تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە–نىزاملىرىنى چىقىرىش چارىسى

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ چارە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش نىزامى››نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چىقىرىدىغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى قائىدە، بەلگىلىمە، چارە، تەپسىلىي قائىدە دەپ ئاتىلىدۇ، بۇلاردا پارتىيەنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى مۇھىم خىزمىتى ياكى ئىشلىرى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلىدۇ.

  3 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنىڭ مەزمۇنى ماددا شەكلىدە ئىپادىلىنىپ، ئادەتتە ماددا شەكلىدە ئىپادىلەنمەيدىغان قارار، بېكىتمە، پىكىر، ئۇقتۇرۇش قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىن پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەك.

  4 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىشقا دائىر بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، كونكرېت ئىشلارنى ئۇنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى قىلىدۇ.

  5  – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

 (1) پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىش؛

 (2) پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ ئاساس قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛

 (3) پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەت قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش؛

 (4) ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

 (5) پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش؛

 (6) دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قوغداش؛

 (7) پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ بىرلىكى ۋە نوپۇزىنى قوغداش؛

 (8) ئىخچام، ئەمەلىي بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، چۇۋالچاق، تەكرار بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش.

2 – باب يىرىك پىلان ۋە پىلان

  6 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەزمۇنى ماسلاشقان، تەرتىپى پۇختا، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى تۈزۈمى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك.

  7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ، بۇ تەكلىپ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزامىنىڭ نامى، چىقىرىش زۆرۈرىيىتى، يوللىغان ۋاقىت، تەييارلىغۇچى ئورۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

  8 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بەرگەن قائىدە – نىزام چىقىرىش تەكلىپىنى جەملەش ھەمدە كەڭ پىكىر ئېلىش ئاساسىدا تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يىللىق پىلانىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بەرگەن كېلەر يىللىق قائىدە – نىزام چىقىرىش تەكلىپىنى جەملىگەندىن كېيىن تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يىرىك پىلانى ۋە پىلانىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشكە بولىدۇ.


3 – باب تەييارلاش

  9 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى مەزمۇنىغا قاراپ، ئومۇمەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى تەييارلايدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەييارلايدۇ ياكى مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ تەييارلايدۇ.

  10 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسى ئومۇمەن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  (1) نامى؛

  (2) چىقىرىش مەقسىتى ۋە ئاساسى؛

  (3) تەتبىقلاش دائىرىسى؛

  (4) كونكرېت ئۆلچەم؛

  (5) ئىزاھلىغۇچى ئورگان؛

  (6) يولغا قويۇش ۋاقتى.

  11 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى يۆنىلىشى توغرا، مەزمۇنى روشەن، مەنتىقىسى پۇختا بولۇشى، توغرا ئۆلچەملىك، ئىخچام ئىپادىلىنىشى، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.

  12 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى تەييارلاشتا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە يېڭى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى تولۇق ئىگىلەش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتۇرۇشقا ياكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مەخسۇس ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ.

  13 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى تەييارلايدىغان تارماقلار ۋە ئورۇنلار باشقا تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن كېڭىشىپ، پىكىر بىردەكلىكىگە كېلىشى كېرەك. كېڭىشىپ پىكىر بىردەكلىكىگە كېلەلمىسە، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسىنى يوللىغاندا، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىزاھلىشى كېرەك.

  14 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى تەييارلىغاندا، پارتىيەنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. ئوخشاش بىر ئىش توغرىسىدا پارتىيەنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان بەلگىلىمە چىقىرىشقا توغرا كەلسە، لايىھەدە بىكار قىلىش ياكى پارتىيەنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى قانداق تەتبىقلاش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىش ھەمدە لايىھەنى يوللىغاندا ئەھۋالنى ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

  15 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسى شەكىللەنگەندىن كېيىن، كەڭ پىكىر ئېلىش كېرەك. پىكىر ئېلىش دائىرىسىنى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. پىكىر ئالغاندا، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسى توغرىسىدا ئاممىدىن تولۇق پىكىر ئېلىش كېرەك.

  پىكىر ئالغاندا، يازما شەكىلدە پىكىر ئېلىشقىمۇ، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى ئېچىش، توردا پىكىر ئېلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.

  16 – ماددا تەييارلىغۇچى تارماقلار ۋە ئورۇنلار قاراپ چىقىپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسىنى يوللىغاندا، لايىھە تەييارلاش ئىزاھاتىنىمۇ قوشۇپ يوللىشى كېرەك. تەييارلاش ئىزاھاتى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزامىنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئاساسلىق مەزمۇنى، پىكىر ئېلىش ئەھۋالى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن كېڭىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.


4– باب تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە ئېلان قىلىش

  17 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئېلان قىلىدىغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ.

  18 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرىدۇ. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار تەكشۈرۈلىدۇ:

  (1) پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسىتىگە زىت بولغان – بولمىغانلىقى؛

  (2) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بىلەن بىردەك بولغان – بولمىغانلىقى؛

  (3) پارتىيەنىڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىغا زىت بولغان – بولمىغانلىقى؛

  (4) پارتىيەنىڭ ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىدىكى ئوخشاش بىر ئىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان – قالمىغانلىقى؛

  (5) چوڭ – چوڭ سىياسەت – تەدبىرلەرگە چېتىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن كېڭەشكەن – كېڭەشمىگەنلىكى؛

  (6) چىقىرىش ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى؛

  پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسىدىن مەسىلە بارلىرى توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى تەستىقلىتىش ئارقىلىق تەييارلىغۇچى تارماق ۋە ئورۇنغا تۈزىتىش پىكرىنى بەرسە بولىدۇ. تەييارلىغۇچى تارماق ۋە ئورۇن تۈزىتىش پىكرىنى قوبۇل قىلمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا تۈزىتىش، كېچىكتۈرۈش ياكى قايتۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ.

  19 – ماددا قاراپ چىقىپ تەستىقلانغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئېلان قىلىشقا يوللايدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى ئادەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھۆججىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ھۆججىتى شەكلىدە ئېلان قىلىنىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئومۇمەن ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك.

  20 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىدىن ئەمەلىي خىزمەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن دېگەندەك پىشىپ يېتىلمىگەنلىرىنى ئاۋۋال سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.


5 – باب تەتبىقلاش ۋە ئىزاھلاش

  21 – ماددا پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى ئىچىدە ئالىي كۈچكە ئىگە، پارتىيەنىڭ باشقا ھەرقانداق ئىچكى قائىدە – نىزامىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە زىت بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چىقارغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىغا زىت بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تارماقلىرى چىقارغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىغا زىت بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ.

  22 – ماددا ئوخشاش بىر ئورگان چىقارغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىدا ئادەتتىكى بەلگىلىمە بىلەن ئالاھىدە بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، ئالاھىدە بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ كونا بەلگىلىمە بىلەن يېڭى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، يېڭى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

  23 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى ئىزاھلاش خىزمىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن ئىزاھلاش ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى بىلەن ئوخشاش كۈچكە ئىگە.

6 – باب ئەنگە ئېلىش، ئېنىقلاش ۋە باھالاش

  24 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى چىقارغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە مەركىزىي كومىتېتقا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  25 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقارغۇچى ئورگان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى ئېنىقلاپ تۇرۇشى ھەمدە ئېنىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئالاقىدار ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى ۋاقتىدا مۇناسىپ تۈزىتىشى، بىكار قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىقارغۇچى ئورگان، تەييارلىغۇچى تارماق ۋە ئورۇنلار خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى باھالىسا بولىدۇ.

7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  26 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى تۈزىتىش، بىكار قىلىشقا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

  27 – ماددا بۇ چارىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئىزاھلايدۇ.

  28 – ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى