تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

(1993 – يىل 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 – يىل 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 – يىغىنىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىى> يولغا قويۇش چارىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلدى، 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 – يىغىنىدا تۈزىتىلدى)

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ چارە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشىنى، ئىجتىمائىي ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلان تۈزۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مېيىپلەر خىزمىتى ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىغا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار ئۆز تەۋەسىدىكى مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

مېيىپلەر بىرلەشمىسى مېيىپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ، مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

3  – ماددا مېيىپلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. پۈتۈن جەمئىيەت باراۋەر بولۇش، قاتنىشىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىشى، مېيىپلەرنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى ۋە ياردەم بېرىشى، مېيىپلەر ئىشلىرىنى قوللىشى لازىم.

4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئىشلارغا ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر بىلەن قاتنىشىشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزگەندە ياكى مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەندە، مېيىپلەرنىڭ ياكى مېيىپلەر تەشكىلاتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى لازىم.

5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر ئىشلىرى خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى، مۇقىم بولغان مېيىپلەر ئىشلىرى خىراجەت كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ھەمدە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي كۆپەيتىشى لازىم.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى لاتارىيە بېلىتى ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندىنى ئىشلىتىش تۈپ مەقسىتى بويىچە، لاتارىيە بېلىتى ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندىنى مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئىشلىتىش سالمىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشى؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەبلەغ ئىئانە قىلىپ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىغا ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن ئىئانە قوبۇل قىلىشىغا مەدەت بېرىشى لازىم. مېيىپلەرگە ئىئانە قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە باجدا ئېتىبار بېرىش كېرەك.

6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرگە يار– يۆلەك بولىدىغان كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى لازىم.

ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 3 – ھەپتىسى ئاپتونوم رايوننىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەشۋىقات ھەپتىسى بولىدۇ.

7 – ماددا مېيىپلىكنى ناھىيەلىك(شەھەرلىك، رايونلۇق) سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە بېكىتكەن داۋالاش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باھالايدۇ.

باھالاشتا مېيىپلىك ئۆلچىمىگە توشقانلار ناھىيەلىك(شەھەرلىك، رايونلۇق) مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ‹‹مېيىپلىك گۇۋاھنامىسى›› ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2 – باب ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشى لازىم. مەھەللىلەرنى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنى ئاساس قىلغان، 1 – دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئۈچ دەرىجىلىك مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى لازىم.

مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

9 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مېيىپ بالىلارنى قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى لازىم.

داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى مېيىپ تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇشى لازىم.

10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە مېيىپلەرگە يېقىن جايدا ئەمەلىي، قولاي ۋە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى لازىم:

(1) مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى پىلانلىق قۇرۇش؛

(2) ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا، شۇنداقلا شارائىتى بار يېزىلىق (بازارلىق) دوختۇرخانىلاردا، مەھەللە، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىدا مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛

(3) مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئائىلىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش.

11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى شەھەرلەر – بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزۈپ، نامرات مېيىپلەرگە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىش، قوشۇمچە ئەسۋابلارنى سەپلەش قاتارلىق ئاساسىي سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى بويىچە ياردەم پۇل بېرىشى لازىم.


3 – باب مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشى

12 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ باراۋەر تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، مېيىپلەر ئارىسىدا ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي يولغا قويۇشى لازىم.

ئادەتتىكى يەسلى مائارىپى ئاپپاراتى، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ھاجىتىدىن چىقالايدىغان، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ گۆدەكلەر، بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشى؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

13  – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر كەسپىي مائارىپىنى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى، شارائىتى بارلىرى مېيىپلەر كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مېيىپلەرنى ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مېيىپلەر كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايدۇ ھەمدە ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

14 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، مېيىپلەرنىڭ سانى، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تۈرى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، مېيىپلەر ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى مۇۋاپىق قۇرىدۇ، ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئالاھىدە سىنىپلارنى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەر ئارىسىدا ئالاھىدە مائارىپنى يولغا قويسىمۇ بولىدۇ.

ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياكى ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ياتاق پۇلى تاپشۇرمايدۇ.

15 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇشى، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپى ياكى ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى لازىم.

ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئىشى پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

16 – ماددا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئاممىۋى پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئالاھىدە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى ۋە گاس – گاچا بالىلار تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، شۇنىڭدەك ھەمراھ ئوقۇتقۇچىلار ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئالاھىدە مائارىپ كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرى پېنسىيەگە چىققاندا بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە مائارىپ ياردەم پۇلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيە مائاشى ئاساس سانىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

17 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار مېيىپلەرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئاكتىپ تەشكىلاتچىلىق قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم. مېيىپلەردىن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، شۇنىڭدەك ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلىشى لازىم.

مېيىپلەردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللىگەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى قوللىشى لازىم.

18 – ماددا مەدەنىيەت، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە ئاخبارات – نەشرىيات تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋە ئورۇنلار مېيىپلەر ئىشلىرىنى، قەيسەر مېيىپلەر ئۈلگىسى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى رادىيو، گېزىت – ژۇرنال، كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە تورلاردا تەشۋىق قىلىشى، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى بېرىشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىش تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېلېۋىزىيە سەھىپىسى، كىنو – فىلىم ئەسەرلىرىگە يېزىق ۋە بارماق تىلى چۈشەندۈرمىسىنى تەدرىجىي كىرگۈزۈشى لازىم.

4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى شەھەر – بازارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

20 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دېيىلىدۇ) مەمۇرلار ۋە خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلغاندا، مېيىپلەرنى كەمسىتسە بولمايدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىكى ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %2ىدىن كەم بولمىغان نىسبەت بويىچە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزەلمىگەنلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ.

مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى مېيىپلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مالىيە تارماقلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مېيىپلەرنى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىشقا ۋە ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە ئىگە قىلىشى، ۋەزىپە (دەرىجە) ئۆستۈرگەندە، ئۇنۋان باھالىغاندا، ئەمگەك ھەققى ۋە تۇرمۇش پاراۋانلىقى بەرگەندە، دەم ئېلىش، ئوتپوسكىغا چىقىش ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتمەسلىكى لازىم.

مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزەلمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇۋاپىق مېيىپلەرنى كۆرسەتسە بولىدۇ.

21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى تەسىس قىلغان ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا مەلۇم نىسبەتتە مېيىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

22 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى ئەمەلىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەپ، مېيىپلەرنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يار – يۆلەك بولۇشى لازىم.

23 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەما ئۇۋۇلىغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم. داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ياكى ئۇۋۇلاش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى كەسىپىي ئاپپاراتلار مۇناسىپ سالاھىيەتنامە ئالغان ئەما ئۇۋۇلىغۇچىلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىشى لازىم.

24 – ماددا مېيىپلەر پاراۋانلىق كارخانىلىرى، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى، ساناتورىيە قاتارلىقلارنىڭ مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزگەن ئورۇنلارغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا، مەبلەغ ۋە سورۇن ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنى قوللاش لازىم.

25 – ماددا مېيىپلەرنىڭ ئۆزى ئىش تېپىشىغا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

مېيىپلەردىن يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىرى قانۇن بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە باشقۇرۇش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە بېرىش جەھەتلەردە مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى تاپشۇرمايدۇ، ئالاقىدار تارماقلار تىجارەت سورۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا ئېتىبار بېرىشى لازىم. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مېيىپلەر قۇرغان كارخانىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئۇلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

مېيىپلەردىن ئۆزى ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

26 – ماددا ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزنىكى ئېچىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا مېيىپلەرنى تونۇشتۇرۇشى ھەمدە مېيىپلەردىن ئارخىپىنى، خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ بېرىش ھەققى ئالماسلىقى؛ مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىشى، تەربىيەلەش ھەققىنى كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى لازىم.


5 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت

27 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، باققۇچىسى يوق ياكى باققۇچىسىنىڭ بېقىش ئىقتىدارى يوق، تىرىكچىلىك مەنبەسى يوق مېيىپلەرنى بېقىشى؛ تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان مېيىپلەرگە تەدرىجىي ھالدا پەرۋىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كەسپىي ئاپپاراتلار تايانچ، مەھەللىلەر ئاساس، ئائىلە ۋە قولۇم – قوشنىلار يۆلەنچۈك قىلىنغان مېيىپلەر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر مېيىپلەر، شۇنىڭدەك ياشانغان مېيىپلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇلارغا قاراش قاتارلىق پاراۋانلىق مۇلازىمەتلىرىنى قىلىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش – باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى سەرگەردان، تىلەمچى مېيىپلەرنى تېگىشلىك دەرىجىدە قۇتقۇزۇشى كېرەك.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مېيىپلەرنى بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مېيىپلەرنى تەربىيەلەش ۋە بېقىپ بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا باج ۋە باشقا جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىلىدۇ.

28 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرتكە توشىدىغان مېيىپلەرنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە ئالدىن كىرگۈزۈشى، شەرتكە توشىدىغان مېيىپلەر ئائىلىسىنى يېزىلاردىكى تۇرالغۇ ياردىمى بېرىلىدىغانلار دائىرىسىگە ياكى شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ كاپالىتى دائىرىسىگە ئالدىن كىرگۈزۈشى لازىم. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسىمۇ، يەنىلا تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە ۋە مېيىپلەر ئائىلىسىگە تۇرمۇش ياردىمى بېرىلسە بولىدۇ.

ئېغىر مېيىپلەر، مېيىپلەر كۆپ ئائىلىلەر ۋە ياشىنىپ قالغان مېيىپلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەردىكى مېيىپلەر، شۇنىڭدەك تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئېلىش دائىرىسىدىكى ئائىلىلەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

29 – ماددا مېيىپلەر ئىشلەيدىغان ئورۇنلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى پۇلىنى تاپشۇرۇشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرنىڭ ئۆزى تاپشۇرىدىغان ھەقنىڭ بىر قىسمىغا ياردەم پۇل بېرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان مېيىپلەر ئائىلىسىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلىرىنىڭ شەخسلەر تاپشۇرىدىغان قىسمىغا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىشى لازىم.

30 – ماددا مېيىپلەر ‹‹مېيىپلىك گۇۋاھنامىسى››گە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئېتىبار تەمىناتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ:

(1) ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس، پويىز، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋالالايدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىن چىقىدۇ، مېيىپلەر يېنىدىن ئايرىمايدىغان سايمانلىرىنى ھەقسىز سېلىۋالىدۇ؛

(2) كېسىلىنى ئالدىن كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى نومۇر ھەققى، ئوكۇل سېلىش ھەققى تۆلىمەيدۇ ھەمدە باشقا ھەقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛

(3) ئەمالار شەھەر ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ھەقسىز ئولتۇرىدۇ؛

(4) ئەمالار ئوقۇشلۇقىغا پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ؛

(5) مېيىپلەر يېنىدىن ئايرىمايدىغان قوشۇمچە سايمانلار ھەقسىز ساقلاپ بېرىلىدۇ؛

(6) ئاممىۋى ھاجەتخانىلىرىدا ھەق ئېلىنمايدۇ؛

(7) باشقا ئېتىبار تەمىناتلار.

تېلېگراف، تور ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ مېيىپلەرگە ئېتىبار بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مېيىپلەرگە تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن ئېتىبار بېرىشىگە، قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە ۋە غەمخورلۇق قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

31 – ماددا باغچە، ھايۋانات باغچىسى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، مەدەنىيەت يۇرتى، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا، پەن – تېخنىكا سارىيى، خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمىخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (سارىيى) ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلىرىنى مېيىپلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىش ھەمدە مېيىپلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئېتىبار بېرىش لازىم.

تىياتىرخانا، كىنوخانا قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى مېيىپلەرگە ئېتىبار بېرىشى ھەمدە مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى، خەلقئارا مېيىپلەر كۈنى قاتارلىقلاردا مېيىپلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىشى كېرەك.

32 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مېيىپلەرگە قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش، قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

6 – باب توسالغۇسىز مۇھىت

33 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلىشى، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي تارماقلىرى توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛ ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن باشقۇرۇشى ۋە ئاسرىشى، ئۇنى نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

34 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېيىپلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىشى، شەھەرلەردە ھازىرقى ئەسلىھەلەرنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، كىچىك شەھەر – بازار، يېزىلار ۋە مېيىپلەر تۇرالغۇلىرىدىكى توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى تەدرىجىي كېڭەيتىشى كېرەك.

توسالغۇسىز ئەسلىھە ئورنىتىش ياكى توسالغۇسىز مۇلازىمەت سورۇنىغا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېنىق بەلگە قويۇش كېرەك.

35 – ماددا شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى تىجارەت كارخانىلىرى تىجارەتلىك توسالغۇسىز ئاپتوموبىللارنى تەدرىجىي سەپلىشى؛ ئاممىۋى قاتنىشى تىجارەت ئاپتوموبىللىرى خەتلىك بېكەت ئۇچۇرى ۋە ئاۋازلىق بېكەت ئۇچۇرى سىستېمىسىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختالغۇلىرى بەلگىلىمە بويىچە قولايلىق جايغا مېيىپلەر مەخسۇس ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىدىغان توختالغۇ ئاجرىتىپ، مېيىپلەرگە ھەقسىز ئاپتوموبىل قويۇش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

36 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېيىپلەرنىڭ توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلىرى ئاۋازلىق ۋە خەتلىك بېشارەت، ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى قاتارلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇرىغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

37 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى، مەسئۇل تارماق ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) مېيىپ ئىشچى – خىزمەتچى بىلەن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلغان ياكى توختاتقانلار؛

(3) ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلەرنىڭ سانىنى يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇۋېلىپ، ئالاقىدار باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار تەمىناتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار؛

(4) مېيىپلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) توسالغۇسىز مۇلازىمەت قىلىش ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئاسراشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

38 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مەسئۇل تارماق تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ ياكى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››غا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:

(1) مېيىپلەرنى بېقىش، قاراش، كۈتۈش مەجبۇرىيىتى ۋە ۋەسىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) مېيىپلەرنى كەمسىتكەن، ھاقارەتلىگەن، زەخىملەندۈرگەن، خورلىغان، تاشلىۋەتكەنلەر؛

(3) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلار؛

(4) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛

(5) توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر.

39 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى تولۇق تاپشۇرمىغانلارنى مالىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى باج تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلاردىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى تولۇقلاپ تاپشۇرغۇزغاندىن سىرت، نېسى قىلغان كۈندىن باشلاپ كۈنىگە ‰5ى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇپ ئېلىنىدۇ.

40 – ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيەلىنىش، مەدەنىيەت تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق – مەنپەئىتى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالاقىدار تارماق قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ مال مۈلۈككە زىيان سالغان ۋە باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

41 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

42 – ماددا بۇ چارە 2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى