تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   مۇھىم سۆز

تورنى ياخشى باشقۇرۇپ، توردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تورنى ياخشى قۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

 چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تورنى ياخشى باشقۇرۇپ، توردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تورنى ياخشى قۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

جۇ خەيلۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى

 ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەنىمۇ جاسارەتلىك بولۇشتەك روھىي ھالەت بىلەن تور باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقات ۋە تور ئۇچۇرى ئىلغار تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، جۇ چاڭجيې، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

 چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى خادىملارنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ ساپاسى، مائاش تەمىناتى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى، خىزمەت تەرتىپى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايوننىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش، ئاكتىپ پايدىلىنىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 بىرىنچى، مۇتلەق سادىق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك تور ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

 ئىككىنچى، يۆنىلىشنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىتتىپاقلىق – مۇقىملىقنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەش، توردا ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، تورنىڭ جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئاكتىپ كۈچ تولۇق، ئاساسىي مېلودىيە ياڭراق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 ئۈچىنچى، ئىستىھكامنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم تور بېكەتلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭى تاراتقۇنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، تور تاراتقۇلىرى ۋە يان تېلېفون تاراتقۇلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، توردا جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشتىكى ۋاقىت، پەيت، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەش، تارقىتىش كۈچى، ئىناۋىتى، تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 تۆتىنچى، خەلقنى رازى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىگە ماسلىشىش، ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى تېزلىتىش، ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

 بەشىنچى، تور مۇھىتىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تور مۇھىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ساغلام يۇقىرى ئۆرلەيدىغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، توردىكى قانۇنغا خىلاپ، ناچار ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تور ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، توردىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش، سىڭىپ كىرىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان سېلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇترىتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى ياخشى بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئالتىنچى، مۇتلەق بىخەتەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا تور بىخەتەرلىكى قارىشى تۇرغۇزۇش، بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ماس بولۇش، بىردەك بولۇش، تەڭ ئىلگىرىلەش، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، تورنىڭ بىخەتەرلىك ھالىتىنى پۈتۈن كۈن ھەر تەرەپتىن بىلىپ تۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى جەھەتتە قوغدىنىش ئىقتىدارى ۋە تەھدىت كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 يەتتىنچى، يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تورنىڭ جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش، ئەلرايىنى ئىنكاس قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار توردىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشنى بىلىشى، توردىن پايدىلىنىپ ئەلرايىنى ئىگىلەشكە، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇشى، تورنى پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ‹‹قولاي يول››غا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

 سەككىزىنچى، كاپالەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور بېكەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇشى، رەھبىرىي كادىرلار توردىن پايدىلىنىش، تورنى باشقۇرۇش، تورنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشى ۋە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى