تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى

بىرىنچى باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا خەلق ئاممىسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى يىپ ئۇچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ، ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن مەزكۇر چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

  2 – ماددا مەزكۇر چارە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي رايون ئىچىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشقا تەتبىقلىنىدۇ.

  3 – ماددا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردە ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، بۇ كومىتېت زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى قارىمىقىدا ئىشخانا قۇرۇلىدۇ، ئىشخانا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىدا تەسىس قىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشقا ئائىت كونكرېت خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدۇ.

ئىككىنچى باب مۇكاپاتلاش شەرتى ۋە پىرىنسىپى

  4 – ماددا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر تەڭ ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك:

  (1) ئېنىق پاش قىلىش ئوبيېكتى، كونكرېت پاش قىلىش پاكىتى بولۇش؛

  (2) پاش قىلىنغان مەزمۇننى ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا ئورۇنلار ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئورگانلىرى تېخى ئىگىلەپ بولالمىغان بولۇش؛

  (3) پاش قىلغان مەزمۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى دەلىللەنگەن بولۇش.

  5 – ماددا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

  (1) مۇكاپاتلاش ئوبيېكتى پىرىنسىپ جەھەتتە ھەقىقىي نامى بىلەن پاش قىلغان بولۇشى كېرەك. نامسىز پاش قىلغان ھەم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان دېلولاردا، دېلونى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پاش قىلغۇچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بېكىتكىلى بولسا ھەم پاش قىلغۇچى مۇكاپاتنى ئېلىشنى خالىسا مۇكاپاتلاش كېرەك؛

  (2) بىر يىپ ئۇچىنى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم (ئىككى ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئايرىم – ئايرىم پاش قىلغان بولسا، ئالدى بىلەن پاش قىلغان ئادەم مۇكاپاتلىنىدۇ. باشقا پاش قىلغۇچىلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ياردىمى بولسا ئەھۋالغا قاراپ مۇكاپات بېرىلسە بولىدۇ؛

  (3) ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم (ئىككى ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىرلىشىپ بىر يىپ ئۇچىنى پاش قىلغان بولسا، بىر قېتىم پاش قىلغان دەپ قارىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ، مۇكاپات پۇلىنى پاش قىلغۇچىلار كېلىشىپ تەقسىملىۋالسا بولىدۇ، كېلىشەلمىسە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ؛

  (4) بىر ئادەم بىر يىپ ئۇچىنى ئوخشىمىغان تارماقلارغا پاش قىلغان بولسا، بۇ يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان تارماق مۇكاپاتلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تەكرار مۇكاپاتلانمايدۇ.

ئۈچىنچى باب مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى

  6 – ماددا تەشكىللىك، پىلانلىق، ئالدىن قەستلەپ قويۇلغان ھەم پىلاننى يولغا قويۇپ، ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر تاشلاش، پارتلىتىش، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى يولغا قويۇشقا چېتىلىدىغان ئەمەلىي، يوشۇرۇن، جىددىي، يادرولۇق قاتلىمىغا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ ياكى پاش قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئەھۋالغا قاراپ سىياسەت خاراكتېرلىك مۇكاپات بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات توختاملىق ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىش ھەم كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە يەرلىك مالىيە باقىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈش، دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈش ياكى ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، ۋەزىپىسىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى ئارمىيەگە كىرىش، مەكتەپكە كىرىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، يەر ھۆددە ئېلىش، قانۇن ياردىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  7 – ماددا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئامانلىق ئەھۋالى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، دىنىي ساھە، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايى، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى ئەھۋالى، تور جامائەت پىكرى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بىخ ھالىتىدىكى، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك يىپ ئۇچى ۋە بىنورمال ئەھۋال توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدۇ ياكى ئەھۋالغا قاراپ سىياسەت خاراكتېرلىك مۇكاپات بېرىلىدۇ. كونكرېت سىياسەت خاراكتېرلىك مۇكاپات بېرىشتە مەزكۇر چارىنىڭ 6 – ماددىسىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

  8 – ماددا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا چېتىلىدىغان باشقا ئەمەلىي يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا ئەھۋالغا قاراپ مۇكاپات بېرىلىدۇ.

  9 – ماددا پاش قىلغۇچى تېلېفون، خەت – چەك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

تۆتىنچى باب پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش تەرتىپى

  10 – ماددا ئامما زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچىنى بايقىسا، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ:

  (1) ‹‹110›› ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ؛

  (2) تىيانشان ساقچى تورى(ج خ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى)ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ؛

  (3) ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىگە پاش قىلسا بولىدۇ؛

  (4) باشقا ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ.

  11 – ماددا ئامما پاش قىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر مەزكۇر يىپ ئۇچىنى رازۋېدكا قىلىشقا مەسئۇل ج خ ئورگانلىرى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدۇ، دەلىللەيدۇ.

  12 – ماددا مەزكۇر چارىنىڭ 6 – ماددىسىغا تەۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، دەرىجىمۇ دەرىجە مەلۇم قىلىنىپ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىگە ياكى شىنجاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللىنىلىدۇ ھەم 60 كۈن ئىچىدە مۇكاپاتلاش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتىغا يوللىنىدۇ.

  مەزكۇر چارىنىڭ 7 – ، 8 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە تەۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بولسا، شۇ جايدىكى ج خ ئورگانلىرى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مۇكاپاتلاش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتىغا يوللىنىلىدۇ.

  13 – ماددا ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتلىرى مۇكاپاتلاش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مۇكاپاتلاش ياكى مۇكاپاتلىماسلىق قارارىنى چىقىرىدۇ.

  مۇكاپاتلاشنى قارار قىلغانلىرىنى ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتلىرى ئىشخانىسى ئىلتىماس قىلغان ئورۇنغا ئالاقە ئەۋەتىدۇ ھەم پاش قىلغۇچىغا مۇكاپاتنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرىدۇ.

  مۇكاپاتلىماسلىقنى قارار قىلغانلىرىنى ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئىلتىماس قىلغان ئورۇنغا ئالاقە ئەۋەتىدۇ، ئىلتىماس قىلغان ئورۇن پاش قىلغۇچىنى خەۋەرلەندۈرىدۇ ھەم چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. پاش قىلغۇچىنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا مۇكاپاتلىماسلىق توغرىسىدىكى قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغان ئورۇنغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

  14 – ماددا پاش قىلغۇچى مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مۇكاپاتنى ئېلىۋېلىشى كېرەك. مۇكاپاتنى ئېلىش ۋاقتىنى سەۋەبسىز ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر مۇكاپاتتىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن، دەپ قارىلىدۇ.

  15 – ماددا پاش قىلغۇچىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ مۇكاپاتنى ئېلىشقا ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسە ھەم بانكا ھېساب نومۇرى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئامانلىق مەخسۇس مۇكاپاتىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتلىرى ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن پاش قىلغۇچىنىڭ ھېساباتىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

بەشىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  16 – ماددا يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇن ياكى شەخس تۇنجى سوراشقا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يوللاپ بېرىشى كېرەك. تۇنجى سوراشقا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا، مەسئۇل خادىمنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  17 – ماددا پاش قىلغۇچى قەستەن ساختىپەزلىك قىلىپ مۇكاپاتنى ئالداپ ئېلىۋالماقچى بولۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  18 – ماددا پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشقا قاتناشقان خادىملار مەخپىيەتلىك تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، پاش قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، پاش قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى، پاش قىلىش مەزمۇنىنى ۋە مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىنى ھەر قانداق شەكىلدە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى قەستەن ئاشكارىلىغان بولسا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋانكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  19 – ماددا پاش قىلغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. پاش قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۆچ ئېلىپ زەربە بېرىشكە ئۇچرىسا ياكى ئۆچ ئېلىپ زەربە بېرىشكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولسا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ج خ ئورگانلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوغدايدۇ.

  20 – ماددا ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچى ج خ ئورگانلىرى ئىگىلەپ دەلىللىگەن ياكى رازۋېدكا قىلىۋاتقان يىپ ئۇچى بولسا ۋە ياكى ج خ ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر خىزمەت جەريانىدا بايقىغان بولسا، مەزكۇر چارە تەتبىقلانمايدۇ.

ئالتىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  21 – ماددا مەزكۇر چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

  22 – ماددا مەزكۇر چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى

2016 – يىلى 11 – ئاپرېل            

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى