تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

204 – نومۇرلۇق

 ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى›› 2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 49 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللاندى. ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

 1 – ماددا بۇ چارە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

 2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

 قانۇن – نىزاملاردا چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش، تەكشۈرۈپ سىناش، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە قارىتا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

 3 – ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى كولاش ماشىنىسى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى، يۈك قاچىلاش ماشىنىسى، كۈرەكلىك توشۇش ماشىنىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، بېتون – لاي ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 4 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شۇنداقلا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

 چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە زۆرۈر بولغان خىراجەت ھەر دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

 5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. كونكرېت خىزمەتلەرگە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) مەسئۇل بولىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

 بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، قاتناش – تىرانسپورت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، سودا ئىشلىرى، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

 6 – ماددا كوچا ئىش باشقارمىسى، تەرەققىيات رايونى (سانائەت باغچە رايونى)لىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ.

 7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

 ئوبلاستلىق، شەھەر (ۋىلايەت)لىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كونكرېت ئىشلىتىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

 ناھىيە (شەھەر)لىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار ۋە ئۇلارنىڭ شوپۇرلىرىنى نازارەت قىلىدۇ.

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئۆز ساھەسىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى لازىم.

 8 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش، ئېلان قىلىش ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

 چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئورنىتىشتا، ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرۈش لازىم.

 9 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللانى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا زاۋۇتتىن چىققاندىلا ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.

 10 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار زاۋۇتتىن چىققاندا ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى ئورنىتىلمىغان بولسا، ساتقۇچى مەسئۇل بولۇپ ئورنىتىش لازىم؛ بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن سېتىلغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارغا ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى ئورنىتىلمىغان بولسا، مۈلۈك ئىگىسى مەسئۇل بولۇپ ئورنىتىدۇ.

 ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى ئورنىتىلمىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنى سېتىشقا، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

 11 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ساتقۇچى سېتىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ نامى، تىپ نومۇرى، سانى ھەمدە سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئېلىپ ماڭغان جايى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى، سېتىش خاتىرىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.

 چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ مۈلۈك ئىگىلىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنى ئىجارىگە بەرگەندە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجارىگە بېرىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم.

 12 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئۇلاپ، ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ شۇنىڭدەك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئەمەلىي ۋاقتى، تولۇق سانىنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللاش لازىم.

 ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئۆز مەيلىچە چۇۋۇپ ئېلىۋېتىشىگە، بۇزۇۋېتىشىگە، ئېكرانلىق ئورۇن بېكىتىش سىگنالىغا كاشىلا قىلىشىغا، ئورۇن بېكىتىش قۇرۇلمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە بولمايدۇ.

 13 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش، جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان رايونلار، يول بۆلەكلىرىنى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى چەكلەنگەن رايون ۋە يول بۆلىكى قىلىپ ئايرىپ، مەسئۇل تارماقلارغا ئېنىق بەلگە قويۇشنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسئۇل تارمىقى ج خ ئورگىنى بېكىتكەن يول يۈرۈش چەكلەنگەن رايون ۋە يول بۆلەكلىرىدىكى ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا ئېلېكتىرونلۇق توسۇق ئورنىتىشى لازىم.

 14 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش چەكلەنگەن رايون ۋە يول بۆلەكلىرىگە كىرىشىگە بولمايدۇ. ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى سىگنال بەرگەن ھامان، يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشى چەكلەنگەن رايون ۋە يول بۆلەكلىرىگە كىرىپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مەشغۇلات قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ئىلتىماس قىلىشى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى خەۋەرلەندۈرۈشى لازىم.

 15 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسى ئېلىش لازىم.

 يولغا چىقىش ئالدىدىكى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىگە نومۇر تاختىسى تارقىتىش، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىدۇ.

 16 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، مۈلۈك ئىگىسى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە دائىر ئىسپات، ئاپتوموبىلنىڭ زاۋۇتتىن چىققانلىق لاياقەتنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئەھۋالى تېخنىكىلىق تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىملاپ، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە تەكشۈرۈشتە لاياقەت بەلگىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.

 يېڭىدىن سېتىۋالغان قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈلمەيدۇ.

 چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، مۈلۈك ئىگىسى ئۆزگەرتىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم.

 17 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى يىلدا بىر قېتىم بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى تارقىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئورنىتىش ۋە ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سۇپىسىغا ئۇلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغانلىرىغا تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى تارقىتىپ بەرمەسلىكى لازىم.

 18 – ماددا يوللاردا قاتنايدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىمەكچى بولغانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنۇشى، سالاھىيەت ئىسپاتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن سالامەتلىك ئىسپاتى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانا چىقىرىپ بەرگەن بىخەتەرلىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىشى؛ باشقا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر ئاۋۋال تەربىيەلىنىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلات كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىشى لازىم.

 چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىگەندە، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسىنى چوقۇم ياندا ئېلىپ يۈرۈش كېرەك.

 19 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسى يىلدا بىر قېتىم تىزىملىنىدۇ. تىزىملىغاندا، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتى چىقىرىپ بەرگەن سالامەتلىك ئىسپاتى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانا چىقىرىپ بەرگەن بىخەتەرلىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

 20 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار يولدا قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرسە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش تارمىقى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى چوقۇم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

 21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا دائىر قاتناش ھادىسىسى ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە جىددىي ئەھۋال مانېۋىرى ئېلىپ بارىدۇ.

 22 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللاردا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەر كۆرۈلسە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئىشقا سېلىپ، تۆۋەندىكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ:

 1) جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىش، پۇقرالارنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەش، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش؛

 2) جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ياكى باشقا توسالغۇلارنى چۇۋۇش، يۆتكەش؛

 3) جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيالارغا كاپالەتلىك قىلىش؛

 4) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش.

 ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نەق مەيداندىكى ئەھۋالغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە مۇناسىپ مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ۋەقەنى ئالدىنئالا تېز بىر تەرەپ قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلىشى كېرەك.

 23 – ماددا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ياكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ، توغرا، ھەقىقىي ئېلان قىلىپ، جامائەتكە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

 ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاسادىپىي ۋەقە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە دائىر يالغان ئۇچۇرلارنى توقۇشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 24 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇشى، ھەل قىلىشى؛ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللاردا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، مەسئۇلىيەتنى قايتا تەكشۈرۈشى لازىم.

 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار يېقىندىن ماسلىشىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە تەلەپكە ئاساسەن بىرلىكتە قانۇن ئىجرا قىلىدۇ.

 25 – ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

1) ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، كۆپەيتىش؛

2) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش؛

3) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئېغىر ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى دەرھال مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش؛

4) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش.

 26 – ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە بىر تۇتاش فورما كىيىشى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپتوموبىللىرى بىر تۇتاش بەلگە سېلىنىپ سىرلىنىشى، سىگنال بېرىش چىرىغى ئورنىتىلىشى كېرەك.

 27 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىدىغان كارخانا ۋە ئورۇنلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

1) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار ھەمدە ھەيدىگۈچىلەرنىڭ نومۇر تاختىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسى ئۇچۇرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، مەخسۇس ئادەمنىڭ ھەيدىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

2) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، ئاسراش، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋەقە سادىر قىلىش ئەھۋاللىرىنى خاتىرىلەش؛

3) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ھەيدىگۈچىلەرگە بولغان تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىش ئورنى تەلىپىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان خادىملارنى ۋاقتىدا تەڭشەش؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش؛

4) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى توختىتىش رايونىنى بەلگىلەش ھەمدە مەخسۇس ئادەمنى دىجورنىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش؛

5) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى بىر ئايدىن ئارتۇق توختىتىپ قويۇش توغرا كەلسە، ئاككۇمۇلياتورنى چوقۇم ۋاقتىدا چۇۋۇپ ئېلىۋېتىش، ئاككۇمۇلياتور بىلەن ئاچقۇچنى مەخسۇس ئادەم ساقلاش كېرەك.

 28 – ماددا نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسى، ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى يوق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. ماي ۋە گاز بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسى، ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى يوق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ماي ۋە گاز بىلەن تەمىنلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

 29 – ماددا يوللاردا قاتنايدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتە، بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىدۇ؛ باشقا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىدە بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

1) بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ نومۇر تاختىسى، كىنىشكا ئالماي تۇرۇپلا، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەنلەر؛

2) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى يالغاندىن ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغانلار؛ يالغاندىن ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەنلەر ۋە ياكى باشقا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛

3) چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى مەشغۇلات كىنىشكىسىنى ئالماي تۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

4) ئۆزىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، مەشغۇلات كىنىشكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىگەنلەر ياكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرتمىگەن، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

يالغاندىن ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان نومۇر تاختىسى، كىنىشكىلار يىغىۋېلىنىدۇ.

 30 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

1) ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئورناتمىغانلار، ئىشلەتمىگەنلەر؛

2) ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى خالىغانچە چۇۋۇپ ئېلىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن، ئېكرانلىق ئورۇن بېكىتىش سىگنالىغا كاشىلا قىلغان، توسقۇنلۇق قىلغان ياكى ئورۇن بېكىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

3) يۈرۈش چەكلەنگەن رايون ۋە يول بۆلەكلىرىگە كىرگەن ياكى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ يۈرۈش چەكلەنگەن رايون ياكى يول بۆلەكلىرىدە مەشغۇلات قىلغانلار.

31 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسى، ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى بولمىغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلەتكەنلەرنى ياكى نومۇر تاختىسى، كىنىشكىسى، ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالى يوق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرىنى ماي ۋە گاز بىلەن تەمىنلىگەن ماي ۋە گاز بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تۇرالغۇ، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى ياكى سودا تارماقلىرى ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

 32 – ماددا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللاردا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولسا، ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەر ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›› بويىچە جازالىنىدۇ.

 33 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 34 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

 35 – ماددا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار بۇ چارىدىكى بەلگلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، خىزمەتتە بىپەرۋارلىق قىلسا، نەپسانىيەتچىلىك قىلسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 36 – ماددا بۇ چارىدە ئىشلىتىلگەن تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

1)چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بېكىتىش، سىمسىز يەتكۈزۈش، يىراقتىن باشقۇرۇش ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تۇرغان جايى، يول يۈرۈش لىنىيەسى، يول يۈرۈش سۈرئىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئەمەلىي ۋاقتى بويىچە خاتىرىلەيدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان باشقۇرۇش سىستېمىسىدۇر. ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سۇپىسى بىلەن ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2) ئېلېكتىرونلۇق توسۇق ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى سۇپىسى ياكى تېرمىنالىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەرىتىسى بولۇپ، چەمبىرەك ئارقىلىق مەركىزىي رايون ۋە مەركىزىي رايوننىڭ سىرتىدىكى سىگنال بېرىش رايونىنى بېكىتىدۇ.

 37 – ماددا چوڭ تىپتىكى تىراكتورلارنى ئورۇن بېكىتىپ باشقۇرۇشتا، مەزكۇر چارە ئىجرا قىلىنىدۇ.

 38 – ماددا بۇ چارە 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى