تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنوچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى

 (2016–يىل 11–ئاينىڭ 7–كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

54 – نومۇرلۇق

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنوچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى    

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب كىنو ئىجادىيىتى، سۈرەتكە ئېلىش

3 – باب كىنو تارقىتىش، قويۇش

4 – باب كىنوچىلىقنى قوللاش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش

5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن كىنوچىلىقنىڭ ساغلام گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە كىنو ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، سۈرەتكە ئېلىش، تارقىتىش، قويۇش قاتارلىق پائالىيەت (تۆۋەندە بىردەك كىنو پائالىيىتى دېيىلىدۇ) لەردە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كىنو ئۈن – سىن تېخنىكىسى ۋە بەدىئي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنغان، فىلىم ياكى رەقەملىك ۋاسىتىگە خاتىرىلەنگەن، مۇئەييەن مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ئاۋازلىق ياكى ئاۋازسىز ئۇلانما كۆرۈنۈشلەردىن تەركىب تاپقان، دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، كىنوخانا قاتارلىق مۇقىم سورۇندا ياكى كۆچمە قويۇش ئۈسكۈنىسىدە ئاشكارا قويۇلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

كىنونى ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرى ئارقىلىق تارقىتىدىغانلار ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك.

3 – ماددا كىنو پائالىيىتىدە، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

4 – ماددا دۆلەت خەلقنى مەركەز قىلىشتەك ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، كىنو ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، كىنو ئىجادىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىن بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، زوق بېرىشچانلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مۇنەۋۋەر كىنولارنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

5 – ماددا گوۋۇيۈەن كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

دۆلەت كىنو ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپ سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان كىنو بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، كىنو بازىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

6 – ماددا دۆلەت كىنو پەن – تېخنىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىشقا مەدەت بېرىدۇ، كىنونىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ ھەمدە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، كارخانا ئاساس قىلىنغان، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن كىنو تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

7 – ماددا كىنوغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئۇنىڭغا چېقىلسا بولمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، كىنوغا دائىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، كىنوغا دائىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىشى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەتبىقلاش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كىنو ئوبراز مەھسۇلاتى قاتارلىق ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى قانۇن بويىچە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كىنو خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار كىنو خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

9 – ماددا كىنو ساھە تەشكىلاتى قانۇن بويىچە ساھەنىڭ تەلەپچان قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، كەسپىي ئالاقىنى يولغا قويىدۇ، كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىدۇ، ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

ئارتىس، رېژىسسور قاتارلىق كىنو كەسىپكارلىرى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشى، قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىشى، ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلىشى كېرەك.

10 – ماددا دۆلەت كىنو باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ، كىنو ئوبزورچىلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

مۇنەۋۋەر كىنولار ۋە كىنوچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات، شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

11 – ماددا دۆلەت باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى كىنو خەلقئارا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى كىنو بايرىمى(كۆرگەزمىسى)غا قاتنىشىشقا مەدەت بېرىدۇ.

2 – باب كىنو ئىجادىيىتى ۋە سۈرەتكە ئېلىش

12 – ماددا دۆلەت كىنو سېنارىيە ئىجادىيىتى ۋە تېما، ژانىر، شەكىل، ۋاسىتە قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كىنو ئىلمىي مۇھاكىمىسىگە ۋە كەسىپ ئالاقىسىگە ئىلھام بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى كىنو ئىجادىيىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، كىنو ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا بېرىشى، تۇرمۇش ئۆگىنىشى قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

13 – ماددا كىنونى سۈرەتكە ئالىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار كىنو سېنارىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە، مۇھىم تېما ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دىپلوماتىيە، مىللەت، دىن، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېمىلارغا چېتىلىدىغانلىرىنىڭ كىنو سېنارىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرتۈشكە يوللىشى كېرەك.

كىنو سېنارىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ياكى كىنو سېنارىيەسى مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى سۈرەتكە ئالماقچى بولغان كىنونىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئەنگە ئالغانلىق ئىسپات ھۆججىتى ياكى تەستىق ھۆججىتى بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

14 – ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كىنونى سۈرەتكە ئالسا بولىدۇ؛ لېكىن دۆلەتنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىشتەك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشسا بولمايدۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان قىلمىشى بارلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرسىمۇ بولمايدۇ.

ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئېلىنغان كىنولاردىن ئىجادىيەت، مەبلەغ، كىرىم تەقسىماتى جەھەتلەردە نىسبەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى چېگرا ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار سۈرەتكە ئالغان كىنو دەپ قارىلىدۇ.

چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار چېگرا ئىچىدە كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدە كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە كىنونى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

كىنونى سۈرەتكە ئالغۇچىلار مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردىكى قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى ھەمدە سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا زۆرۈر قوغداش، ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

16 – ماددا كىنودا تۆۋەندىكى مەزمۇنلا بولسا بولمايدۇ:

(1) ئاساسىي قانۇندا بىكىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشقا ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىش؛

(2) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، دۆلەتنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، تېررورىزم، ئەسەبىيزمنى تەرغىب قىلىش؛

(3) مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھاقارەت قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، مىللىي ئۆرپ – ئادەتكە زىيان يەتكۈزۈش، مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ياكى مىللىي تارىخىي شەخسلەرنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

(4) دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇترىتىش، بىدئەتلىك، خۇراپىيلىقنى تەرغىب قىلىش؛

(5) ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىيان يەتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق ۋە زەھەركەشلىكنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈش ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش؛

(6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق – مەنپەئىتىگە ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش؛

(7) باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، ئۇلارغا تۆھمەت چاپلاش ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلىۋېتىش، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.

17 – ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان كىنونى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى ئاشكارا قويۇشقا رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى بېرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى ئاشكارا قويۇشقا رۇخسەت قىلماسلىقى، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، كىنو تەكشۈرۈش كونكرېت ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى تۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. كىنو تەكشۈرۈش كونكرېت ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ دەلىللىشى كېرەك.

18 – ماددا كىنو تەكشۈرۈشكە ئاز دېگەندە بەش مۇتەخەسسىس قاتنىشىشى، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش پىكرى بېرىشى كېرەك. قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇتەخەسسىسلەرنى يەنە بىر قېتىم باھالاشقا تەشكىللىسە بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاش پىكرىنى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ۋە كىنو تېمىسىغا ئاساسەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىس تاللاش ۋە كىنو باھالاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

19 – ماددا ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغان كىنونىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشكە قايتا يوللاش كېرەك.

20 – ماددا كىنونى سۈرەتكە ئالغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى بەلگىسىنى كىنونىڭ بېشىغا چىقىرىشى؛ قويۇلىدىغان كىنونىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن تاماشىبىن قاتارلىق تاماشىبىنلاردا جىسمانىي ياكى روھىي بىئاراملىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولسا، ئەسكەرتىشى كېرەك.

ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى تارقىتىشقا، قويۇشقا، ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورلىرىدا تارقىتىشقا، ئۈن – سىن بۇيۇمى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ؛ لېكىن دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

21 – ماددا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان كىنولاردىن ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغانلىرىنى كىنو بايرىمى(كۆرگەزمە)غا قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى كىنو بايرىمى(كۆرگەزمە)غا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىرىنى چېگرا سىرتىدىكى شۇ كىنو بايرىمى(كۆرگەزمە) ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئالاقىدار ماتېرىياللارنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

22 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار چېگرا سىرتى كىنولىرىنى يۇيۇش – كۆپەيتىش، پىششىقلاش، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىدىغان مەزمۇن بار چېگرا سىرتى كىنولىرىغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ.

23 – ماددا دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپى ئاپپاراتى كىنو ئارخىپىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، يىغىدۇ، رەتلەيدۇ، ساقلايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ.

دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپى ئاپپاراتى زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى سەپلىشى، ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، كىنو ئارخىپىنى باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

كىنونى سۈرەتكە ئالغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىنو ئارخىپىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە دۆلەت قۇرغان كىنو ئارخىپى ئاپپاراتىغا كىنو ئارخىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، ھەدىيە قىلىشى، ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.

3 – باب كىنو تارقىتىش، قويۇش

24 – ماددا كارخانىلاردىن كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان خادىم ۋە مەبلەغ شارائىتىنى ھازىرلىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ياكى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

كارخانىلار، يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن كىنو تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان خادىم، سورۇن، تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە شارائىتلىرىنى ھازىرلىغانلىرى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، كىنوخانا قاتارلىق مۇقىم كىنو قويۇش سورۇنلىرىدا كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

25 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، كىنو تارقىتىش، قويۇش پائالىيىتىنى تەستىقلايدىغان كىنو مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. شەرتكە توشقانلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇلارغا كىنو تارقىتىش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ياكى كىنو قويۇش تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىنى تەستىقلىمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.

26 – ماددا كارخانىلار ۋە شەخسلەردىن سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى كارخانا نامى ياكى تىجارەتچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تىجارەت قىلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

27 – ماددا دۆلەت يېزىلاردا كىنو قويۇشنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا – كەنتلەردە پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جەمئىيەت مەبلىغىنى يېزىلاردا كىنو قويۇشقا سېلىشقا پائال يېتەكلەپ، يېزىلاردا كىنو كۆرۈش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇشنى يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇشقا ياردەم پۇل بېرىدۇ.

يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ، كىنو مەسئۇل تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق كىنولارنى بىرلىكتە تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز كۆرۈشىنى قوللايدۇ، ئۇنى مەكتىپى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

دۆلەت كىنوخانىلار، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانىلار ۋە شەخسلەرنى بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، شارائىتى ئوخشىمايدىغان قويۇش زالى سېلىش، مەھەللە قويۇش نۇقتىسى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر، شەھەر – بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە، شۇنىڭدەك شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ كىنو كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ كىنوخانىلار، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇنلانغۇچى كارخانىلار، شەخسلەرگە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپات ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ.

29 – ماددا كىنوخانىلار چېگرا ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ئىشلىگەن كىنولارنى قويۇش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، قويۇش ۋاقتى يىللىق قويۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

كىنوخانىلار، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كارخانىلار، شەخسلەر كىنو قويۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

30 – ماددا كىنوخانىلارنىڭ ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرى، شۇنىڭدەك سەييارە كىنو قويۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلىرى كىنو قويۇش تېخنىكىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

كىنوخانىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، كومپيۇتېرلىق بېلەت سېتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك.

31 – ماددا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق كىشى قويۇلۇۋاتقان كىنونى ئۈنگە، سىنغا ئالسا بولمايدۇ. ئۈنگە، سىنغا ئالغانلىقى بايقالسا، كىنوخانا خادىملىرى توسۇشقا ھەمدە ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئۇنىماي تۇرۇۋالغانلاردىن مەيداندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

32 – ماددا دۆلەت كىنوخانىلارنىڭ تاماشىبىنلارغا ئۇقتۇرغان قويۇش ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئېلانى قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

كىنوخانىلار تاماشىبىنلارغا ئۇقتۇرغان قويۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، كىنو تۈگىگەنگە قەدەر ئېلان قويسا بولمايدۇ.

33 – ماددا كىنوخانىلار ئامانلىق باشقۇرۇش، ئوت مۇداپىئەسى، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىقى قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىشى، كىنو قويۇش سورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ساقلىشى، تاماشىبىنلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ھەرقانداق كىشى كىنوخانا قاتارلىق كىنو قويۇش سورۇنلىرىغا پارتلايدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان، رادىيوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرسە بولمايدۇ؛ قورال، ئوق – دورا، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ كىرسە بولمايدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك خادىملار يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ كىرمەكچى بولغانلارنى بايقىسا، كىرگۈزمەسلىكى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

34 – ماددا كىنو تارقىتىش كارخانىلىرى، كىنوخانىلار كىنودىن قىلغان كىرىمنى ئەينەن ئىستاتىستىكا قىلىشى، ھەقىقىي، توغرا ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى بېرىشى كېرەك، سودا قىلغانلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىش، كىنو كىرىمىنى ساختا مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىشقا ئوخشاش ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن تاماشىبىنلارنى ئالدىماسلىقى، ئازدۇرماسلىقى، كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىقى كېرەك.

35 – ماددا چېگرا ئىچىدە چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك كىنو بايرىمى (كۆرگەزمىسى) ئۆتكۈزۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

4 – باب كىنوچىلىقنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش

36 – ماددا دۆلەت تۆۋەندىكىدەك كىنولارنى ئىجاد قىلىش ۋە سۈرەتكە ئېلىشنى قوللايدۇ:

(1) جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان چوڭ تېمىلاردىكى كىنولار؛

(2) قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان كىنولار؛

(3) يېڭى سەنئەت نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان، سەنئەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كىنولار؛

(4) پەن – مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ۋە پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان كىنولار؛

(5) دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا كىنولار.

37 – ماددا دۆلەت مەدەنىيەت كەسپىگە ئالاقىدار مەخسۇس مەبلەغ، فوندنى كىنوچىلىققا سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچ، مەزگىلدىكى كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ، مالىيە ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كىنوچىلىقنى مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق قوللاشنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئويلىشىدۇ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار مەبلەغ، فوندنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.

38 – ماددا دۆلەت زۆرۈر باج ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە – باج مەسئۇل تارمىقى باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن چىقىرىدۇ.

39 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى ۋە كىنو بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، كىنوخانا سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، كىنوخانىلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ھازىرقى كىنوخانىلارنىڭ يەر بايلىقىنى پائال جانلاندۇرۇپ، كىنوخانا سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىشى كېرەك.

40 – ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، شۇنىڭدەك كىنو ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىشىغا، كىنوغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا ھەمدە كىرېدىت قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كىنوچىلىققا قانۇن بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى بېرىپ، قايتا كېپىل بولۇش، بىرلىشىپ كېپىل بولۇش، شۇنىڭدەك كېپىل بولۇش بىلەن سۇغۇرتىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەۋپ – خەتەرنى تارقاقلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان كىنونى سۈرەتكە ئېلىشتا، قەرز مۇددىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىدۇ.

41 – ماددا دۆلەت قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى چېگرا سىرتىغا چىقىپ ھەمكارلىشىپ كىنونى سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاشقى سودا قىلىش، چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مۇۋاپىق تاشقى پېرېۋوت ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

42 – ماددا دۆلەت كىنو ئىختىساسلىقلىرىنى يۆلەش پىلانىنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت شارائىتى بار ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتى، تەربىيەلەش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ كىنوغا ئالاقىدار كەسىپ ۋە دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

43 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ يېزىلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كىنو پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يار – يۆلەك بولىدۇ.

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەر تېما قىلىنغان كىنولارنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، كىنولارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى بىر تۇتاش كاپالەتلەندۈرىدۇ.

44 – ماددا دۆلەت نادىر كىنولارنى چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە مەدەت بېرىدۇ ھەمدە دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە تاشقى ئالماشتۇرۇش بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كىنولارنى چېگرا سىرتىغا كېڭەيتىدۇ.

دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كىنونى چېگرا سىرتىدا كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

45 – ماددا دۆلەت جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئىئانە قىلىش، ماددىي ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە ئېتىبار بېرىدۇ.

46 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى كىنو پائالىيىتىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىكى ئەرز – شىكايەت، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى، جاۋابىنى بېرىشى كېرەك؛ كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەنلىرىنى ئىناۋەت ئارخىپىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

47 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كىنونى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۈرەتكە ئېلىش، تارقىتىش، قويۇش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مەنئى قىلىدۇ، كىنو فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ئىشلەتكەن سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

48 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئالاقىدار ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ، ئالاقىدار تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامە، تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججىتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەن، ئېلىپ ساتقان ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامە، تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججىتىنى باشقا يوللار ئارقىلىق قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر؛

(2) ئالدامچىلىق قىلىش، پارا بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامە، تەستىق ياكى ئىسپات ھۆججىتىگە ئېرىشىۋالغانلار.

49 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ كىنو فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى تارقاتقان، قويغانلار؛

(2) ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن كىنونىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەن، ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسىنى قايتا ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقان، قويغان، كۆرگەزمىگە بەرگەنلەر؛

(3) ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى كىنو بايرىمى (كۆرگەزمىسى)غا قاتناشتۇرغانلار.

50 – ماددا دۆلىتىمىزنىڭ ئىززىتى، شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللىي ھېسسىياتقا بەرھەم بېرىدىغان مەزمۇنلاردىكى چېگرا سىرتى كىنولىرىنى يۇيۇش – كۆپەيتىش، پىششىقلاش، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلەش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، كىنو فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئەھۋالىدىن كىنو مەسئۇل تارمىقى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

51 – ماددا كىنو تارقىتىش كارخانىلىرى ۋە كىنوخانىلاردىن سودا قىلغانلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كىنو كىرىمىنى ساختا مەلۇم قىلىپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىپ كىنو بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

كىنوخانىلاردىن تاماشىبىنلارغا ئۇقتۇرغان قويۇش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، كىنو تۈگىگەنگە قەدەر ئېلان قويغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

52 – ماددا قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ چېگرا ئىچىدە چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك كىنو بايرىمى (كۆرگەزمىسى)نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان كىنو فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى جازا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك كىنو بايرىمى (كۆرگەزمىسى) ئۆتكۈزسە بولمايدۇ.

شەخسلەردىن چېگرا ئىچىدە چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك كىنو بايرىمى (كۆرگەزمىسى)نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن ياكى ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى كىنو بايرىمى (كۆرگەزمىسى)غا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قاتناشتۇرغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان كىنو فىلىمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى جازا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە كىنوغا ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

53 – ماددا قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ياكى يەككە سودا – سانائەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى بولسا بولمايدۇ.

54 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۈن – سىن بۇيۇمى قىلىپ ئىشلىگەنلەر؛

(2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاشكارا قويۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كىنونى ئالاقە تورى، تېلېگراف تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىقلار ئۇچۇر تورلىرىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقانلار؛

(3) ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇش ياردەم مەبلىغىنى ئېلىۋالغانلار؛

(4) كىنوغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغانلار؛

(5) كىنو ئارخىپىنى قوبۇل قىلىش، توپلاش، رەتلەش، ساقلاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار.

كىنوخانىلاردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (4) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

55 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل – مال ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەستىقلىغانلار؛

(3) نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(4) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقاپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(5) يېزىلاردا پاراۋانلىق خاراكتېرلىك كىنو قويۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ياردەم مەبلىغى ياكى ئالاقىدار مەخسۇس مەبلەغ، فوندنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان، قىسىپ قالغانلار؛

(6) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا ئەھۋاللار.

56 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي بىخەتەرلىككە ۋە مال – مۈلۈككە زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلەر، يەنە كېلىپ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

57 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا تۈرى ۋە دەرىجىسى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ۋە كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ يۈرگۈزۈشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بار قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئالاقىدار سورۇن، ئەسلىھەنى قانۇن بويىچە پېچەتلىسە ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئىشلىتىلگەن پۇل – مالنى پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

58 – ماددا ئالاقىدارلاردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن قوللانغان مەمۇرىي ھەرىكىتىگە قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ كىنو مەسئۇل تارمىقى چىقارغان كىنونى ئاشكارا قويۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدىكى قارارغا قايىل بولمىغانلىرى ئالدى بىلەن قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

59 – ماددا چېگرا سىرتىدىكى كاپىتال بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگراسى ئىچىدە كىنو پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

60 – ماددا بۇ قانۇن 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى