تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

194 – نومۇرلۇق

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش چارىسى›› 2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 26 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2015 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2015 – يىل 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى

  1 – ماددا بۇ چارە ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلىنىدىغان پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش مەقسىتىدە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش نىزامى›› ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى شەھەر، ناھىيە، بازار (يېزا)لارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلىنىدىغان پۇقراۋى ئىمارەتلىرىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش (تۆۋەندە قىسقارتىپ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش دېيىلىدۇ) ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشتا بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

  3 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە، زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، ئۆي – مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەشكە دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

  4 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشتە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم يولغا قويۇلىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ تام ماتېرىياللىرى، ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرى، سىرتقى ئىشىك – دېرىزە ، ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكەندە، ئىشلەتكەندە، يۈرۈشتۈرگەندە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم، تېخنىكىلىق قائىدىلىرى بويىچە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى تېخنىكا، ھۈنەر – سەنئەت ، ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ياكى ئۇنى مەنئى قىلىش كېرەك.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ۋە ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرى پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  5 – ماددا ناھىيە (شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر – بازارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەخسۇس يىرىك پىلانى تۈزۈشنى تەشكىللىشى، ئىسسىقلىق مەنبەسى ۋە ئىسسىقلىق تورى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىشى، شەھەر – بازارلاردىكى پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى ۋە كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك.

  6 – ماددا يېڭى سېلىنغان ئىمارەتلەردە ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %50تىن ئارتۇق ئازايتىش ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش، جۈملىدىن ئولتۇراق ئىمارەتلەردە ئومۇمىي ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %65تىن ئارتۇق ئازايتىش ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

  يېڭى سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىغا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورى، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئۆيىدە تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، ئىشلەتكەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىش ھەمدە ئىشلەتكەن ئىسسىقلىق مىقدارىغا قاراپ ئىسسىقلىق ھەققى ئېلىش كېرەك. تۇرالغۇ ئىمارەتلەرگە ئورنىتىلغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئائىلىلەر بويىچە مىقدار ھېسابلاش تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

  7 – ماددا بۇرۇن بار ئىمارەتلەرنىڭ مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان رايونىنى بىرلىك قىلىپ، ئىمارەتلەرنىڭ مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى شەھەر – بازارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەخسۇس يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنىڭ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورى، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى نازارەت قىلىشى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورىدىكى يەتكۈزۈپ بېرىلگەن – قايتقان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئېقىم مىقدارى، يۈرۈشۈش ۋاقتى قاتارلىقلارنى كونترول قىلىپ، ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىقلىق يۈكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىدا ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  8 – ماددا يېڭى ئىمارەت سالدۇرغۇچىلار ياكى بۇرۇن بار ئىمارەتنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتكۈچى تەرەپ قۇرۇلۇش قىلىش لايىھە ھۆججىتىنى تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى بىلەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىسسىقلىق ئىشلىتىشنى تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنى تۈرگە ئايرىپ قۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىشى، مەسئۇلىيەتنامە تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  1) ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى، تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە سۈپەت تەلىپى؛

  2) ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە سۈپەت تەلىپى؛

  3) ئىككى تەرەپنىڭ پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تۈرىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى.

  9 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى سالدۇرغان تەرەپ ۋە بۇرۇن بار ئىمارەتنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتكۈچى تەرەپنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشىگە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بېشارەت بېرىشىگە بولمايدۇ، مەھسۇلات لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى يوق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى، تەمىنلىنىدىغان ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تېجەش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، ئۆزگەرتكۈچى تەرەپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسىغا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى، تەمىنلىنىدىغان ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ۋە سۈپەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ.

  10 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تۇرۇبا تورىنى قۇرماقچى ياكى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، شۇ ئىسسىقلىق تەمىنلەش رايونىدىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش لايىھەسى تۈزۈپ، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش تەلىپى ۋە تۇرۇبا ماتېرىيالى، ئۈسكۈنە ۋە تەڭشەش – كونترول قىلىش، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى تاللاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى قېتىملىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى قۇرۇش ياكى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئىشلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى جەزمەن مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش كارخانىسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قۇرۇلۇشقا ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا ماتېرىيالى، ئۈسكۈنە ۋە تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردا خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارنى ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىمارەتتە ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەلىپى قويۇش ۋە ۋەدە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.


  11 – ماددا ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ شەھەر – يېزا پىلانلاشقا مەسئۇل تارمىقى پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان پۇقراۋى ئىمارەت قۇرۇلۇش تۈرىگە قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بەرمەيدۇ. قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكىلىق قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژىغا قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق ھۆججىتى چىقىرىپ بەرمەيدۇ.

  12 – ماددا لايىھەلەش ئورنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، نازارەتچىلىك ئورنى ۋە رويخەتتىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمى بويىچە لايىھە ئىشلىشى، قۇرۇلۇش قىلىشى، نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

  قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرگۈزۈلگەن تام ماتېرىياللىرى، ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرى، سىرتقى ئىشىك – دېرىزە، ئىسسىقلىق تەمىنلەش – ئىسسىقلىق ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېمپېراتۇرا تەڭشەش – كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش قىلىش چېرتيوژى لايىھە ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان بولسا ياكى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا سۈپەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك ئىسپات ھۆججىتى ئالمىغان بولسا، قۇراشتۇرۇشقا، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىشتا پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، نازارەتچىلىك ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ تۈزىتىشىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تۈزىتىشنى رەت قىلسا، نازارەتچىلىك ئورنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  13 – ماددا ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ شەھەر – يېزا پىلانلاشقا مەسئۇل تارمىقى پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش تۈرىنى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يىرىك پىلان بويىچە تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  سېلىش، ئۆزگەرتىش تۈرى پۈتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، دۆلەتنىڭ ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە قۇرۇلۇش قىلىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قائىدىسىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇشنى ۋە ئىككىلەمچى تۇرۇبا تورىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئايرىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خاتىرىسى قالدۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقىنى ئەنگە ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ؛ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىغا ئۇلاپ بەرمەيدۇ.

  14 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىدا پۈتكەن ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتى بېجىرىشتە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

  1) يىرىك پىلان بويىچە پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئېتىراپ قىلغانلىق ھۆججىتى؛

  2) قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى لايىھەلەش ھۆججىتىنىڭ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق ھۆججىتى؛

  3) بۇ چارىنىڭ 12 – ماددا 2 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سۈپەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق ھۆججىتى؛

  4) ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسىنىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتناشقانلىق پىكرى.

  15 – ماددا يېڭى سېلىنغان ۋە بۇرۇن بار ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرىدە مۇھاپىزەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتى ئەڭ كەم بولغاندا بەش يىل، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى رېمونت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتى ئەڭ كەم بولغاندا ئىككى ئىسسىنىش مەزگىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىش، قۇراشتۇرۇش كارخانىسى ۋە ماتېرىيال، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسا، ۋەدە بويىچە بولىدۇ.

  رېمونت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى ۋە مۇددىتى ئىچىدە سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، ئۆزگەرتكۈچى تەرەپ تۈزىتىشى كېرەك؛ سۈپەت جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەتچىلىك ئورنى ياكى ماتېرىيال، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، ئۆزگەرتكۈچى تەرەپ جاۋابكار تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  16 – ماددا يېڭى سېلىنغان ئىمارەتنىڭ ئىككىلەمچى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، تۇرۇبا تورى سىستېمىسى ۋە ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرىنى ئائىلىلەرگە ئايرىپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى تەڭشەش – تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنىڭ مەبلىغى قۇرۇلۇش تەننەرخىگە كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇرۇن بار ئىمارەتنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغۇچى بىلەن ئۆي ئىگىدارى نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

  17 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش يولغا قويۇلىدۇ. شەھەر، ناھىيە، بازار (يېزا)نىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات (باھا) تارمىقى تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش باھاسىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بېكىتىشى ھەمدە مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.

  18 – ماددا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى بېكىتىشتە ئاساسىي ئىسسىقلىق باھاسى ۋە مىقدارىغا قاراپ ھېسابلانغان ئىسسىقلىق باھاسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈزۈملۈك باھا ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولسا، ئاساسىي ئىسسىقلىق باھاسىنى قۇرۇلۇشنىڭ ئىسسىقلىق ئىشلىتىش كۆلىمىنىڭ %30ىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي ھېسابلاش، مىقدارىغا قاراپ ھېسابلانغان ئىسسىقلىق باھاسىنى ئىشلىتىلگەن ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %70 ىدىن تۆۋەنلەتمەي ھېسابلاش كېرەك.

  ئىسسىقلىق ھەققى كورپۇس ياكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش سائىتى ھېساب بوغۇش نۇقتىسى قىلىنىپ ئېلىنغان بولسا، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە، ئىشلىتىلگەن ئىسسىقلىقنى ئائىلىلەرگە چېچىشى ھەمدە چېچىش ئاساسى، ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقىتلىق توختاتقان مەزگىلدە، ئائىلىلەر ئىشلەتكەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش سائىتى بىۋاسىتە ھېساب بوغۇش نۇقتىسى قىلىنغان بولسا، ئىشلىتىلگەن ئىسسىقلىق ئائىلىلەرگە چېچىلمايدۇ، لېكىن يەنىلا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئاساسىي ئىسسىقلىق ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.

  يېڭى سېلىنغان ۋە بۇرۇن بار ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتكەن ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى ئېلىنغان بولسا، ئىسسىقلىق ھەققىنى تەمىنلەنگەن ئىسسىقلىق مىقدارى بويىچە ئېلىش كېرەك. تەمىنلەنگەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تېخى تۈزۈلمىگەن ياكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىسسىقلىق مىقدارى بويىچە ھەق ئېلىشنى يولغا قويمىغان بولسا، ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرى ئىسسىقلىق ھەققىنى بۇرۇنقى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ %80ى بويىچە تاپشۇرسا بولىدۇ.

  19 – ماددا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش ئۆلچىمى ۋە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت كېلىشىمى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش توختامىدا پۈتۈشكەن مەزمۇن بويىچە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرىسىنى خالىغانچە تۆۋەنلىتىشكە ياكى يۇقىرىلىتىشقا بولمايدۇ.

  مەكتەپ قاتارلىق دەۋرىيلىك تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئارقىلىق ئىسسىقلىققا بولغان ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان ئاممىۋى ئىمارەتلەردە، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرىسىنى دەۋرىي ھالەتتە تۆۋەنلىتىشى، ئېلىنىدىغان ئىسسىقلىق ھەققىنى مۇناسىپ كېمەيتىشى كېرەك.

  20 – ماددا پۇقراۋى ئىمارەتلەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئېنېرگىيە تىجەش بويىچە ئىسسىقلىق ئىشلىتىش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىمارەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆي ئىچى ئىسسىقلىق مۇھىتىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئولتۇراق ئىمارەتلەرگە تەمىنلەنگەن ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرىسىنى 22 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە تىزگىنلەش كېرەك؛ ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرىسىغا ئالاھىدە تەلىپى بار بولغان مەكتەپ، دوختۇرخانا، يەسلى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىقلاردىن باشقا ئاممىۋى ئىمارەتلەردە تەمىنلەنگەن ئىسسىقلىق تېمپېراتۇرىسىنى سېلىسىيە 20 گىرادۇس ئىچىدە تىزگىنلەش كېرەك.


  21 – ماددا ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى مەبلەغ چىقىرىپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى ياكى بۇرۇن بار ئىمارەتنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن قوشۇلغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىگە ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى بېرىشى كېرەك. ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن تىجارەت تەننەرخى قوشۇلغان بولسا، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك.

  ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتمىسە ياكى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش تاماملانغان بۇرۇن بار پۇقراۋى ئىمارەتلەردە تەمىنلەنگەن ئىسسىقلىق مىقدارى بويىچە ھەق ئېلىشنى يولغا قويمىسا، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەتكە مەسئۇل تارماق ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى بەرمەسلىكى ياكى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت مۇددىتىنى ئۇزارتماسلىقى كېرەك.

  22 – ماددا لايىھەلەش ئورنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، نازارەتچىلىك ئورنى بۇ چارىنىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ‹‹قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامى››، ‹‹پۇقراۋى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش نىزامى›› ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  23 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلسا، خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

  24 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجر اقىلىنىدۇ.

  25 – ماددا بۇ چارىدا ئىشلىتىلگەن تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنى:

  1) پۇقراۋى ئىمارەت: ئولتۇراق ئىمارەت، دۆلەت ئورگانلىرى ئىش بېجىرىدىغان ئىمارەت ۋە سودا، مۇلازىمەت كەسپى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق باشقا ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  2) ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى: ئىسسىقلىق مەنبەسى، ئىسسىقلىق تەمىنلىنىدىغان ئىسسىقلىق تورى، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان تەمىنلىنىدىغان – ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىقلىق ئايلىنىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  3) تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش: مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۇسسۇل بويىچە ئىسسىقلىق مەنبەسى، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارى، شۇنداقلا ئىمارەت (ئىسسىقلىق كىرىش ئېغىزى) ئىسسىقلىق ئابۇنىچىلىرى ئىشلەتكەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاشنى كۆرسىتىدۇ.

  4) مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى: مىقدار ھېسابلاش سائىتى، سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىش ئۈسكۈنىسى، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش كىلاپانى قاتارلىق ئىسسىلىق مىقدارىنى ھېسابلاش ۋە ئىسسىقلىق مىقدارىنى چېچىپ ھېسابلاش ئەسۋابىنى كۆرسىتىدۇ.

  5) تەمىنلەنگەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاپ ھەق ئېلىش: ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش قۇرۇلمىسى يىغقان سانلىق مەلۇماتقا، ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئىسسىقلىق ھەققى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  6) ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىككىلەمچى تۇرۇبا تورى: ئولتۇراق رايوندىكى ئىسسىقلىق بىلەن ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگىچە بولغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى كۆرسىتىدۇ.

  26 – ماددا بۇ چارە 2015 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى