مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى›› قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى›› قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

(2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

26 – نومۇرلۇق

‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى    

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنى تۆۋەندىكى قانۇنلاردىكى مەمۇرىي تەستىق، سودا – سانائەت تىزىمىغا ئالدۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەستىققا ياكى باھا باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 12 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى چىقىرىۋېتىلدى.

(2) 16 – ماددىسى چىقىرىۋېتىلدى.

(3) 18 – ماددىسى17 – ماددا قىلىنىپ، 2 – تارمىقى مۇنداق ئۆزگەرتىلدى: ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەرگە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى›› ياكى ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى›› بېرىش شەرت››.

 .........................................

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ چارۋىچىلىق قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى