تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش چارىسى

 1 – ماددا بۇ چارە پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسىتى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بىلەن بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ بىرلىكى ۋە نوپۇزىنى قوغداش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرىنى چىقىرىش نىزامى›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش بەلگىلىمىسى››گە ئاساسەن چىقىرىلدى.

 2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى چىقارغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

 بۇ چارىدە ئېيتىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان، تەكرار تەتبىقلاشقا بولىدىغان قارار، بېكىتمە، پىكىر، ئۇقتۇرۇش قاتارلىق ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشقا، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا چېتىلىدىغان مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بېسىپ تارقاتقان ياكى تارقاتقان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى چىقارغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) بىرلىشىپ چىقارغان، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ياكى ۋىلايەتلىك ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) بېسىپ تارقاتقان، ئاساسلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەر ئادەتتە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى چىقارغان قائىدە چىقارغان ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

 تۆۋەندىكى ھۆججەتلەر ئەنگە ئېلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:

 (1) كادىر تەڭشەش، ئىچكى ئاپپارات تەسىس قىلىش، تەقدىرلەش قارارى جەھەتتىكى ھۆججەتلەر؛

 (2) يوليورۇق سوراش، دوكلات، يىغىن – پائالىيەت ئۇقتۇرۇشى، يىغىن خاتىرىسى، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى، ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، خىزمەت خۇلاسىسى؛

 (3) ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) بىرلىشىپ چىقارغان، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ياكى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانىسى) بېسىپ تارقاتقان، ئاساسلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى كونكرېت خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنە كېلىپ يىللىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇزاققىچە چەكلەش كۈچى يوق ھۆججەتلەر؛

 (4) ئورگاننىڭ ئىچكى خىزمەت تۈزۈمى ۋە خىزمەت لايىھەسى؛

 (5) ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان، تەكرار تەتبىقلاشقا بولمايدىغان باشقا ھۆججەتلەر.

 3 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىشتا، چوقۇم ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى چوقۇم تەكشۈرۈش، خاتالىقىنى تۈزىتىش كېرەك.

 ئومۇمەن ئەنگە ئېلىشقا يوللاش دائىرىسىدىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىشقا ۋاقتىدا يوللاش كېرەك، يوللىماسلىققا، كېچىكتۈرۈپ يوللاشقا، چالا يوللاشقا يول قويۇلمايدۇ.

 ئەنگە ئېلىشقا يوللانغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، مۇۋاپىق بولغان – بولمىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كېرەك.

 پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش بويىچە تەكشۈرگەندە، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى بايقالسا، بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 4 – ماددا بۇ چارە بويىچە ئەنگە ئېلىشقا تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە چىقارغۇچى ئورگان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، بىرلىشىپ ئېلان قىلغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى باشچىلىق قىلغۇچى ئورگان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. كونكرېت خىزمەتنى چىقارغۇچى ئورگان ياكى باشچىلىق قىلغۇچى ئورگاننىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى ئىشلەيدۇ.

 5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. كونكرېت ئىشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى قىلىدۇ.

 بۇ چارە بويىچە ئەنگە ئېلىشقا تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتىغا بىۋاسىتە يوللاش كېرەك.

 6 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا، ئەنگە ئالدۇرۇش دوكلاتى، رەسمىي ھۆججەت ۋە چىقىرىش ئىزاھاتىنى توپلام قىلىپ، ئۈچ نۇسخا يوللاش، شۇنىڭ بىلە بىللە، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى يوللاش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى بارلىرىنى تەڭ يوللاش كېرەك.

 چىقارغۇچى ئورگانلاردىن ئەنگە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى يوللىمىغان ياكى ۋاقتىدا يوللىمىغانلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى سۈرۈك ئىچىدە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.


 7  – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللانغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ. ئاساسلىق تەكشۈرۈلىدىغان مەزمۇنلار:

 (1) پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسىتىگە زىت بولغان – بولمىغانلىقى؛

 (2) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بىلەن بىردەك بولغان – بولمىغانلىقى؛

 (3) پارتىيەنىڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىچكى قائىدە – نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىگە زىت بولغان – بولمىغانلىقى؛

 (4) پارتىيەنىڭ ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدىكى ئوخشاش بىر ئىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان – قالمىغانلىقى؛

 (5) بەلگىلەنگەن مەزمۇننىڭ روشەن نامۇۋاپىق بولۇپ قالغان – قالمىغانلىقى؛

 (6) چىقىرىش ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى.

 8 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى ئەنگە ئېلىشقا يوللانغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرگەندە، يوللىغۇچى ئورگاننىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشىگە توغرا كەلسە، يوللىغۇچى ئورگان بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

 9 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى ئەنگە ئېلىشقا يوللانغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەنگە ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈپ بولۇشى كېرەك.

 10 – ماددا تەكشۈرۈش داۋامىدا ئەنگە ئېلىشقا يوللانغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە مەسىلە بايقالسا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى تەستىقلىتىش ئارقىلىق، چىقارغۇچى ئورگانغا تۈزىتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ، چىقارغۇچى ئورگان 30 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىشى كېرەك، سۈرۈك ئىچىدە بىر تەرەپ قىلمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تۈزىتىش ياكى بىكار قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللايدۇ.

 11 – ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەنگە ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتى ئارخىپقا سالىدۇ ھەمدە ئەنگە ئېلىش ئەھۋالىنى يوللىغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ. ئەنگە ئېلىنغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرى كاتولوگى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

 12 – ماددا پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى سىناش، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەنگە ئېلىش خىزمىتىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەش كېرەك.

 پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى مەلۇم دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ.

 13 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئالدىنقى بىر يىلدا ئېلان قىلغان پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرى كاتولوگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ قائىدە – نىزام خىزمىتى ئاپپاراتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك.

 14 – ماددا ئاپتونوم رايون پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈش بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش بويىچە تەكشۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 15 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تارماقلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز سىستېمىسىنىڭ ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتسا بولىدۇ.

 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، بۇ چارىدىكى تەلەپ بويىچە، مۇناسىپ ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى بىر دەرىجە تۆۋەن ئورۇننىڭكىنى ئەنگە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىشلىشى كېرەك.

 16 – ماددا بۇ چارىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئىزاھلايدۇ.

 17 – ماددا بۇ چارە 2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى