تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ «يېشىللىق مارشى»نى ياڭرىتايلى

يۈەن لېي

 ئۈرۈمچى «خەلق» باغچىسىنىڭ 19-مايدىكى گۈزەل مەنزىرىسى. (مۇخبىرىمىز ئۆركەش جاپپار تارتقان)

«ئاجايىپ گۈزەل ئىكەن، بۇ جاي خۇددى تىلسىمات ماكانغا ئوخشايدىكەن!». 19- ماي تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجون يايلىقىدا ساياھەت قىلىۋاتقان تۇڭ كېلۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى كۆز ئالدىدىكى بۇ گۈزەللىكنى تەرىپلىمەي تۇرالمىدى.

شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن تۇڭ كېلۇن بۇ زېمىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۆك ئاسمان، كەڭ زېمىننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، شىنجاڭ زېمىنىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جاراڭلىق «يېشىللىق مارشى»نى ياڭراتتى.

ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىدىيەسى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى

ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېكولوگىيەلىك تاشيول − نارات ئەجدىھا قارىغايلىقى − ئۇيسۇنلار قەدىمىي قەبرىستانلىقى تاشيولى قۇرۇلۇشچىلىرى تاغ ئۈستىگە چىقىپ، تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ قۇرۇلۇشچىلارنى تۇنجى كۆرگەندە، ناراتتا ياشاۋاتقىنىغا 75 يىل بولغان سۇلتانباي مۇقابېك ئۇلارغا چىراي ئاچمىغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرىدە يول ياساش ئۈچۈن يەرلەرنى كولاش مەنزىرىلىك رايوننىڭ گۈزەللىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن باراۋەر ئىدى.

سۇلتانباي مۇقابېك ھازىر تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىدىكىدىنمۇ ياخشى ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ ئاچقان سەھرا ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتاتتى.

كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، «مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون بەرپا قىلىش» ۋە «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» ئىدىيەسى ھازىر شىنجاڭدىكى جايلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

2014- يىلىدىن بۇيان، ھەر يىلى 3- ئايدىكى بىر نەچچە كۈن جاھاننى سېرىق قۇم قاپلايدىغان كۈنلەر بولىدۇ، مۇشۇنداق ناچار ھاۋادىمۇ، خوتەن شەھىرىنىڭ ئورگان كادىرلىرى گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈپ كەنتلەرگە كېلىپ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكتى.

ئېكولوگىيە ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى، خوتەن شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئىزچىل ياخشىلاندى، تېرەك، يۇلغۇن، چىلان قاتارلىق دەرەخلەردىن پۈتكەن ئورمان بەلباغلىرىنىڭ ئارىسىغا جۇزغۇن، قارا سۆكسۆك قاتارلىق قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئارىلاش تىكىلگەن بولۇپ، ئۇلار خۇددى «قوغدىغۇچى»غا ئوخشايتتى.

تېرىلغۇدىن بوشىغان يەرلەر ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇلدى، كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشلىرى توختىتىلدى، قۇملۇقتىن بوستانلىققىچە، قارلىق ئېگىزلىكتىن بىپايان ئوتلاققىچە يېشىل تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يۇرتىنىڭ يېشىل تاغ- دەريالىرىنى قوغدىدى.

تاغلار تېخىمۇ كۆكەرسۇن، سۇلار تېخىمۇ سۈزۈكلەشسۇن، ئاسمان تېخىمۇ سۈزۈلسۇن

قۇتۇبى ئوتلاق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى، چۆچەك تاغ گۈلى بايرىمى، تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى... بەس- بەستە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. تېخى ياز كىرمەي تۇرۇپلا شىنجاڭدا ساياھەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ نازىرى قادان قابىن مۇنداق دېدى: «يېشىل تاغ- دەريالارنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدىلىشى بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر» دېدى.

2010- يىلى 5- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون بەرپا قىلىش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىقتىدار رايونى ئايرىمىسى»نى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتتى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش نىزامى»، «كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازنى ئېچىش مۇھىتىنى قوغداشنى باشقۇرۇش نىزامى»، «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش نىزامى» ۋە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزام- بەلگىلىمىلىرىنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپ، «ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون بەرپا قىلىش» ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش- جازالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش جەھەتلەردە نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى قانات يايدۇردى. مەسىلەن، موڭغۇلكۈرە، تېكەس ۋە توققۇزتارا ناھىيەسىدە سىياسىي نەتىجىسىنى پەرقلىق باھالاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، GDP كۆرسەتكۈچىنى ۋە سانائەتنىڭ ئېشىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى باھالاش سالمىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

2014- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «تىرىشىپ شىنجاڭنى ئەڭ پاكىز جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» تەكىتلەندى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل ھالقىما تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىشىگە ئىلھام بولدى.

ئىلگىرى مۇھىت مەسىلىسى تۈپەيلى پاراڭلىشىشقا بىر قەدەر كۆپ چاقىرتىلغان ناھىيە، شەھەر، رايونلار بەس- بەستە مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىدە مۇھىت ئاسراش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

سۇلىرىمىز پاكىز، تاغلىرىمىز ياپيېشىل بولغاندىلا تۈگىمەس بايلىق يارىتالايمىز

سۇلىرى سۈپسۈزۈك، ئاسمىنى كۆپكۆك ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئاق قۇلار قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. ھەر يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن ئىككىنچى يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ماناس سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئادەملەر بىلەن قۇشلار ئىناق ئۆتۈۋاتقان ئۆزگىچە مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ.

ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيې فابىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا ماناس ناھىيەسىدە تېرىلغۇدىن بوشىغان يەرلەرنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن بوشىغان يەرلەرنى سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقى قوغدالدى، قۇشلارنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا ئاشتى.

12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2009- يىلىدىكى %4.02تىن %4.24كە، بوستانلىقنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2009- يىلىدىكى %14.95تىن %23.5كە يەتتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە تۇپراقنىڭ قۇملىشىشنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلىندى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى ساياھەتچىلىك، بىيولوگىيە كەسپى قاتارلىق يېشىل كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم قىممەتلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئۆزگەردى. ئاۋام ئەۋلادتىن ئەۋلاد قوغداپ كېلىۋاتقان ياپيېشىل تاغ- دەريالار ھەقىقىي تۈگىمەس بايلىققا ئايلاندى.

تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 60 مىليون ئادەم/قېتىمگە يەتكەن. ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى تېزلىتىش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانغان.

2012- يىلى ئۈرۈمچىدە «كۆمۈر ئىشلىتىشنى گاز ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىش» مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى» باشلانغانىدى. ھازىر، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشىلاندى، ھەر يىلى قىش پەسلىدە جەنۇبىي جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشى شىنجاڭغا كېلىپ قار- مۇزنىڭ سېھرىي كارامىتىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولدى. قار- مۇز سەيلىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، شۇ يەردىكى قازاق يىگىتلەر ئاتا- بوۋىلىرىدەك ئوتاردا ئولتۇرۇپ باھارنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايدىغان بولدى، چاڭغا ئۇلارغا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ۋە تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىندا جەمئىيەت ئىناق، مۇھىت ياخشى، خەلق بەختلىك بولۇشتەك گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ياپيېشىل تاغ- دەريالار قوغدالغاچقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. گۈزەل شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ھېكايىلىرى داۋاملىق يېزىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى