – دىن ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دىن سىياسىيغا، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك، ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، نىكاھ، پىلانلىق تۇغۇتقا ئارىلىشىشىغا، دىندىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي تەرتىپ، خىزمەت تەرتىپى، تۇرمۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈشىگە، دىندىن پايدىلىنىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

2.خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىشتا يېتەكچىلىك رول ئويناپ، قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خىزمەت نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقى، مۇھىم كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىنى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

3.كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، نىزام چىقىرىش ئىشلىرىدا كېڭىشىش، مەمۇرىي ئىشلاردا كېڭىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش، ئىجتىمائىي ئىشلاردا كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام ئىشلىرىدا كېڭىشىش قاتارلىق كۆپ خىل كېڭىشىش ئىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

4.پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ھەقىقىي ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇش، سەپەرۋەر قىلىش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

5. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى زورايتىش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلىشىش، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور چەكتە ئىشقا سېلىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى، دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسى، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى تاراتقۇ كەسىپكارلىرىغا قارىتىلغان بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى كېڭەيتىش كېرەك.

6.دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. ‹‹پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش، ئىستىلى ياخشى بولۇش››تىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە ئىسلاھاتى، بولۇپمۇ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، قىسىملارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ئارمىيە – خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ئونىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ پەۋقۇلئاددە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

‹‹بىڭتۈەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، بىڭتۈەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى ھېچكىم ئوينىيالمايدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ››. شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. شۇڭا، بىز بىڭتۈەن خىزمىتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق ۋە ئۈلگە رايونىلىق پەۋقۇلئاددە رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

1.بىڭتۈەن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەن خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۈەنگە بولغان فاڭجېن، سىياسەت رەھبەرلىكى ۋە پارتىيەنىڭ، سىياسىي – ئىدىيەۋى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى قەرەللىك مۇھاكىمە قىلىپ، بىڭتۈەن دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇملۇقنى ئىدارە قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

2.بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلىشىش، يۇقىرى – تۆۋەن تەڭ ھەرىكەتلىنىش، ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش، كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلىشتەك مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ئۇنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، تېخىمۇ زور رول ئوينايدىغان قىلىش كېرەك.

3.بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ماسلىشىش ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، كادىر ئىختىساسلىقلار، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننى بىرلىكتە قوغدايدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان، مەدەنىيەت ئۆزئارا بىرىككەن، ئورتاق گۈللىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4.بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللاش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا، بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ پارتىيە، مەمۇرىيەت، ئارمىيە، كارخانا، بىر گەۋدىلىشىشتەك تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى ساقلاشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئالاھىدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بىلەن بازار مېخانىزمىنىڭ مۇناسىۋىتى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

5. بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسى، بازار سىستېمىسى،ئۇل ئەسلىھەلىرى، جامائەت مۇلازىمىتى، بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئىشلىرىنى يەرلىك بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ يولغا قويۇپ، رايون بويىچە باشقۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىپ، ئوخشاش رايوندا ئوخشاش سىياسەتنى يولغا قويۇش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ شى، تۈەنلىرىدە شەھەر – بازار قۇرۇشنى قوللاپ، شى بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى، بىڭتۈەننىڭ نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇشى، ئاھالىنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاش كېرەك.

6.بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ تەرەققىيات جايلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى ۋاسىتە، كەسىپنى تىرەك قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئون بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشى ئەلنىڭ ئەڭ زور بەخت – سائادىتى››. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەۋلادلارغا مۇناسىۋەتلىك. بىز ئېكولوگىيەنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تۈپ گۈل – گىياھنى، تاغ – دەريالىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنىڭ دائىم ياپيېشىل، سۇلىرىنىڭ سۈپسۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

1.ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش يۈكسەلگەن، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىتقىساد ئاستىراق تەرەققىي قىلسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماي، تاغ – دەريالىرى گۈزەل، ئادىمىيلىكى كۈچلۈك، ئىناق بولغان، ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئېكولوگىيەسى مەدەنىي شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

2.ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كەسىپ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىلا تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

3. ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەبىئىي مىراس، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، قۇملىشىپ كەتكەن يەر دائىرىلىنىدىغان مۇھاپىزەت رايونى، گېئولوگىيە باغچىسى، ئورمان باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى، مۇھىم سۇ مەنبەسى ۋە مۇھىم سۇلۇق يەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي ئوتلاقنى قوغداش، ئوتلاق بىلەن چاۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە يايلىتىشنى مەنئى قىلىش – توختىتىپ تۇرۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئېتىز ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى شارائىتقا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، يەرنىڭ قۇملىشىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

4. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش – بۇلغىما ئازايتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېزدىن شاللاپ، بىكار قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى، سۇ بۇلغىنىشى، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىما مەنبەسىنى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئومۇميۈزلۈك يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر – بازارلىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى، ئاساسلىق دەريا، كۆل سۈيى سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى، تۇپراق مۇھىتى سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يېزا ئىگىلىك يېرى ۋە قۇرۇلۇش يېرىنىڭ مۇھىت بىخەتەرلىكىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

5.سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشقا دائىر ‹‹ئۈچ قىزىل سىزىق›› تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىش – تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇ بايلىقىنى دەلىللەش تۈزۈمى ۋە سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، مەھسۇلاتنى، يەرنى، شەھەرنى سۇغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. سۇ ئىشلىتىشنى ئۈنۈمىگە قاراپ قاتتىق تىزگىنلەپ، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سۇنى تېجەپ سۇغىرىش، سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، پەلەمپەيسىمان سۇ باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ ھوقۇقى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ تېجەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك.

6.ئېكولوگىيەنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتىيە كومىتېتىلىرى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمەتلىرى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك مۇھىت سۈپىتى مەسئۇلىيىتىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بۇلغىما چىقارغۇچىنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە نەتىجىنى سىناش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بويىچە سىناش چارىسى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرۋايەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئاسمىنىنىڭ كۆك، زېمىنىنىڭ يېشىل، سۈيىنىڭ سۈزۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئون ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە ئاچقۇچ دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئەڭ زور نەتىجە، دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

1. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ھەقىقىي چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ھەممىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى جېنىدەك ئەزىز بىلىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيەنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىدىن ئىبارەت بۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە دۆلەت ئورتاق تىلىدا توپلام قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تارقىتىپ بېرىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقتىسىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىپ، ئاممىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئاممىغا بولغان مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەگە دائىر تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ئۇنى مۇزاكىرە قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پىكىر بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىك مۇزاكىرە قىلىش سىياسىي كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. توغرا بولغان ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشنى كادىرلار خىزمىتىدىكى يادرولۇق ئىدىيە قاتارىدا ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تاللانغان كادىرلاردىن تەشكىل خاتىرجەم بولۇش، ئامما رازى بولۇش، كادىرلار قايىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىش كېرەك، ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس››، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمى ھەمدە سىردىشىش – سۆھبەتلىشىش، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش، يوليورۇق سوراش – دوكلات قىلىش تۈزۈملىرىدە چىڭ تۇرۇپ، شەكىل – ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى رەھبەرلىك بەنزىسىنى سىناش – باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك. ھوقۇققا چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇق بولغانىكەن مەسئۇلىيەت بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلەتكەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پاك – دىيانەتلىك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپى ۋە تۈزۈم مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقى، قوشۇنىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ، ئىستىل – كەيپىيات دۇرۇس توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يارىتىش كېرەك.

2.بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى ھەقىقىي چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى فېئودال خۇراپاتلىق بىلەن شۇغۇللانماسلىق، دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، بىدئەت تەشكىلاتقا قاتناشماسلىق، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان – تېررورچى كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قانات ئاستىغا ئالماسلىق، قوللىماسلىقتەك ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر سەگەك بولۇپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن، تىلى بىلەن دىلى بىردەك، پوزىتسىيەسى قەتئىي، قەدىمى ماس بولۇشنى باشتىن – ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، تىلى باشقا، دىلى باشقا، دېگىنى باشقا، قىلغىنى باشقا بولۇشقا، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لىك، ‹‹يۇمىلاق تاۋۇز››لۇق قىلغان ھەتتا بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان، بىر قازاندا تەڭ قاينىغانلارنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

3.رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلچەمنى چىڭىتىش كېرەك، ‹‹ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك – دىيانەتلىك›› ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى كادىرلارغا قويغان ‹‹چوڭ ھەق – چوڭ ناھەقنى ئايرىشتا مەيدانى ئىنتايىن روشەن بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئىنتايىن قەتئىي بولۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قىزغىن سۆيۈشتە ئىنتايىن سەمىمىي بولۇش›› سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەش نىزامىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، تەرتىپنى، مەسئۇلىيەتنى، ئۆتكەلنى، نازارەتچىلىكنى چىڭىتىش كېرەك. قۇرۇلمىنى ياخشىلاش كېرەك، پارتىيەنىڭ كادىرلار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەم سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە قارشى دادىل كۈرەش قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەت ئىشلىگەن مۇنەۋۋەر خەنزۇ كادىرلار ۋە شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان، ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ۋە ئايال كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ، ئۆستۈرۈپ، پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ئىزچىل مېھىر – مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت بىلەن ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەمىناتلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۆنىلىشنى ياخشى بېكىتىش كېرەك، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا، نەتىجىگە، ئاساسىي قاتلامغا ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى مۇرەككەپ مۇھىتتا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەربىيەلەش، سىناش، تاللاشقا، ئەمەلىي سۆزلەيدىغان، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەگە سادىق، ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيدىغان، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ، ئاممىۋى خىزمەت، مىللەت – دىن خىزمىتىنى ئىشلەشكە ماھىر بولۇش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش، ناھىيە، يېزا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى، جاپالىق، چەت، يىراق، رايونلاردا ئىشلەش تارىخى بولۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم يول، كادىرلارنى تاللاشتىكى مۇھىم مەنبە، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشتىكى مۇھىم شەرت قىلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغان، ئىستىلى دۇرۇس، خالىس تۆھپە قوشىدىغان، ئىپادىسى گەۋدىلىك كادىرلارنى ئالدىن ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ياكى باشقا مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىجادچان باشلامچى ئىختىساسلىقلار، كارخانا باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى، تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق قىس ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلارنى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام رايونلىرىغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان، قەدىرلەيدىغان، ھەممە ئادەم قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، قابىلىيىتىنى ۋاقتىدا ئىشقا سالىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

4.ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش ۋە ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىشتات – خادىملارنى يېزا، كەنتلەرگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر كىشىلەر، مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىدىن يېزا – بازار، كوچا باشقارمىلىرىغا ھۆكۈمەت خادىمى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشى، يېزا، كەنت، ئائىلىلەرنى ھۆددە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك. يېزا – بازارلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىسىنى ياخشى تاللاش، كۈچلۈك سەپلەش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، مىللەت قارىشى توغرا، ئەمەلىيەت تەجرىبىسى مول، ئاممىۋى خىزمەت، مىللەت – دىن خىزمىتىگە ماھىر كادىرلارنى يېزا – بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقى، يېزا – بازار باشلىقلىقىغا تاللاپ ئۆستۈرۈپ، يېزا – بازار بەنزىسىنىڭ ياش قۇرۇلمىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، مىللەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاش، كۈچلۈك سەپلەش كېرەك، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق تەرتىپكە سېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قەتئىي ئېلىۋېتىش كېرەك، مەسىلە ئېغىر بولغان، پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىقىغا مۇۋاپىق نامزات چىقمىغان كەنتلەرنىڭ پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىقى ياكى 1 – شۇجىلىقىغا ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئارىسىدىن تاللاپ ئەۋەتىشكە بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتى بار كەنت گۇرۇپپىلىرىدا پائالىيەت سورۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزىلار، شەھەر – بازار مەھەللىلىرى، ئورگان – كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرى، ھەر خىل مەكتەپلەر، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇ تور پونكىتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى جەمئىيەت باشقۇرۇش ھۈجەيرىلىرىگىچە قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆلچەمنى، تەرتىپنى چىڭىتىش ئالدىنقى شەرتىدە پارتىيەگە ھەر يىلى مەلۇم ساندا ئەزا قوبۇل قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

5.پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەككە چېقىلغانلارنى ئىنتىزام، بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسلىق جەڭ مەيدانىدا تۇرۇۋاتقان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قىلچە ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇتۇش كۈرىشىنى تۇتۇش كېرەك؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ‹‹تۆت خىل ئىستىل››نى بوشاشماي تۈزەش كېرەك؛ كۆزىتىش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹شەمشەر››دىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ چىرىكلەشكەنلەرنى قىلچە يۈز – خاتىر قىلماي جازالاپ، ‹‹يولۋاس››نىمۇ، ‹‹چىۋىن››نىمۇ يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خىيانەتچىلەرنى قەتئىي تازىلاپ، قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاساسلىق خىزمەتكە قارىتىپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەۋەتىپ، تۈزۈم قاشاسىنى ھەقىقىي پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

6.ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، مەسئۇلىيەت بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، زېھىن قويۇپ ئىشلەپ، يىلتىز تارتىپ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ساداقەتمەن بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىش ئورنىنى بازا، خىزمەتنى ئۆز ئىشى، تۆھپە قوشۇشنى بۇرچى دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك. راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، راست گەپ قىلىپ، غەيرەتكە كېلىپ، چارە تېپىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، گەپنى ئاز، ئىشنى كۆپ قىلىپ، دېگەن ئىشىنى قىلىپ، قىلغان ئىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، قىلغان ئىشىدىن نەتىجە قازىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىپ، قىلچە قويۇۋەتمەي، قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى بىر – بىرلەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىمۇ ھالقا چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، قىلغان ئىشىنى كۆز – كۆز قىلىش، يۈزەكى ئىشلەشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايولۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى كۆزلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەش، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىش، ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، ھەر بىر ئادەم بىر نۇقتىلىق ناھىيە، بىر نۇقتىلىق مەسچىت، بىر نامرات كەنت، بىر نامرات ئائىلە بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى، باشقا ئورگان كادىرلىرى بىردىن نامرات ئائىلە بىلەن قوشماق بولۇپ ئالاقە ئورنىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ‹‹ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش›› (سىنىپقا، ياتاققا، ئاشخانىغا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دوستلىشىش) پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتلەرنى تۈرلۈك چارە – ئاماللار بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەلرايىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇتۇش، مايىل قىلىش كېرەك. توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە سادىق – قەتئىي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالدىغان، ئىستىلى دۇرۇس، نەتىجىسى گەۋدىلىك بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تەقدىرلەپ، ئىلغارلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەممەيلەن ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، ھەممەيلەن ئىلغارلاردىن ئۆگىنىدىغان، ھەمەيلەن ئىلغارلارغا يېتىشىۋالىدىغان، ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان، تۆھپە قوشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

7.پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىش، پارتىيە خىزمەت تارمىقىنىڭ فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش، پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ دائىملىق نازارەت قىلىش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، نازارەتچىلىك ھەممىلا يەردە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ كۈچنى ئۇلغايتىش، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتقا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماسلىق، تۈرلۈك نازارەتچىلىك تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات، دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ مۇشۇ شاھماتنىڭ كۆزى. مۇشۇ ‹‹كۆز››دىكى ئۇرۇق ياخشى ئوينالسىلا، بۇ شاھماتتا ئۇتقىلى بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، زوراۋان – تېررورچىلار ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەت قىلىش كېرەك. ئالاھىدە سىياسەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان مالىيە، سېلىنما پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە كۈچىنى تەقسىملىگەن، چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يانداش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە چوڭ – چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سالغاندا جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك. نامرات ئامما مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن ئىشنى قەتئىي ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، سۇ، توك، يول، گاز، تۇرالغۇ جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تۈرلۈك چارە – ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتىنى، يېزا، كەنت تەشكىلاتلىرى خىزمىتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىغا ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەسى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تۈپ نىشانى قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كادىر، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، سەھىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايدىكىلەرگە بەخت يارىتىش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىدە ئاساسىي قاتلامغا، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مايىللىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېببىي داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ۋە مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك›› شەكلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە ئۈلگە تىكلەش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ئۆزىنى شىنجاڭنىڭ كادىرى دەپ بىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، دوستلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، ئارىلىشىپ، سىڭىشىپ، ئىچقۇيۇن – تاشقۇيۇن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك؛ مۇقىملىقنى قوغداش ئومۇملۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇقىملىقى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چارە – تەدبىر كۆرسىتىشى، كۈچ چىقىرىشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك. كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارغا سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، خىزمەتتە زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، تۇرمۇشتا قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشى، چېگرا رايون ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 يولداشلار، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بىزنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقەددەس بۇرچى بىزنى ئىلھالاندۇرماقتا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش گۈزەل ئارزۇسى بىزنى ئۈندىمەكتە. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدىغان بولساق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ۋەزىپىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمىز، چەكسىز ھاياجانغا چۆمىمىز، ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ 2 – قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈمىدنى ئاقلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلايلى !

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى