بېقىش ھەققىنى ۋاقتىدا تەلەپ قىلمىسا، سۈرۈكى ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟-تەڭرىتاغ تورى-ts
تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

بېقىش ھەققىنى ۋاقتىدا تەلەپ قىلمىسا، سۈرۈكى ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟

مامۇت بارات

 قاسىم بىلەن مەريەم 2012 – يىلى 6 – ئايدا كېلىشىم ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجراشقان. كېلىشىمدە بەش ياشلىق قىزى ئامىنەنى مەريەم تەربىيەلەيدىغان، قاسىم بالىنىڭ بېقىش ھەققى ئۈچۈن مەريەمگە ھەر ئايدا 500 يۈەن بېرىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن. كېيىن قاسىم تىجارەت ئىشلىرى بىلەن بىر مەزگىل باشقا جايلاردا تۇرۇپ يۇرتىغا قايتمىغاچقا، مەريەم ئېلىشقا تېگىشلىك بالا بېقىش ھەققىنى قاسىمدىن ئالالمىغان. يېقىندا مەريەم قاسىمنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئەينى چاغدىكى كېلىشىم بويىچە ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ يىللىق بالا بېقىش ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قاسىم: ‹‹ھەق – تەلەپ دەۋا قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بېقىش ھەققىنىڭ دەۋا سۈرۈكى ئىككى يىللىق قەرز سۈيلەش سۈرۈكىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇڭا مەن 2014 – يىلى 6 – ئايدىن كېيىنكى قىسمىنى بېرىمەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى قىسمىنى بەرمەيمەن، دەپ تۇرۇۋالغان. ئۇنداقتا، بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش يۇقىرىقىدەك قەرز دېلولىرىدىكى ئىككى يىللىق دەۋا سۈرۈكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرامدۇ؟

 نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا – ئانىنىڭ پەرزەنتىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. بۇ خىل بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بالا بىلەن تۇرمايدىغان تەرەپكە نىسبەتەن پۇل ئارقىلىق ئىپادىلەنسىمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل پۇل بېرىش مۇناسىۋىتى خەلق ئارىسىدىكى پۇل ئېلىم – بېرىم قەرز مۇناسىۋىتىگە ئوخشىمايدۇ. بېقىپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بالا بىلەن ئاتا – ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە ھوقۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ، بالىنىڭ كىشىلىك سالاھىيىتى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئۇ بالىنىڭ جىسمانىيىتى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. بېقىپ تەربىيەلەش خىراجىتى، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى دېگەنلەر ئادەتتىكى قەرز مۇناسىۋىتىدىن پەرقلىق بولۇپ، بۇنداق شەكىللەنگەن قەرز مۇناسىۋىتىگە ئادەتتىكى قەرز ئېلىم – بېرىم مۇناسىۋىتىدىكى دەۋا سۈرۈكى تەتبىقلانمايدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى››نىڭ 37 – ماددىسىدا: نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپ بېقىۋاتقان بالىنىڭ زۆرۈر بولغان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيەلەش خىراجىتىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ مىقدارى ۋە تۆلەش مۇددىتىنى تەرەپلەر كېلىشىدۇ، كېلىشەلمىسە سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بالىنىڭ زۆرۈر بولغان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيەلەش خىراجىتى ھەققىدىكى كېلىشىم ياكى ھۆكۈم بالىنىڭ زۆرۈر بولغاندا ئاتىسىغا ياكى ئانىسىغا كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئارتۇق مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش ئادەتتىكى قەرز دېلولىرىدىكى ئىككى يىللىق دەۋا سۈرۈكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى