تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

192 – نومۇرلۇق

 ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش چارىسى›› 2015 – يىل 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 21 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئۇنى ئېلان قىلدۇق. 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2015 – يىلى 28 – فېۋرال  

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ چارە رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈپ چىقىلدى.

  2–ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىش ۋە ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە تەتبىقلىنىدۇ.

  ھەربىي ئەسلىھەلەر ياكى مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئەسلىھەلەر جابدۇقلارغا ئائىت رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  3 – ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:

  رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىش، پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش، رادىيوئاكتىپلىق ھەمراھ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، رادىيوئاكتىپلىق تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ماتېرىيال، ئادەم بەدىنى، مەيدان – سورۇن، مۇھىت ۋاسىتىچى ماددىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە، شۇنداقلا ئىچكى قىسمىدا رادىيوئاكتىپ ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى رادىيوئاكتىپ نۇرنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن بۇلغىنىش ئېلېكتىر ماگنىت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇھىتتا پەيدا قىلغان ئېلېكتىر ماگنىت مىقدارى ياكى كۈچىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتىكى چەك قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  4 – ماددا رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە ئىلمىي پىلانلاش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، قاتتىق باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى 1 – ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  5 – ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى رادىياتسىيە مۇھىتىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارمىقى ئۆز قارىمىقىدىكى رادىياتسىيە مۇھىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىغا كونكرېت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

  سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رادىيو – تېلېۋىزىيە، قاتناش – تىرانسپورت، سۈپەتنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، پەن – تېخنىكا قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە رادىياتسىيە مۇھىتىنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

  6 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلار رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى، تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە دائىر قانۇن – نىزاملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ رادىياتسىيە توغرىسىدىكى ئىلمىي قارىشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

2 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  7 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارمىقى رادىياتسىيە مۇھىتىنى ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، رادىياتسىيە مۇھىتىنى ئۆلچەش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رادىياتسىيە مۇھىتىنى ئۆلچەش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى لازىم.

  ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلىرى رادىياتسىيە مۇھىتىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، رادىياتسىيە ئەسلىھەلىرى، جابدۇقلىرى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇشى لازىم.

  8 – ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلار جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە رادىياتسىيە ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

  9 – ماددا تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، رادىيوئاكتىپلىق ھەمراھ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار رادىياتسىيە ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. رادىياتسىيە ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى يۈرۈشتۈرۈشتە كاشىلا كۆرۈلۈپ، رادىياتسىيە ھادىسىسىنى كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى كېلىپ چىققاندا، دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلىش كېرەك؛ خادىملاردا كۆپ مىقدارلىق رادىياتسىيەلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىققاندا ياكى كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغاندا، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىغىمۇ بىر ۋاقىتتا مەلۇم قىلىش كېرەك.

  10 – ماددا مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى رادىياتسىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلار بۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك.

  11 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرىغا ئەرز قىلىنغان، پاش قىلىنغان بولسا، مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

3 – باب رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

  12 – ماددا رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان قۇرۇلۇشلارنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىشتا، ئۇنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاش كېرەك.

  دالىدا رادىيوئاكتىپ ئىزوتوپلۇق ئىز كۆرسىتىش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەندە، تەجرىبىنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش كېرەك، مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھەققىدىكى تەستىقىي ھۆججىتى بولغان ئوخشاش بىر گېئولوگىيەلىك مۇھىتتا كۆپ قېتىم رادىيوئاكتىپ ئىزوتوپلۇق ئىز كۆرسىتىش تەجرىبىسىنى ئىشلەشكە توغرا كەلگەندە، قايتا تەستىقلىتىش ھاجەتسىز.

  دۆلەتنىڭ رادىياتسىيە مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن رادىيوئاكتىپلىق ھەمراھ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە ۋە قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈپ ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش دوكلاتىدا رادىياتسىيەنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەخسۇس ئورۇن بېرىلىشى كېرەك.

  13 – ماددا رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە نۇر قۇرۇلمىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش جەھەتتىكى تەستىقىي ھۆججىتى بولۇشى كېرەك، مۇھىت ئاسراشقا مەسئۇل تارماقلارغا ئىلتىماس قىلىپ، ئىجازەتنامە ئالغاندىن كېيىن، ئىجازەتنامىدە كۆرسىتىلگەن تۈر ۋە دائىرىدە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  14 – ماددا بۇ چارىنىڭ 13 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا تەۋەبولسا، ئۇنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تارقىتىدۇ؛

  1) Ⅱ،Ⅲ تۈردىكى رادىياتسىيە مەنبەسى ۋە Ⅱ تۈردىكى نۇر قۇرۇلمىسىنى سېتىش، ئىشلىتىش؛

  2) A، B دەرىجىلىك ھىم پېچەتلەنمىگەن رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار بولغان خىزمەت سورۇنى بار؛

  3) گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھاۋالە قىلىپ تارقاتقان.

  Ⅳ، Ⅴ تۈردىكى رادىياتسىيە مەنبەسى ۋە Ⅲ تۈردىكى نۇر قۇرۇلمىسىنى سېتىش، ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئوبلاست، شەھەر (ناھىيە)لەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تارقىتىدۇ.

  15 – ماددا يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ياكى رادىيوئاكتىپلىق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان قۇرۇلۇشلارنى يېڭىدىن سالغان، ئۆزگەرتىپ سالغان، كېڭەيتىپ سالغاندا، ئۇلارنىڭ رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە لايىھەلىنىشى، بىر ۋاقىتتا ياسىلىشى، بىر ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كېرەك.

  رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرى مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ. مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى چېقىۋېتىشكە، تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  16 – ماددا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار توردا نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك:

  1) مۇقىم سورۇندا Ⅰتۈردىكى رادىياتسىيە مەنبەسى ياكى Ⅰتۈردىكى نۇر قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىش؛

  2) Ⅲ تۈردىن يۇقىرى رادىياتسىيە مەنبەسىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش؛

  3) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن باشقا رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىش پائالىيەتلىرى.

  17 – ماددا رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە نۇر قۇرۇلمىسىنى رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئىجازەتنامىسى بولغان ئورۇنلار ئارىسىدىلا ئۆتۈنۈشكە بولىدۇ. رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپنى كىرگۈزگۈچى ئورۇن كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى تەستىقلاش ھوقۇقى بولغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. كىرگۈزگۈچى ئورۇننىڭ رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلاش ھۆججىتى بولمىسا، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئورۇن ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى كېرەك.

  18 – ماددا يادرو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ياكى رادىيوئاكتىپلىق ھەمراھ قېزىلمىلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، خىزمەت سورۇنى، ئېقىپ چىققان ماددىلار ۋە ئەتراپتىكى رادىياتسىيە مۇھىتىنى ئۆلچىشى ھەمدە ئۆلچەش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

  كېرەكسىز، كونا مېتاللارنى تاۋلاش كارخانىلىرى رادىياتسىيەنى ئۆلچەش ئەسۋابى سەپلىشى كېرەك؛ كېرەكسىز كونا مېتاللارنى ئوچاققا سېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلچەپ، ئۆلچەش نەتىجىسىنى تىزىملاش كېرەك. رادىياتسىيەسى دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئوچاققا سېلىپ تاۋلاشقا بولمايدۇ، بۇ ئەھۋالنى شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.


  19 – ماددا ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) ھالقىپ رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە نۇر قۇرۇلمىسى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئىشلىتىشتىن ئون خىزمەت كۈنى بۇرۇن، ئېلىپ كېلىنگەن جايدىكى ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) لەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

  20 – ماددا رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە نۇر قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىپ، دالىدا مەشغۇلات قىلىشتا مەشغۇلات مەيدانىدا تىزگىنلەش رايونى ۋە نازارەت قىلىش رايونىنى ئايرىش، رادىياتسىيەدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىش ھەمدە نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەشغۇلات مەيدانىغا كىرىشىنى چەكلەش كېرەك.

  رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە نۇر قۇرۇلمىسىنى دالىدا ساقلاشقا توغرا كەلسە، ئايرىم، ھىم ئېتىلگەن ۋاقىتلىق ساقلاش مەيدانىدا ساقلاش كېرەك. ساقلاش مەيدانىغا قاراشقا مەخسۇس ئادەم قويۇش ھەمدە ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش، رادىياتسىيەنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان رادىياتسىيە مەنبەسىنى بىخەتەر ساقلاش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، رادىياتسىيەلىك تاشلاندۇقلارنى ساقلاش سالاھىيىتى بار ئورۇنلارنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

  21 – ماددا رادىياتسىيەلىك قاتتىق تاشلاندۇقنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ ساقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. رادىياتسىيەلىك قاتتىق تاشلاندۇقلارنى پەيدا قىلغان ئورۇنلار رادىياتسىيەلىك قاتتىق تاشلاندۇقلارنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. رادىياتسىيەلىك تاشلاندۇقلار (مەنبە)نى ئۆز ئورنىدا ۋاقىتلىق ساقلايدىغان ئورۇنلار دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەخسۇس مەيدان ۋە قاچىدا ساقلىشى ھەمدە قاراشقا مەخسۇس ئادەم قويۇپ، رادىياتسىيەلىك تاشلاندۇق (مەنبە)نىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ۋاقىتلىق ساقلاش مۇددىتىنىڭ ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كېتىشىگە بولمايدۇ.

 رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇقلارنى يىغىپ ساقلايدىغان ئورۇنلار رادىيوئاكتىپلىق تاشلاندۇق ئامبىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ رادىياتسىيە سەۋىيەسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى يوللىشى كېرەك.

  22 – ماددا رادىيوئاكتىپلىق كان قېتىشمىسى، تەركىبىدە تەبىئىي رادىيوئاكتىپلىق ماددا بولغان تاش ماتېرىياللىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە بېزەك ماتېرىياللىرى دۆلەتنىڭ بىناكارلىق ماتېرىياللىرىدىكى رادىيوئاكتىپلىق نۇكلىدنى تىزگىنلەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. مەھسۇلات زاۋۇتتىن چىققاندا رادىيوئاكتىپلىق نۇكلىدنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش كېرەك. تەكشۈرۈش دوكلاتى بولمىغان ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ۋە بېزەك ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك ساتىدىغان بازارلارنى باشقۇرغۇچىلار سۈپەتنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش تارماقلىرى لاياقەتلىك دەپ بېكىتكەن ھەم كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى رادىيوئاكتىپلىقنى تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى سەپلىشى، ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئۆلچەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  23 – ماددا رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە نۇر قۇرۇلمىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئەھۋالىنى يىلدا باھالاپ، يىللىق باھالاش دوكلاتىنى تەييارلاپ، ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن بۇرۇن ئىجازەتنامە تارقاتقان مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى لازىم. يىللىق باھالاشتا يوشۇرۇن خەۋپ بايقالسا، دەرھال تۈزۈشى كېرەك.

  24 – ماددا Ⅰتۈر Ⅱتۈر Ⅲ تۈردىكى رادىياتسىيە مەنبەسىنى ئىشلىتىشنى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان سورۇنلار، شۇنداقلا ئىشتىن توختاتقاندىن كېيىن رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىما پەيدا قىلىدىغان نۇر قۇرۇلمىلىرىنى قانۇن بويىچە ئىشتىن چېكىندۈرۈش كېرەك، ئىجازەتنامە تارقاتقان مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى ياكى ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

  25 – ماددا يادرو تېخنىكسىدىن پايدىلىنىدىغان ۋە رادىيوئاكتىپلىق ھەمراھ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە رادىياتسىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ بەدىنىدىكى رادىياتسىيە مىقدارىنى ئۆلچەش ۋە كەسپىي ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، شەخسلەرنىڭ رادىياتسىيە مىقدارى ئارخىپى ۋە ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى ھەمدە ئۇنى خىزمەتچىلەر 75 ياشقا كىرگىچە ياكى رادىياتسىيە خىزمىتىنى توختاتقىنىغا 30 يىل بولغانغا قەدەر ساقلىشى كېرەك.

 دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلىگەن دەم ئېلىشتىن باشقا، رادىياتسىيە خىزمەتچىلىرى ئىشلەيدىغان ئورۇنلار ھەر يىلى ئۇلارنىڭ دەم ئېلىشى ياكى داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

4 – باب ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش

  26 – ماددا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىشتا ياكى كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەسلىھەلىرى، جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىشتە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسى بويىچە ئىجرا قىلىش كېرەك.

  27 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا قوشۇمچە ئەۋەتىش كېرەك.

  28 – ماددا مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتى تەستىقلانغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، قۇرۇلۇشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى قايتىدىن بېجىرىشكە توغرا كەلسە، مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى قايتا تەييارلاش كېرەك:

  1) قۇرۇلۇشنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، ئورنى ۋە قوللىنىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر – سەنئىتى؛

  2) بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى؛

  3) ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى جابدۇقلىرىنىڭ قۇۋۋىتى، چاستوتىسى، ئېلېكتىر بېسىمى ۋە ئېلېكتىر ئېقىمىنىڭ كۈچى قاتارلىقلار.

  29 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرى ياكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەسلىھەلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىش سەۋىيەسىنى بەلگىلەپ، ‹‹ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى مۇندەرىجىسى››نى بېكىتىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  30 – ماددا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرى ياكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەسلىھەلىرى بىلەن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇداپىئە ئارىلىقى تەستىقلانغان مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

  31 – ماددا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرىغا يانداشتۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا لايىھەلىنىشى، بىر ۋاقىتتا ياسىلىشى، بىر ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كېرەك.

  32 – ماددا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرى پۈتكەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  33 – ماددا تەستىق بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئورۇنلار ياكى شەخسلەر ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ تۈرى، كۈچى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ رادىياتسىيە مۇھىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملىتىشى كېرەك.

  34 – ماددا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك. ئۇنى خالىغانچە چېقىۋېتىشكە ياكى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. چېقىۋېتىش ۋە تاشلاپ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، چېقىۋېتىش ياكى تاشلاپ قويۇشتىن 15 خىزمەت كۈنى بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئون خىزمەت كۈنى ئىچىدە يازمىچە قارار چىقىرىشى كېرەك.

  35 – ماددا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇنلار مۇناسىپ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ ئۆز ئورنىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئۆلچىشى ھەمدە ئۆلچەش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ئۆلچەش دوكلاتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يوللىشى كېرەك.

5  – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

  36 – ماددا بۇ چارىنىڭ 15 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقى، 19 – ماددىسى، 30 – ماددىسى، 34 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

 37 – ماددا بۇ چارىنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈپەتنى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە جازالايدۇ.

 38 – ماددا رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

 1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئورۇنلارغا ئىجازەتنامە بېرىش ياكى تەستىقلاش ھۆججىتى بېجىرىپ بېرىش؛

 2) رادىياتسىيە ھادىسىسىنى كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش ياكى مەلۇم قىلماسلىق؛

 3) رادىياتسىيە ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزمەسلىك ياكى رادىياتسىيە ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق؛

 4) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى باشقا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى.

 39 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلاردا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، ئالاقىدار قانۇن – نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  40 – ماددا بۇ چارە 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى