تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير – ساخاۋەت قانۇنى

(2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

43 – نومۇرلۇق

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير–ساخاۋەت قانۇنى›› 2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى     

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى

3 – باب خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە توپلاش

4 – باب خەير – ساخاۋەت ھەدىيەسى

5 – باب خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسى

6 – باب خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكى

7 – باب خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى

8 – باب ئۇچۇر ئاشكارىلاش

9 – باب ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى

10 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

11 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

 1 – ماددا بۇ قانۇن خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەير – ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خەير – ساخاۋەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ھەدىيە قىلغۇچىلار، پىدائىيلار، مەنپەئەتدارلار قاتارلىق خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

 2 – ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى ۋە خەير – ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. باشقا قانۇنلاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

 3 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال – مۈلۈك ھەدىيە قىلىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان تۆۋەندىكى ئاممىۋى پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ:

 (1) نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش؛

 (2) ياشانغانلارغا قاراش، يېتىملارغا پاناھ بولۇش، كېسەللەرگە خەيرىخاھلىق قىلىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، نەپىقە بېرىش؛

 (3) تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىقى ۋەقەسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقە پەيدا قىلغان زىياندىن قۇتقۇزۇش؛

 (4) مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

 (5) بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش؛

 (6) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئاممىۋى پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرى.

 4 – ماددا خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىدە قانۇنلۇق بولۇش، ئىختىيارىي بولۇش، سەمىمىي بولۇش، پايدا ئالماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە، ئاممىۋى مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

 5 – ماددا دۆلەت تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

 6 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەير – ساخاۋەت خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەير – ساخاۋەت خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

 7 – ماددا ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ‹‹جۇڭخۇا خەير – ساخاۋەت كۈنى›› بولىدۇ.

2 – باب خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى

 8 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جەمئىيەتكە خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلىشنى مەقسەت قىلغان، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى فوند جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىق تەشكىلىي شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ.

 9 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

 (1) خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇش؛

 (2) پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولۇش؛

 (3) نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى بولۇش؛

 (4) تەشكىلات نىزامنامىسى بولۇش؛

 (5) زۆرۈر مال – مۈلكى بولۇش؛

 (6) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە مەسئۇلى بولۇش؛

 (7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

 10 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى قۇرۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈنگىچە قارار چىقىرىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تىزىملىشى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلىرىنى تىزىمغا ئالماسلىقى ھەم سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان فوند جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىق پايدا ئالمايدىغان تەشكلاتلار ئۆزى تىزىملاتقان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئۆزىنى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈنگىچە قارار چىقىرىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى بېكىتىش ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى؛ خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى بېكىتمەسلىكى ھەم سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈش كېرەك.

 ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن تىزىملاش ياكى بېكىتىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆھلەتنى 60 كۈندىن ئاشۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.

 11 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەم ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەر يېزىلىشى كېرەك:

 (1) نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى؛

 (2) تەشكىلىي شەكلى؛

 (3) مەقسىتى ۋە پائالىيەت دائىرىسى؛

 (4) مال – مۈلۈك مەنبەسى ۋە تەركىبى؛

 (5) تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە مەسئۇلىيىتى؛

 (6) ئىچكى نازارەتچىلىك مېخانىزمى؛

 (7) مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تۈزۈمى؛

 (8) تۈر باشقۇرۇش تۈزۈمى؛

 (9) ئاخىرلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ھېسابات ئېنىقلاش چارىسى؛

 (10) باشقا مۇھىم ئىشلار.

 12 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى قانۇن – نىزاملاردىكى ۋە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلىشتا، ئىچكى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى، بوغالتىرلىق ھېساباتىنى قانۇن بويىچە قىلىشى، بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

 13 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى يوللىشى كېرەك. دوكلات يىللىق ئىئانە توپلاش ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى، خەير – ساخاۋەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

 14 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، ئاساسلىق ھەدىيە قىلغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە، ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، ئاساسلىق ھەدىيە قىلغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىدىن خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن سودا قىلغانلىرى شۇ خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ شۇ سودىغا ئائىت تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشماسلىقى، مۇناسىۋەتلىك سودا ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

 15 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ئاممىۋى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا ۋە مەبلەغ ياردەم قىلىشىغا، قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ شەرتلەر قوشۇمچە قىلىنغان ھەدىيەنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەنپەئەتدارغا قانۇن – نىزام ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ شەرتلەرنى تېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 16 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ:

 (1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛

 (2) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغىنىغا بەش يىل توشمىغانلار؛

 (3) تىزىم گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلى بولغىنىغا، شۇ تەشكىلاتنىڭ تىزىم گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل توشمىغانلار؛

 (4) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

 17 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك:

 (1) نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن ئاخىرلاشتۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىرى؛

 (2) ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىش سەۋەبىدىن ئاخىرلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغانلىرى؛

 (3) ئۇدا ئىككى يىل خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلمىغانلىرى؛

 (4) قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن ياكى تىزىم گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى؛

 (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئاخىرلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

 18 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھېسابات ئېنىقلاش كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈنگىچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلىشى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرمىغان ياكى ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملارنى ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلاشقا بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ ھېسابات ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئاشقان مال – مۈلكىنى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاساسىي مەقسىتى ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك؛ نىزامنامىدە بەلگىلەنمىگەنلىرىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاساسىي مەقسىتى ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھېسابات ئېنىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىدا تىزىم ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى ئۆتىشى ھەم خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

 19 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ساھە تەشكىلاتى قۇرىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت ساھە تەشكىلاتى ساھە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، ساھە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، خەير – ساخاۋەت ساھەسىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشى، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 20 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، تىزىملاش – باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

3 – باب خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە توپلاش

 21 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە توپلاش خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەير – ساخاۋەت مەقسىتىدە مال – مۈلۈك توپلاش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە توپلاش ئاممىۋىتىن ئاشكارا ئىئانە توپلاش ۋە مۇئەييەن ئوبيېكتتىن نىشانلىق ئىئانە توپلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 22 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئاشكارا ئىئانە توپلىماقچى بولسا، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتى ھازىرلىشى كېرەك. قانۇن بويىچە تىزىملاتقىنىغا ئىككى يىل توشقان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكلاتلىرىدىن ئىچكى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى قېلىپلىق بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بەرمەيدۇ ھەم سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرىدۇ.

 قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ، ئاشكارا ئىئانە توپلىسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن فوند جەمئىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىۋاسىتە بېرىدۇ.

 23 – ماددا ئاشكارا ئىئانە توپلاشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

 (1) ئاممىۋى سورۇنىدا ئىئانە توپلاش ساندۇقى قويۇش؛

 (2) ئاممىۋىكە يۈزلەنگەن خالىس ئويۇن قويۇش، خالىس مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، خالىس سېتىش، خالىس كۆرگەزمە قىلىش، خالىس كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، خەير – ساخاۋەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار؛

 (3) رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىئانە توپلاش ئۇچۇرى تارقىتىش؛

 (4) ئاشكارا ئىئانە توپلاشقا دائىر باشقا ئۇسۇللار.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) ، (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاشكارا ئىئانە توپلايدىغانلىرى ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىئانە توپلىشى كېرەك، ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىن باشقا جايدا ئىئانە توپلاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ھەدىيە ھەرىكىتى رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاشكارا ئىئانە توپلىماقچى بولغانلىرى ئىئانە توپلاش ئۇچۇرىنى گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىرلىككە كەلتۈرگەن ياكى بېكىتىپ بەرگەن خەير – ساخاۋەت ئۇچۇر سۇپىسىدا تارقىتىشى كېرەك، ئىئانە توپلاش ئۇچۇرىنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە تارقاتسىمۇ بولىدۇ.

 24 – ماددا ئاشكارا ئىئانە توپلاشتا، ئىئانە توپلاش لايىھەسى تۈزۈش كېرەك. ئىئانە توپلاش لايىھەسى ئىئانە توپلاش مەقسىتى، باشلىنىش – ئاخىرلىشىش ۋاقتى ۋە رايون دائىرىسى، پائالىيەتكە مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ۋە ئىشخانا ئادرېسى، ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى، بانكا ھېسابى، مەنپەئەتدار، ئىئانە قىلىنغان پۇل – مالنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىئانە توپلاش تەننەرخى، ئېشىپ قالغان مال – مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئىئانە توپلاش لايىھەسىنى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قىلىشتىن بۇرۇن، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

 25 – ماددا ئاشكارا ئىئانە توپلاشتا، ئىنائە توپلىغان تەشكىلاتنىڭ نامى، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، ئىئانە توپلاش لايىھەسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئىئانە توپلاش ئۇچۇرلىرىنى بىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قىلغان نەق مەيداندا ياكى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ۋاسىتىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئېلان قىلىش كېرەك.

 26 – ماددا ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتى بولمىغان تەشكىلات ياكى شەخسلەر خەير – ساخاۋەت مەقسىتىدە ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاشكارا ئىئانە توپلىسا بولىدۇ، شۇ تەشكىلات ئاشكارا ئىئانە توپلايدۇ ھەم توپلانغان پۇل – مالنى باشقۇرىدۇ.

 27 – ماددا رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال ۋە تور مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار، تېلېگراف تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاشكارا ئىئانە توپلايدىغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملاتقانلىق گۇۋاھنامىسى، ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشى كېرەك.

 28 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ نىشانلىق ئىئانە توپلىسا بولىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى نىشانلىق ئىئانىنى تەشەببۇسچىسى، كېڭەش تەركىبىدىكىلەر ۋە ئەزالىرى قاتارلىق مۇئەييەن ئوبيېكت دائىرىسىدە توپلىشى ھەم ئىئانە توپلاش ئوبيېكتىغا ئىئانە توپلاش مەقسىتى، توپلانغان پۇل – مالنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى قاتارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 29 – ماددا نىشانلىق ئىئانە توپلاشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا ياكى باشقىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ.

 30 – ماددا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىقى ۋەقەسى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىپ دەرھال قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلگەندە، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى بېرىپ، ئىئانە توپلاش ۋە قۇتقۇزۇش ياردىمى پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

 31 – ماددا ئىئانە توپلاشتا، ئىئانە توپلاش ئوبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئىئانە توپلاش ئوبيېكتىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پاكىت ئويدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئىئانە توپلاش ئوبيېكتىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ ھەدىيە قىلدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

 32 – ماددا ئىئانە توپلاشتا، سېلىق سېلىشقا ياكى باشقىچە يول بىلەن سېلىق سېلىشقا، ئاممىۋى تەرتىپىگە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

 33 – ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ خەير – ساخاۋەت نامىدا ياكى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى نامىدا ئىئانە توپلىشى، مال – مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

4-باب خەير-ساخاۋەت ھەدىيەسى

 34-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەير-ساخاۋەت ھەدىيەسى تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەير-ساخاۋەت مەقسىتىدە، مال-مۈلۈكنى ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن ھەقسىز ھەدىيە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

 35 – ماددا ھەدىيە قىلغۇچى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ھەدىيە قىلسىمۇ، مەنپەئەتدارغا بىۋاسىتە ھەدىيە قىلسىمۇ بولىدۇ.

 36 – ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە قىلغان مال – مۈلۈك ئۆزى نېرى – بېرى قىلالايدىغان قانۇنلۇق مال – مۈلۈك بولۇشى كېرەك. ھەدىيە قىلىنغان مال – مۈلۈك پۇل، ماددىي بۇيۇم، ئۆي، ئاكسىيە، پاي ھوقۇقى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق شەكىللىك ۋە شەكىلسىز مال – مۈلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە قىلغان ماددىي بۇيۇم ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇشى، بىخەتەرلىك، تازىلىق ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

 ھەدىيە قىلغۇچىلار ئۆز كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەدىيە قىلىشتا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 37 – ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن ئويۇن قويۇش، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، سېتىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق تىجارەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تاپاۋەتنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ۋەدە قىلغانلىرى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ياكى ھەدىيەنى قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن ھەدىيە كېلىشىمى ئىمزالىشى، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەدىيە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ھەدىيە كېلىشىمى بويىچە ئادا قىلىشى ھەم ھەدىيە نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

 38 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەدىيە قوبۇل قىلغاندا، ھەدىيە قىلغۇچىغا مالىيە تارمىقى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ ئىشلەتكەن (باستۇرغان) ھەدىيە قىلىش تالونى بېرىشى كېرەك. ھەدىيە تالونىغا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ھەدىيە قىلىنغان مال – مۈلۈكنىڭ تۈرى ۋە مىقدارى، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ نامى ۋە بېجىرگۈچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، تالون كەسكەن ۋاقتى قاتارلىقلارنى يېزىش كېرەك. ھەدىيە قىلغۇچى نامسىز ھەدىيە قىلغان ياكى ھەدىيە تالونى ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئوبدان خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

 39 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەدىيە قوبۇل قىلغاندا، ھەدىيە قىلغۇچى يازما ھەدىيە كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەدىيە قىلغۇچى بىلەن يازما ھەدىيە كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.

 يازما ھەدىيە كېلىشىمىدە ھەدىيە قىلغۇچى ۋە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ نامى، ھەدىيە قىلىنغان مال – مۈلۈكنىڭ تۈرى، مىقدارى، سۈپىتى، ئىشلىتىلىش ئورنى، تاپشۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

 40 – ماددا ھەدىيە قىلغۇچى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەدىيە مال – مۈلكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە مەنپەئەتدارنى پۈتۈشكەندە، ھەدىيە قىلغۇچى بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنى مەنپەئەتدار قىلىپ بېكىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

 ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ خەير – ساخاۋەت ھەدىيەسىدىن پايدىلىنىپ، تاماكىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەشۋىق قىلىشىغا، قانۇندا تەشۋىق قىلىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلات ۋە ئىشلارنى ھەرقانداق شەكىلدە تەشۋىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 41 – ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە مەجبۇرىيىتىنى ھەدىيە كېلىشىمى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ھەدىيە قىلغۇچىلاردىن ھەدىيە كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەدىيە مال – مۈلۈكنى مۆھلەت ئۆتكىچە تاپشۇرمىغانلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ياكى ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغان باشقا كىشىلەر تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ھەدىيە قىلغۇچى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى ۋە ھەدىيەنى قوبۇل قىلىدىغان باشقا كىشىلەر قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ:

 (1) ھەدىيە قىلغۇچى رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردا ھەدىيە قىلىش توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بەرگەن بولسا؛

 (2) ھەدىيە مال – مۈلۈك مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (3) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىگە ئىشلىتىلىدىغان بولسا ھەم يازما ھەدىيە كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسا.

 ھەدىيە قىلغۇچىلاردىن ھەدىيە قىلىشقا ئاشكارا ۋەدە بەرگەن ياكى يازما ھەدىيە كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ناچارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى ياكى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكەنلىرى ھەدىيە قىلماقچى بولغان جايدىكى ياكى يازما كېلىشىم تۈزگەن جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ھەدىيە قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

 42 – ماددا ھەدىيە قىلغۇچى ئۆزى ھەدىيە قىلغان مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈشكە، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ھەدىيە قىلغۇچىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەدىيە قىلىنغان مال – مۈلۈكنى ھەدىيە كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئىشلەتمەي، قالايمىقان ئىشلەتكەن بولسا، ھەدىيە قىلغۇچى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى تۈزەتمىسە، ھەدىيە قىلغۇچى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

 43 – ماددا دۆلەت كارخانىلىرى خەير – ساخاۋەت ھەدىيەسىدە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى، تەستىقلىتىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.

5 – باب خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسى

 44 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسى ئاممىۋى پاراۋانلىقى ھاۋالىسىگە تەۋە بولۇپ، ھاۋالە قىلغۇچى خەير – ساخاۋەت مەقسىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلىدىغان، ھاۋالە قىلىنغۇچى مال – مۈلۈكنى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىرادىسى بويىچە، ئۆزىنىڭ نامىدا باشقۇرىدىغان ۋە نېرى – بېرى قىلىدىغان خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

 45 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ھاۋالە قىلىنغۇچى ۋە نازارەت قىلغۇچىنى بەلگىلەشتە يازما شەكىلنى قوللىنىش كېرەك. ھاۋالە قىلىنغۇچى خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسى ھۆججىتى ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ھاۋالە قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

 ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشتا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.

 46 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزى ئىشىنىدىغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى ياكى ھاۋالە شىركىتىنى ھاۋالە قىلىنغۇچى قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.

 47 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھاۋالە قىلىنغۇچى ئالماشتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە ئالماشتۇرۇلغانلىق ئەھۋالىنى ئەسلىي ئەنگە ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا قايتا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

 48 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش ۋە نېرى – بېرى قىلىشتا، ھاۋالە مەقسىتى بويىچە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىشى ۋە سەمىمىي بولۇش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە ھۆججەتلىرى ۋە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھاۋالە قىلىنغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى، ھاۋالە مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلىنغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئەنگە ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا يىلدا كەم دېگەندە بىر قېتىم مەلۇم قىلىشى ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

 49 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە نازارەتچىسىنى ئېھتىياجغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ.

 ھاۋالە نازارەتچىسى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. ھاۋالە نازارەتچىسى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ھاۋالە مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى بايقىسا، ھاۋالە قىلغۇچىغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك ھەم ئۆزىنىڭ نامىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 50 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ھاۋالە مال – مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ھاۋالە ئالاقىدارلىرى، ھاۋالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ھېسابات ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە مۇشۇ بابتا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاۋالە قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

6 – باب خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكى

 51 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلكى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

 (1) قۇرۇلغان چاغدا تەشەببۇسچى ھەدىيە قىلغان، ياردەم قىلغان مال – مۈلۈك؛

 (2) توپلانغان ئىئانە مال – مۈلۈك؛

 (3) باشقا قانۇنلۇق مال – مۈلۈكلەر.

 52 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلكىنى نىزامنامە ۋە ھەدىيە كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغىلا ئىشلىتىش كېرەك، تەشەببۇسچى، ھەدىيە قىلغۇچى ۋە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا تەقسىملەپ بېرىشكە بولمايدۇ.

 ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ خەير – ساخاۋەت مال – مۈلۈكنى بۆلۈشۈۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، قىسىپ قېلىشىغا ياكى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 53 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى توپلانغان ئىئانە مال – مۈلۈكنى تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرۇشى، ئوبدان باشقۇرۇشى، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشى كېرەك.

 ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ھەدىيە قىلغان ماددىي بۇيۇمىدىن ساقلاشقا، توشۇشقا بولمايدىغان ياكى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىرىنى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ ساتسا ياكى سېتىۋەتسە بولىدۇ، كىرىمدىن زۆرۈر چىقىملارنى چىقىرىۋېتىپ ئاشقان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى خەير – ساخاۋەتكە ئىشلىتىشى كېرەك.

 54 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى مال – مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش ئۈچۈن مال – مۈلكىنى مەبلەغ سېلىشتا، قانۇنلۇق بولۇش، بىخەتەر بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، مەبلەغ سېلىپ ئېرىشكەن كىرىمنىڭ ھەممىسىنى خەير – ساخاۋەت مەقسىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ زور مەبلەغ سېلىش لايىھەلىرى تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتىدىكى خادىملارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت ياردەم قىلغان مال – مۈلۈكنى ۋە ھەدىيە كېلىشىمىدە مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ دەپ پۈتۈشكەن مال – مۈلۈكنى مەبلەغ قىلىپ سالسا بولمايدۇ، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ۋە خادىملىرى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى مەبلەغ سالغان كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە ياكى ھەق ئالسا بولمايدۇ.

 ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى چىقىرىدۇ.

 55 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلىشتا، ھەدىيە مال – مۈلۈكنى قانۇن، نىزاملاردىكى ۋە نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە، ئىئانە توپلاش لايىھەسى ياكى ھەدىيە قىلىش كېلىشىمى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ئىئانە توپلاش لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن ھەدىيە مال – مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ ھەدىيە كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن ھەدىيە مال – مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

 56 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت تۈرىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، يولغا قويۇش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، خەير – ساخاۋەت مال – مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تۈر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىزلاپ نازارەت قىلىشى كېرەك.

 57 – ماددا خەير – ساخاۋەت تۈرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەدىيە مال – مۈلۈكتىن ئېشىپ قالغىنى ئىئانە توپلاش لايىھەسى ياكى ھەدىيە كېلىشىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ئىئانە توپلاش لايىھەسىدە بەلگىلەنمىگەن ياكى ھەدىيە كېلىشىمدە پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئېشىپ قالغان مال – مۈلۈكنى مەقسىتى ئوخشىشىدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا خەير – ساخاۋەت تۈرىگە ئىشلىتىشى ھەم جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

 58 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت مەنپەئەتدارلىرىنى بېكىتىشتە، ئاشكارا، لىللا، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بارلارنى مەنپەئەتدار قىلىپ بەلگىلەشكە يول قويۇلمايدۇ.

 59 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، مەنپەئەتدارلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەير – ساخاۋەت مال – مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، مىقدارى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

 مەنپەئەتدار خەير – ساخاۋەت ياردىمىنى قەدىرلىشى، خەير – ساخاۋەت مال – مۈلۈكنى كېلىشىم بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك. مەنپەئەتدار خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكىنى كېلىشىمدە پۈتۈشكىنى بويىچە ئىشلەتمىسە ياكى كېلىشىمگە ئېغىر خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئۇلاردىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ مەنپەئەتدار تۈزەتمىسە، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى كېلىشىمنى بىكار قىلىشقا ھەم مەنپەئەتداردىن مال – مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 60 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى، خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكىنى تولۇق، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشى ھەم باشقۇرۇش خىراجىتى زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، قاتتىق ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئورۇنسىز چىقىملارنى ئازايتىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان فوند جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ يىللىق چىقىمى ئالدىنقى يىللىق ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 70 ىدىن ياكى ئالدىنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم سوممىسىنىڭ 70 ىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك؛ يىللىق باشقۇرۇش خىراجىتى شۇ يىللىق ئومۇمىي چىقىمنىڭ ئوندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئالاھىدە ئەھۋالدا، يىللىق باشقۇرۇش خىراجىتىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى بولمىغاندا، ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرغان خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئەھۋالنى جەمئىيەتكە ئاشكارا چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

 ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە فوند جەمئىيىتىدىن باشقا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى قانات يايدۇرغان، خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ يىللىق چىقىمى ۋە باشقۇرۇش خىراجىتى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە چىقىرىدۇ.

 ھەدىيە كېلىشىمىدە يەككە تۈر بويىچە ھەدىيە قىلغان مال – مۈلۈك بىلەن خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ چىقىمى ۋە باشقۇرۇش خىراجىتى توغرىسىدا پۈتۈم بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

7 – باب خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى

 61 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك شەخسلەرنىڭ خەير – ساخاۋەت مەقسىتىدە، جەمئىيەتكە ياكى باشقىلارغا قىلغان ھەقسىز مۇلازىمىتى ۋە باشقا پايدا ئالمايدىغان مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىنى ئۆزى قىلسىمۇ ياكى پىدائىيلار ئارقىلىق قىلسىمۇ بولىدۇ، مۇلازىمەت ئارتۇقچىلىقى بار باشقا تەشكىلاتقا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

 62 – ماددا خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى قىلىشتا، مەنپەئەتدار ۋە پىدائىيلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، مەنپەئەتدار ۋە پىدائىيلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

 63 – ماددا داۋالاش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيەلەش – يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ياكى ساھە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنى خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىگە قاتناشتۇرۇشتا مەخسۇس ماھارەت تەلەپ قىلسا، پىدائىيلارنى ئالاقىدار ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى كېرەك.

 64 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنى خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىگە قاتناشتۇرغاندا، خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، مۇلازىمەت جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ – خەتەرنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، پىدائىيلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنىڭ مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى قاتارلىقلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

 65 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنىڭ ئۆز ئىسمىنى تىزىملىشى، پىدائىيلارنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، بېرىلگەن باھا قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خالىس مۇلازىمەت خاتىرىسى ئىسپاتىنى ھەقسىز، ئەينەن بېرىشى كېرەك.

 66 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنى يېشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ماھارىتى ۋە سالامەتلىكىگە ماس كېلىدىغان خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

 67 – ماددا پىدائىيلار خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىدە باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى، زۆرۈر تەربىيە ئېلىشى كېرەك.

 68 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنىڭ خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى قىلىشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى، پىدائىيلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى پىدائىيلارنى جىسمانىي خەۋپ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىگە قاتناشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى كېرەك.

8 – باب ئۇچۇر ئاشكارىلاش

 69 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئىستاتىستىكىلاش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

 ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىرلىككە كەلگەن خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى سۇپىسىدا خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى ھەم خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشتا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۇپىدا ئېلان قىلىشى ھەم ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

 70 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تۆۋەندىكى خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك:

 (1) خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى تىزىملاش ئىشلىرى؛

 (2) خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىنى ئەنگە ئېلىش ئىشلىرى؛

 (3) ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكى؛

 (4) ئاممىۋى پاراۋانلىقى ھەدىيەسىنى باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قىلىش تالونى بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكى؛

 (5) خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىگە قارىتىلغان باجدا ئېتىبار بېرىش، ياردەم پۇل بېرىش قاتارلىق ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى؛

 (6) خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرى؛

 (7) خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىنى تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسى؛

 (8) خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش، جازالاش نەتىجىسى؛

 (9) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك باشقا ئۇچۇرلار .

 71 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى راست، تولۇق، ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك.

 72 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تەشكىلات نىزامنامىسى، تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئىجرا ئاپپاراتى، نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان باشقا ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن زور ئۆزگىرىش بولغانلىرىنى ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى ئۆزىنىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتى ۋە مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش كېرەك.

 73 – ماددا ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئىئانە توپلاش ئەھۋالى ۋە خەير – ساخاۋەت تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئاشكارىلىشى كېرەك.

 ئاشكارا ئىئانە توپلاش مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئاشىدىغان بولسا، ئىئانە توپلاش ئەھۋالىنى كەم دېگەندە ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئاشكارىلىشى، ئاشكارا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىئانە توپلاش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلىشى كېرەك.

 خەير – ساخاۋەت تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئاشىدىغان بولسا، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى كەم دېگەندە ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئاشكارىلىشى، تۈر ئاياغلىشىپ ئۈچ ئايغىچە تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە توپلانغان پۇل – مالنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلىشى كېرەك.

 74 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى نىشانلىق ئىئانە توپلىغان بولسا، ھەدىيە قىلغۇچىغا ئىئانە توپلاش ئەھۋالى، توپلانغان پۇل – مالنى باشقۇرۇش – ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 75 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى مەنپەئەتدارلارغا ماددىي ياردەم بېرىش ئۆلچىمى، خىزمەت تەرتىپى ۋە خىزمەت قائىدىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

 76 – ماددا دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى، شەخسىي سىرغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار شۇنىڭدەك ھەدىيە قىلغۇچى، خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئاشكارىلاشقا قوشۇلمىغان ئىسىم – فامىلىسى، نامى، تۇرۇشلۇق جايى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

9 – باب ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى

 77 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقىرىشى كېرەك.

 ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى، خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچى قاتارلىقلارغا خەير – ساخاۋەتكە زۆرۈر ئۇچۇرلارنى بېرىپ، خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

 78 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى باشقا تارماقلار بىلەن خەير – ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك.

 79 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ كىرىمىگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

 80 – ماددا مال – مۈلكىنى خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىشكە ھەدىيە قىلغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ ھەدىيە چىقىمى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلىغاندا شۇ يىلى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان قىسمىدىن ئېشىپ كەتسە، كېيىنكى ئۈچ يىلدا ھېسابلاشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە يول قويۇلىدۇ.

 چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە ھەدىيە قىلغان ئەشيالىرىدىن قانۇن بويىچە ئېلىنىدىغان ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

 81 – ماددا مەنپەئەتدارلار خەير – ساخاۋەت ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلسا، قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

 82 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ھەدىيە قىلغۇچىلار ۋە مەنپەئەتدارلاردىن قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىرىنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

 83 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ماددىي بۇيۇم، ئاكسىيە، پاي ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەدىيە قىلىدىغانلاردىن ھوقۇق ئۆتۈنۈشتە ئېلىنىدىغان ئالاقىدار مەمۇرىي – كەسپىي ھەقلەر قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

 84 – ماددا دۆلەت نامراتلارنى يۆلەيدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلغۇچىلارغا ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويىدۇ.

 85 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ (1) ، (2) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىگە يەر ئىشلەتمەكچى بولغانلىرى دۆلەت ئاجرىتىپ بەرگەن يەرنى ياكى يېزا كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

 86 – ماددا دۆلەت خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ئارقىلىق قوللايدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە راسچوت قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 87 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بەرسە ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋالنى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن جەمئىيەتكە ئاشكارىلىسا بولىدۇ.

 88 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ خەير – ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، پۇقرالارنىڭ خەير – ساخاۋەت ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ.

 مەكتەپ قاتارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرى خەير – ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەير – ساخاۋەت كەسپىي ئىختىساسلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ خەير – ساخاۋەت نەزەرىيە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

 رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلار خەير – ساخاۋەت تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى، خەير – ساخاۋەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، خەير – ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى تارقىتىشى كېرەك.

 89 – ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىشكە ۋە باشقا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

 90 – ماددا ھەدىيە قىلغۇچى مەنپەئەتدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزى ھەدىيە قىلغان خەير – ساخاۋەت تۈرىگە نام قويۇپ خاتىرىلىسە بولىدۇ، قانۇن – نىزاملاردا تەستىقلىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

 91 – ماددا دۆلەت خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار تەقدىرلەيدۇ.

10 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

 92 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى، خەير – ساخاۋەت ساھە تەشكىلاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

 93 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

 (1) خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى ۋە خەير – ساخاۋەت پائالىيىتى قىلغان جاينى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛

 (2) خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

 (3) خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلەش؛

 (4) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسچوتىنى سۈرۈشتۈرۈش؛

 (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.

 94 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەكشۈرگەندە ياكى ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، تەكشۈرگۈچى ياكى ئەھۋال ئىگىلىگۈچى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇنلۇق كىنىشكىسىنى ۋە تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگىلەش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

 95 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

 خەلق ئىشلىرى تارمىقى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، 3 – تەرەپ ئاپپاراتىنىڭ خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى باھالىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى ھەم باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

 96 – ماددا خەير – ساخاۋەت ساھە تەشكىلاتى ساھە قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى چىڭىتىشى كېرەك.

 97 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى، خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار ياكى خەير – ساخاۋەت ساھە تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ. خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ياكى خەير – ساخاۋەت ساھە تەشكىلاتى ئەرز ۋە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

 دۆلەت ئاممىۋى ۋە تاراتقۇلارنى خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا، خەير – ساخاۋەت نامىدا ياكى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نامىدا مال – مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتەك قىلمىشلارنى شۇنىڭدەك خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىكى ۋە خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدىكى قانۇن – قائىدىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئاشكارىلاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاممىۋى پىكرى نازارەتچىلىكى ۋە ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

11 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

 98 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغانلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىدۇ:

 (1) پائالىيەتنى خەير – ساخاۋەت مەقسىتىدە قىلمىغانلار؛

 (2) خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكىنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، قىسىۋالغان ياكى ئىگىلىۋالغانلار؛

 (3) قانۇن – نىزاملارغا ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ شەرتى بار ھەدىيەنى قوبۇل قىلغانلار ياكى مەنپەئەتدارغا قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ شەرتلەرنى تاڭغانلار.

 99 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە پائالىيىتىنى توختىتىشقا ۋە تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ:

 (1) مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛

 (2) مەبلەغ سېلىشقا بولمايدىغان مال – مۈلۈكنى سېلىنما قىلغانلار؛

 (3) ھەدىيە قىلىنغان مال – مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

 (4) خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنىڭ يىللىق چىقىمى ياكى باشقۇرۇش خىراجىتى ئۆلچىمىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 60 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

 (5) ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (6) يىللىق خىزمەت دوكلاتى، مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى ياكى ئەنگە ئالدۇرىدىغان ئىئانە توپلاش لايىھەسىنى يوللاشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (7) ھەدىيە قىلغۇچىلار، پىدائىيلار، مەنپەئەتدارلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ھەمدە ھەدىيە قىلغۇچى، خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىسى ئاشكارىلاشقا قوشۇلمىغان ئىسىم – فامىلىسى، نامى، تۇرۇشلۇق جايى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويغانلار.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

 خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى قايتا سادىر قىلغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغانلىق گۇۋاھنامىسىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىكار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

 100 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 98 – ، 99 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

 101 – ماددا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ توپلىغان مال – مۈلۈكنى ھەدىيە قىلغۇچىغا قايتۇرغۇزىدۇ؛ قايتۇرغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى يىغىۋېلىپ، باشقا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ ئالاقىدار تەشكىلات ياكى شەخسلەرگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

 (1) ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتى بولمىغان تەشكىلات ياكى شەخسلەر ئاشكارا ئىئانە توپلىغان بولسا؛

 (2) پاكىت ئويدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ھەدىيە قىلىش ئوبيېكتلىرىنى ھەدىيە قىلىشقا ئالدىغان، ئازدۇرغان بولسا؛

 (3) ئورۇن ياكى شەخسلەرگە سېلىق سالغان ياكى باشقىچە يول بىلەن سېلىق سالغان بولسا؛

 (4) ئاممىۋى تەرتىپىگە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە ياكى ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلغان بولسا.

 رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال ۋە تور مۇلازىمەتچىلىرى، تېلېگراف تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 27 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ.

 102 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ھەدىيە قىلغۇچىغا ھەدىيە تالونى، پىدائىيلارغا پىدائىيلار مۇلازىمەت خاتىرىسى ئىسپاتى بېرىشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى ھەدىيە قىلغۇچىلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلمىغانلىرىغا خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

 103 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن ساختىپەزلىك قىلىپ باج ئېتىبارىغا ئېرىشىۋالغانلىرىنى باج ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغانلىق گۇۋاھنامىسىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

 104 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ياكى ئاممىۋى مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇنىڭغا ماددىي ياردەم بەرگەنلىرىنى ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ تىزىمغا ئالدۇرغانلىق گۇۋاھنامىسىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

 105 – ماددا خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسىدە، ھاۋالە قىلىنغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

 (1) ھاۋالە قىلىنغان مال – مۈلۈك ۋە ئۇنىڭدىن قىلىنغان تاپاۋەتنى خەير – ساخاۋەتتىن باشقا مەقسەتتە ئىشلەتكەنلەر؛

 (2) ھاۋالە قىلىنغان ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا دوكلات قىلىشتا ياكى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

 106 – ماددا خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى جەريانىدا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ياكى پىدائىيلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن مەنپەئەتدار ۋە ئۈچىنچى كىشىگە زىيان يەتكەن بولسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ زىياننى پىدائىيلار قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى شۇ پىدائىيدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

 پىدائىيلار خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ زىيان تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

 107 – ماددا تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن خەير – ساخاۋەت نامىدا ياكى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتى نامىدا مال – مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

 108 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا تەيىنلىگەن – قالدۇرغان ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى چارە كۆرىدۇ:

 (1) ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (2) ھەدىيە ۋەزىپىسىنى تاڭغان ياكى باشقىچە يول بىلەن تاڭغان، پىدائىيلار، خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى مۇلازىمەت قىلىشقا مەجبۇرلىغانلار؛

 (3) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (4) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلار ۋە مەمۇرىي جازا بەرگەنلەر؛

 (5) خەير – ساخاۋەت مال – مۈلكىنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغان، ئىشلىتىۋالغان، قىسىپ قالغان ياكى ئىگىلىۋالغانلار؛

 (6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

 109 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئاممىۋى خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

 110 – ماددا شەھەر – يېزا مەھەللە تەشكىلاتلىرى، ئورۇنلار شۇ مەھەللە ۋە شۇ ئورۇندا ئامما ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

 111 – ماددا خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن باشقا تەشكىلاتلار چامىسى يېتىدىغان خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

 112 – ماددا بۇ قانۇن 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى